-
2009-06-17
Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى ياسىلىۋاتىدۇ، تەكلىپ بېرىڭ - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/41119981.html
Blogbusتىن بلوگ تىزىملىتىپ بلوگ يېزىۋاتقانلار كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ قوشۇندىكى بىر قىسىم بلوگگىرلار يېڭى بلوگ قۇرغۇچىلارغا خالىسانە ياردەملەردە بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئېھتىمال بۇندىن كېيىنكى مەزگىللەردىكى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى سەۋەپلىك ئاشۇ ياردەمدە بولىۋاتقان بلوگگىرلار ھەرخىل سوئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاپ بېرەلمەسلىك، ياكى بىر خىل مەزموندىكى سوئاللارغا تەكرار سورىلىش نەتىجىسىدە قايتىلاپ جاۋاپ بېرىشتەك ئىشلارغا يولىقىشى مۇمكىن ھەم ھازىرمۇ بۇنداق ئىشلار ئاندا-ساندا بولسىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا مەيلى ياردەم سورىغۇچى بلوگگىرلار بولسۇن ۋە ياكى قولى كۆكسىدىكى ياردەمدە بولغۇچى بلوگگىرلار بولسۇن، مەيلى يېڭى بلوگگىرلار بولسۇن ۋە ياكى كونا بلوگگىرلار بولسۇن ئېھتىمال ھەممىمىز مۇشۇنداق بىر ئۆز تىلىمىزدا ياسالغان"Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى"غا مۇھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتىم، شۇ سەۋەپلىك پېقىر بۇ مۈشكۈل ئەمما ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ئىشقا تۇتۇش قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
مەزكۇر قوللانمىنىڭ مەزمونلىرىنىڭ كەم-كۆتە بولۇپ قالماسلىقى، مەزمونلىرىنىڭ مۇكەممەل، مۇھىم ھالقىلارنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقى، بلوگگىرلارنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق تۈگۈنلەرگە جاۋاپ تاپالايدىغان بولىشى شۇ ئارقىلىق بارلىق بلوگگىر دوستلارنى مۇشۇ قوللانما ئارقىلىق Blogbusتىن ئىبارەت بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى ھەم بلوگلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىش ئىنكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پېقىر بۇ يازما ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە پىكىر توپلىماقچى ، ھەرقايسى تورداشلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئايىماي بۇ يەرگە قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى مەزكۇر ياسالماقچى بولغان قوللانمىنىڭ ئېلكىتاپ سىناق نۇسخىسىنىڭ سۆرىتى:
مەزكۇر قوللانمىنىڭ سىناق ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ:
مەزكۇر سىناق نۇسخىنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ئۆزىڭىز ئويلىغان قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمونلار بولسا پىكىر-تەكلىپىڭىزنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئايىماي قالدۇرغايسىز.
历史上的今天:
ئازگال مېيىدىن ھەزەر ئەيلەڭ 2010-06-17پىسخىك يېشىڭىز قانچە ياش؟ 2008-06-17ھەقسىز تەرجىمە توربەتلەر دۇنياسى 2008-06-17
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
1_تەكلىپىم:cssقىسمىدىكى كودلارنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈرپ قويغان بولسىڭز. بۇنداق بولغاندا ئۆز ئالدىمىزغا ئۇسلۇپ ياساشقا كۆپ پايدىسى تىگەتتى.
2_تەكلىپىم:قوللانمىنڭ ئاخىرىغا بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈنۈم(زىننەتلەش)كودلىرىنى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەگەر چۈشۈرەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى لىكىن ئامال بولمىدى.
ئاخىردا بۇ شەرەپلىك ئىشنى تىزھەم سۈپەتلىك پۈتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن![cusFace:6]
دولقۇن ئەپەندىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن خۈشھالمەن.
قانداق ئەھۋالىڭىز قېرىندىشم؟
بىر نەچچە كۈن سىز تەرەپلەرگە ئۆتمەستە بولگىزڭىزدا ھەر خىل يېڭىلىقلار بۇلۇپتۇ.....
بولۇپمۇ ھازىر تۇتۇش قىلماچى بولغان ئىشىڭىز بەك خەيرىلىك ئىش بوپتۇ......
ئىشنىڭ باشلىنىشى خەيرىلىك بولسا ئاخىرلىشىشىمۇ خەيرىلىك بولغۇسى.........
ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم!
[cusFace:8][cusFace:6]
مەنمۇ بىر تەكلىپ بىرەي، بولسا مۇشۇ دوستانە ئۇلىنىش بىر بەت بولسا بەكمۇ ئۇزراپ كىتىدىكەن، شۇڭا ئۇنى ئىككى قۇر قىلىش ھەققىدە ياكى بولمىسا ئاستىدىن ئۈسىتىگە ئاقىدىغان ئاقما خەت شەكلىدە كۆرسىتىش ھەققىدە بىر ئىزاھاتىنىمۇ قۇشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن
مەن چوقۇم سىز دىگەن مەسىلىنى ئويلىشىمەن.
بۇلارنى تور بەتلىرىدىكىدەك، ھەر بىر رامكىدا يۇقارقى تىمىلار كۈرۈنىدىغان قىلىپ دىمەكچى .
http://bulak.blogbus.com/
بۇ بلوگنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.