-
2009-02-05
5Gلىق ھەقسىز بوشلۇق ئېلىۋېلىڭ! - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34641018.html
بۇ ھەقسىز تور بوشلۇقى ئۈنۈملۈك بولغان بىر ئېلخەت ئادرىسىڭىز بولسىلا ئىسىم بىلەن شىغىر ۋە ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى كىرگۈزۈپ تىزىملاتسىڭىزلا 1Gچوڭلۇقتا بوشلۇق بېرىدىكەن، ئەگەر 10 تۈرلۈك راي سىناش سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ بولسىڭىزلا دەرھال ھەقسىز بوشلۇقىڭىزنى 5Gغا ئۆزگەرتىپ بېرىدىكەن.
بۇ بوشلۇق ئارقىلىق سىز ھەرخىل ھۆججەت ، ھەرخىل رەسىم، سىن ھۆججىتى ۋە mp3 ناخشا ھۆججەتلىرىنى يوللىيالايدىكەنسىز.
ئۇندىن باشقا يەنە يوللىغان ماتېرياللارنى باشقىلار بىلەن خالىغانچە ئورتاقلىشالايدىكەنسىز، ئۆزىنىڭ مەخسۇس سۇپىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق باشقىلار يوللىغان ناخشا ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرمەيلا بىۋاستە كۆرەلەيدىكەنسىز.
ئۇندىن باشقا قول تېلىفون ئارقىلىق باشقىلار يوللىغان ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيدىكەنسىز، ھەم قول تېلىفون قوللىغان مۇناسىپ ھۆججەتلەرنى بىۋاستە قول تېلىفونغا چۈشۈرەلەيدىكەنسىز.......
مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇراي قالغانلىرىنى ئۆزۈڭلار تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋالارسىلەر.
تۆۋەندىكىسى تىزىملىتىش رەسىمى بەك ئاددى:
تىزىملىتىپ بولسىڭىزلا 1G بوشلۇق بېرىدۇ، ئاندىن سىزگە بىر پارچە سېستىما ئۇچۇرى كىرىدۇ، ئۇچۇرنى ئاچسىڭىز راي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئادرىسنى بېرىدۇ، سىز شۇ ئادرىسقا كىرىپ سوئاللارغا مۇۋاپىق جاۋاپى بېرىپ جەزىملەشتۈرسىڭىزلا سىزنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىڭىز 5Gغا ئۆزگىرىدۇ.
بۇ يەردىن كىرىك:
====================================
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەزمونى2009-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يوللانغان بولۇپ ،ئىنكاس رايونىدىكى 2009-5-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە يېزىلغان ئىنكاسلار ئەسلى يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازما، بىراق بىريىلغا يېقىن تور ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم تورلار ئېچىلمىغانلىقتىن، ئەسلىدىكى يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان 5گېگالىق ھەقسىز تور بوشلۇقىمۇ ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ ئەسلىدىكى يازمىنىڭمۇ ھېچقانچە رولى قالمىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا مۇشۇ مەزمون ئاساسىدا مەن يەنە باشقىدىن ھەقسىز بوشلۇق بېرىدىغان تور بەتلەرنى ئەسلى يازمىنىڭ ئاستىغا 2010-يىلى5-ئاينىڭ 28-كۈنى قوشۇپ قويدۇم.
1. ۋاڭيى تور بوشلۇقى
ۋاقىتلىق 163گېگاغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ، مەڭگۈلۈك 3گېگالىق سىغىم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشلىتىش جەريانىدا 16گېگاغىچە كېڭەيتىپ بېرىدۇ.
تىزىملىتىش ئادرىسى:
2. 115توربارماق دېسكىسى
3گېگالىق مەڭگۈلۈك ھەقسىز بوشلۇق، ياكى 5گېگالىق ۋاقىتلىق بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تىزىملىتىش ئادرىسى:
http://u.115.com/invite/58eae742
3. 51ھەقسىز تور بوشلۇقى
رەسىم يوللىغىلى بولىدىكەن، 1گېگالىق ھەقسىز تور دېسكىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تىزىملىتىش ئادرىسى:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
ئەگەر سىزمۇ خالىسىڭىز بلوگىڭىزغا ئەسلىيە خەت نۇسخىسىدا eotتىن بىرنى ياسىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
كېچە سائەت 12 دىن باشلاپلا ئەتىسىگە ھېساپمۇ ؟ كېچىدە چىقىپ ئىلتىماس قىلىشىم كېرەك ئوخشىمامدۇ ؟
يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سىناپ بېقىڭ بولمىسا.
بۇ بوشلۇققا چىقىرىلغان ناخشا ، رەسىم ئادرىسلىرىنى باشقا تور بەتلەرگە ئۇلىنىش قىلغىلى بولامدۇ ؟
بۇ ھەقسىز بوشلۇق يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا دەسلەپتە سىن ھۆججەتلىرىنىمۇ قوللايتتى لېكىن يېقىندا سىن ھۆججىتىنى ۋاقىتلىق يوللىماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى، شۇڭا مۇكەممەللەشكۈچە يەنە ئازراق ساقلىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
سىزنىڭ تونۇشتۇرغىنىڭىز قانداقراقتۇ ، سىناپ باققانسىزمۇ ؟
http://i3.6.cn/cvbnm/0e/d8/5f/bb4b7845805361ff086bd475bccf91cd.jpg
ياكى بۇ مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى مەسىلىمۇ؟
ئېلانىڭىزنى چېكىپ كەتتىم، كۆڭلۈم!
[cusFace:2]
ئېلانلارنى چېكىپ قويۇپسىز كۆپ رەھمەت! كۆڭلىڭىزنى قوبۇل قىلدىم.