• 2009-06-13

    ئۇيغۇرچە يازمىلارغا كود چاپلاش ھەل قىلىندى - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/40934467.html

    ھەممىمىزگە مەلۇم blogbus بلوگبۇستا بلوگگىرلار يازما يازغاندا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يازىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ، بەزى تېخنىكىلىق يازمىلاردا ئۇيغۇرچە ئارىسىغا ھەرخىل HTML, CSS كودلىرىنى قوشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بلوگبۇستىكى بلوگلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئوڭدىن سولغا يېزىش كودى قوشۇلغان، بىراق HTML, CSSكودلىرى بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدۇ، شۇڭا بىز يازمىلارنىڭ ئارىسىغا بىرقىسىم كودلارنى قوشقان ۋاقتىمىزدا كودلاردىكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ(يازما يۈزىدە)

    مەن ئۆتكەنكى "كود يېزىش كۆزنىكى چىقىرىش" دىگەن يازمىدا سېرىلما كۆزنەك قىستۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كودلارنى مۇشۇ كۆزنەك ئىچىگە ئېلىپلا ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغان بولساممۇ بىراق بۇنداق(جاھىل)كودلار مۇشۇ كۆزنەك ئىچىدىمۇ يەنىلا قالايمىغان چىقىۋالاتتى.

    ئەمدى بۇنىمۇ ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تېپىلدى، ئۇ بولسىمۇ HTML نىڭ پارامېتىرى. بۇ پارامېتىرنىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا مۇشۇ بۆلەككە ئېلىنغان بارلىق يازمىلارنىڭ ئوڭ سول ئىككى تەرىپى مەلۇم ئارلىق قالدۇرۇلۇپ باشقا يازمىلار بىلەن ئايرىم بوشلۇقتا تۇرىدۇ، يەنى مۇشۇ پارامېتىر ئىچىگە ئېلىنغان مەزمون ئەتراپتىكى "مۇھىت"نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي يەككە ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پارامېتىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىدىغان مەزمون خەتلىك يازما بولۇپلا قالماستىن بەلكى كود ۋە ئالاھىدە بەلگىلەردىن تۈزۈلگەن باشقا شەكىلدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بولىشىمۇ مۇمكىن.

    بەلكىم بلوگگىر دوستلار دىققەت قىلمىغان بولىشى مۇمكىن، ئالدىن قېتىملىق"بۇ كود بلوگىڭىزغا نابورچىك بولۇپ بېرىدۇ" دىگەن يازمامدا مۇشۇ پارامىتېرنى ئىشلىتىپ كودلارنى قىستۇرغان ئىدىم، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


    ئەمدى بۇ كودنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا توختىلاي:ھەرقانداق يازمىنى يېزىپ ئارىسىغا كود قىستۇرۇش توغرا كەلگەندە يازما يېزىش كۆزنىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى HTMLدىگەن جاينى چېكىپ چىققان كۆزنەككە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاپ ئاندىن كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا سىز قىستۇرماقچى بولغان كودلارنى چاپلىسىڭىز بولىدۇ، (دىققەت: ئەگەر كۆپ قۇرلۇق كود بولسا ھەر بىر قۇر ئاخىرلاشقاندا
    بەلگىسىنى قوشۇپ ماڭىسىز)

    ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

    ئەمدى بۇ كود ئارىسىدىكى تەگلىك رەڭگى ، خەت چوڭلۇقى، خەت رەڭگى قاتارلىق پارامىتېرلارنىڭ قىممىتىنى بلوگىڭىزنىڭ يازما يۈزىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا ئۆزىڭىز بەلگىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    تېخىمۇ ئۇقۇمۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندە بىر نەچچە پارچە كودنى چاپلاش سىناق ئۈلگىسى بېرىلدى:

    {text-align:justify;text-indent:30px;text-kashida-space: 0%;text-justify:inter-word;}

    يەنە بىر ئۈلگە

     

    {
    text-align:justify;
    text-indent:30px;
    text-kashida-space: 0%;
    text-justify:inter-word;
    }

    يەنە بىر ئۈلگە

    dunyakara.blogbus.com
    {margin:0;padding:0;}
    a {text-decoration:none; color:#2fbadf;}
    a:hover {text-decoration:none;color:#fff; background:#2fbadf;}
    a img {text-decoration:none;border:0;}
    .l {float:left;}
    .m {text-align:center;}
    .r {float:right;}
    ul, ol{list-style-type:none;}
    .clear {clear:both;font-size:0;line-height:0;height:0px;}
    table {border-collapse:collapse;}
    table td {vertical-align:top;}
    h1, h2, h3, h4 {font-size:13px; font-weight:normal;}

    ئەمدى مەزكۇر كودنى كۆرۈپ بېقىڭ:

     

    dunyakara

    مەزكۇر كودنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرىۋېلىڭ:

    files/12448396840.rar

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • kisdiiewiiiiewiirwiorwerw
  • مەن بىر بىلوگ ياسغان خەت يازسام نۇرمال ئوقۇغىنى بولماۋاتىدۇ ، قانداق قىلسام بولىدۇ؟
  • مەن بىر بىلوگ ياسغان خەت يازسام نۇرمال ئوقۇغىنى بولماۋاتىدۇ ، قانداق قىلسام بولىدۇ؟
  • مەن بىر بىلوگ ياسغان خەت يازسام نۇرمال ئوقۇغىنى بولماۋاتىدۇ ، قانداق قىلسام بولىدۇ؟
  • پاھ،مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولالماي(بۇرۇن)بېشىم ناھايىتى قاتقان ئىدى،بۈگۈن سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن،ھارمىغايسىز!
    dunyakara回复Uyghurbeg说:
    ئۇيغۇربەگ ئەپەندىمنىڭ ئىنكاس قالدۇرغىنىغا تەشەككۈر!
    2010-06-30 16:49:38
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ مەن بوشلۇق سىتىۋىلىپ بىر تور بىكەت قۇرماقچىتىم. قايسى توربەتدىن بوشلۇق سىتىۋالسام بولاركىن دەپ بىشىم قىتىپ تۇردۇ؟
    ھەممە ئادەم توربىتىنىڭ مۇقىم،تىز بولىشىنى ئۇمۇت قىلىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا سىزدىن مەسلەت سوراي دىگەنىدىم. مەن بىر قانچە بوشلۇق ساتىدىغان توربەتلەرنى بىلىمەن قايسى ئىشەنچىلىكدۇ؟ 1-زىلتار بوشلۇقى 2- 126بوشلۇقى. يانغىن بوشلۇقى. مىڭ يول توربىتى قارمىقىدىكى ش ج 26 بوشلۇقىقاتارلقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ بەرگەن بولسىڭىز. ھە راس بەزىدە چەتئەل بوشلۇقى سىتىۋىلىشنىمۇ ئويلاپ قالىمەن. زادى قەيەرنىڭ بوشلۇقى ياخشى
    dunyakara回复بۇھايات说:
    مېنىڭچە ئۇزۇن مەزگىللىكنى مولچەرلىسىڭىز چەتئەلنىڭكى بوشلۇقىنى سېتىۋېلىڭ.
    2009-06-17 10:15:22
  • دۇنياقارا ، ئەپەندىم ، سىلىنىڭ يوللىغان بۇنداق ئىسىل يازمىلىرنى مېنى بەك خۇشال قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ ، قوللىرىغا دەرىت كەلمىسۇن . ئىسىل يازمىلار توختاپ قالمىغاي . ئامان بولسىلا !
    dunyakara回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىمنىڭ ياخشى تىلەكلىرىدىن خۇش بولدۇم، ئۆزلىرىمۇ ئامان بولغايلا!
    2009-06-17 10:08:10
  • 首页布局设置 نىڭ ئىچىدىكى 3 自定义HTMLئىدى .
    dunyakara回复sitniyaz说:
    نورمال ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى كۆرمىدىم، مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ.
    2009-06-15 00:34:53
  • ھۆرمەتلىك دۇنيا قارا ئەپەندى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بۇلدۇم ! بۈگۈن بلوگىمغا بىر خىل زىننەتلىمە خاراكتىردىكى بىر قۇرال كودى قۇشقان ئىدىم . بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن باش بەت ئىچىلماس بۇلۇپ قالدى . ئەمما ئارقا سەھنىگە كىرگىلى بۇلدۇ . سىزگە ئۇچۇر ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى نامى ۋە مەخپى نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قۇيدۇم . خاپا بۇلماي كۆرۈپ باقسىڭىز .
    dunyakara回复sitniyaz说:
    بلوگىڭىز نورمال ئېچىلىۋاتىدىغۇ؟
    2009-06-15 00:34:20