-
2009-05-17
بۇ كود بلوگىڭىزغا نابورچىك بولۇپ بېرىدۇ - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39314217.html
بەلكىم يازما تېمىسى ئۇقۇم جەھەتتىن سەل گوڭگا بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالدى بىلەن نابورچىك دىگەن بۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى: نابورچىك-كەسپى ئاتالغۇ بولۇپ، بەت ياساش ئۇستىسى، بەت تەھرىرلەش ئۇستىسى(ياكى بەت ياسىغۇچى، بەت تەھرىرلىگۈچى) دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە، نەشىرياتلاردىكى مۇشۇنداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى نابورچىك دەيدۇ.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، تۆۋەندىكى كود پارامىتېرلىرى ئارقىلىق بلوگىمىزغا نابورچىك "تەكلىپ" قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بلوگىمىزدىكى يازمىلار ئاپتوماتىك ھالدا رەتلىنىدۇ، يەنى باش قۇردىن باشلانغان ئابزاسلار مەلۇم بوشلۇقتىن كېيىن باشلىنىدۇ، يازمىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋېرتكال سىزىق بويلاپ تەكشى تىزىلىپ يازمىنىڭ سۈپىتىگە ھۆسىن قوشىدۇ، بۇرۇنقىدەك ئەمدى يازمىلىرىمىزنىڭ باش قۇرلىرى ياخشى بولسىمۇ ئاياق قۇرلىرى تەكشىسىز چىقىۋېلىش ھادىسىسىنى تامامەن ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ.
مەزكۇر كودنىڭ پارامېتىرلىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي، چۈنكى مۇشۇ كودنىڭ پارامىتېرلىرىنى پىششىق بىلگەندىلا ئۆزىمىزنىڭ كۆرۈش، ئوقۇش سەزگۈمىزگە تېخىمۇ ماسلىشىدىغان يازما تەھرىرلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز، ھەم شۇنداقلا كودنى ئىشلىتىشتىمۇ قىينالمايلا پارامتېرلىرىنى ئۆزىمىز خالىغانچە تەڭشىۋالساق بولىدۇ.
css 2.0 نىڭ خاسلىقلىرى ئىچىدە تېكىست بولىكى بولۇپ بۇ بۆلەكنىڭ ئىچىدە 24 خىل تېكىست خاسلىقىنى بەلگۈلەيدىغان پارامېتىر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان text-align، text-autospace دىگەندەك پارامېتىرلار بولۇپ يەنە بىر خىل پارامېتىر دەل بىزنىڭ يازمىلىرىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ text-justify
text-justifyتوربەتتىكى يازمىلارنىڭ تېكىست يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش(تەھرىرلەش، ياساش،رەتلەش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بۇ پارامېتىرنى ئىشلەتكەندە چوقۇم text-align:right قىلىپ قويماستىن بەلكى text-align:justify قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك
text-justifyنىڭ تۆۋەندىكىدەك 9 خىل پارامىتېرى بار
text-justify: auto;
text-justify:distribute;
text-justify:distribute-all-lines;
text-justify:distribute-center-last;
text-justify:inter-cluster;
text-justify:inter-ideograph;
text-justify:inter-word;
text-justify:kashida;
text-justify:newspaper;
يوقارقى 9 خىل پارامىتېرىنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
auto: كۆڭۈلدىكى قىممەت بولۇپ، تور كۆرگۈچ ئاپتوماتىك ھالدا يازمىنى ئىككى تەرەپتىن توغۇرلاش ئېلىپ بارىدۇ.
distribute: سۆزلەر ئارىدىسىكى بوش ئورۇننى بىر تەرەپ قىلىدۇ(سوزۇش ياكى قىسىش ئېلىپ بارىدۇ)
distribute-all-lines: ئىككى تەرەپتىن توغۇرلىنىشى distribute غا ئوخشاپ كېتىدۇ، مەنە ئىپادىلىگۈچى يېزىق(ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن ياپون يېزىقى)
distribute-center-last: بېرىلگەن ئېنىقلىما يوق ياكى ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشمىغان
inter-cluster: سۆزلەر ئارىسىدا بوش ئورۇن قالمىغان تېكىستلەرنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئىقتىدار ئاسىيا تىللىرىدىكى تېكىستلەرگە ئىشلىتىلىدۇ
inter-ideograph: ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، پۈتۈنلەي تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، ھەرپ سۆزلەر ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى قىسىش ياكى سوزۇش ئارقىلىق تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئېرىشىدۇ.
inter-word: خەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بوش ئورۇننى قوشۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تەڭشەيدۇ، بۇ خىل ئىقتىدار يازمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىغا ئىشلىمەيدۇ.
kashida: ھەرپلەرنى سوزۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ خىل ئىقتىدار ئەرەپ يېزىق سېستىمىسىغا قارىتىلغان.
newspaper: ھەرپ ياكى خەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بوش ئورۇننى سوزۇش ياكى قىسىش ئارقىلىق يازمىنىڭ ئىككى تەرىپى تەڭشىلىدۇ، بۇ ئىقتىدار لاتىن يېزىقلىرىغا بەك ئىشلىتىلىدۇ.
يوقارقى 9خىل پارامېتىرنىڭ ئىقتىدارىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن مەن مەخسۇس سىناق ئېلىپ باردىم نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولۇپ چىقتى:
ئىشلىتىلگەن كود:
.R1{width:600px;font-family:UKIJ Esliye;border:1px solid #000;}
.b1{background:#FF69B4; text-align:justify; text-indent:40px; text-kashida-space: 0%;text-justify:auto;} /*يازمىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كودى قوشۇلغان */
.b2{background:#3AE2CE;text-align:right;} /*يازمىنىڭ پەقەتلا ئوڭغا توغۇرلاش كودى قوشۇلغان*/
يوقارقى ئىككى خىل كودنى ئوخشاش بىر بۆلەك تېكىستكە قوشقاندىكى ئۈنۈم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقتى:
ئەمدى يوقارقى سۆزلەپ ئۆتكەن 9خىل پارامىتېرنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم -ئايرىم قويۇپ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقتىم: 9خىل پارامىتېرنىڭ قايسىسىنى ئىشلەتكەنلىكىم رەسىمنىڭ بېشىدىكى ئاق قىسىمدا بېرىلدى.
ئۇندىن باشقا يەنەtext-kashida-space: قىممىتىنى 0 قىلغان ۋاقىتتا سۆزلەر ئوتتۇرىدىكى بوش ئورۇننى سوزۇپ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ، قىممىتى 100پىرسەنت بولغاندا بولسا سۆزلەر ئارىدىسىكى بوش ئورۇنلارغا چىقالماي بەلكى ھەرپلەرنى سوزۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
سىناق تامام. ئەمدى خۇلاسىگە كەلسەم: مەن بلوگىمغا تۆۋەندىكىدەك كودنى قوشتۇم:
{text-align:justify;text-indent:30px;text-kashida-space: 0%;text-justify:inter-word;}
بۇنداق پارامىتېرلارنى ئېلىشتىكى سەۋەپ پۈتۈنلەي شەخسىي تەسىراتىمدىن بولدى، ئەگەر خالىغانلار text-justify:inter-word نىڭ ئورنىغا text-justify:kashidaنى ئالماشتۇرۇپ قويىۋالسىمۇ بولىدۇ.
يەنە بىر قىززىق يېرى شۇ بولدىكى مەن بۇ كودنى بلوگىمغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا بېرىلگەن جاۋاپ قىسمىغىمۇ مۇشۇ كودنى قويۇپ باققان ئىدىم، ھا ھا ھا بلوگىمدىكى بارلىق ئىنكاسلار ۋە ئىنكاسلارغا بېرىلگەن جاۋاپلار دەل مېنىڭ كۆزلىگىنىمدەك يازما قۇرلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى تەڭشىلىپ كەتتى، بلوگىمنىڭ دوستانە ئۇلىنىشىدىكى "ئۇلىنىش قوشۇش" دىگەن ئورۇننى چېكىپ كىرىپ بارلىق ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئەگەر سىزمۇ بلوگىڭىزغا "نابورچىك تەكلىپ قىلماقچى" بولسىڭىز يوقارقى كودنى css بۆلىكىنىڭ تۆۋەندىكى ئورۇنلىرىغا قوشۇۋېلىڭ.
قوشماقچى بولغان كودنى بۇ يەرگىمۇ قالدۇرۇپ قوياي:
{text-align:justify;text-indent:30px;text-kashida-space: 0%;text-justify:inter-word;}
1.يازما بېتىنى رەتلەش ئۈچۈن:
postbody پارامىتېرىنىڭ ئىچىگە قويىسىز، ئەسلىدىكى text-align:right; دىگەن پارامىتېرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
2.ئىنكاس بېتىنى رەتلەش ئۈچۈن:
comments .cmtBody پارامىتېرىنىڭ ئىچىگە قويىسىز، ئەسلىدىكى text-align:right;دىگەن پارامىتېرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
3.ئىنكاسقا بېرىلگەن جاۋاپ قىسمىنى رەتلەش ئۈچۈن:
comments .reCmtBody پارامىتېرىنىڭ ئىچىگە قويىسىز، ئەسلىدىكى text-align:right;دىگەن پارامىتېرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
ئۇيغۇرچە يازمىلارغا كود چاپلاش ھەل قىلىندى
Blog:Dunyakara2009-06-13 04:59:22
评论
مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنكاس بىلەن بېرىلگەن جفۋاپ ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرسا كۆرگۈچىگە ئاسانلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
يەنە بىرسىگە ، بىزنىڭ بىلوگىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى يەنە ئىنكاس قالدۇرغۇچىنىڭ سوىزنىڭ بىر رامكىغا ئېلىنىشىمۇ شۇنداق بولدى . بۇنى بىزنىڭ ئەپەندىدىن سورىسام ، تازا خۇشياقمىغاندەك ، بلوگ ئۇسلۇبىنى قاچىلاڭ دەپلا قويدى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم . ئەمىيەتتە بۇمۇ شۇ پارامىتىلارنىڭ ياكى بىرنەچچە كوغنى قوشۇش مەسىلى ئىدى . شۇڭا سىلىنىڭ ئېغىر كۆرمەي بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر ئىزىدىنىپ بېقىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن
ئىككىنچى مەسىلىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. سىز ئىنكاس قالدۇرغۇچى بىلەن ئىنكاسقا بېرىلگەن جاۋاپ قىسمىنى دىمەكچىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا سىزنىڭچە قانداق ئۆزگەرتىش زۆرۈر دەپ قارايسىز؟ تەپسىلىيرەك ئوتتۇرىغا قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
يازمىنىڭ سول تەرىپىنى رەتلىك چىقىرىش ئۈچۈن: text-align:left;
يازمىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى رەتلىك چىقىرىش ئۈچۈن بولسا يوقارقى يازمىدا كۆرسىتىلگەندەك قىلىسىز.
بىلوگ دىگەن مۇشۇ كەنغۇ[cusFace:12]
ئالدى بىلەن سىلىگە چوڭ رەخمەت ئيتىمەن .چۈنكى سىلىنىڭ مۇشۇ بىلوگ ئارقىلىق جىق بىلىملەرنى ئۈگىنىۋالدىم.ئەگەر مۈمكىن بولسا سىزنىڭكىدەك چاشقانەكنىڭ (ماۇسنىڭ) ئوڭ كونۇپكىسىنى چەكلەش كودىنى قويۇشنى ئۈگىتىپ قويامسىز؟
رەخمەت سىزگە[cusFace:1]
مائوسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چەكلەش كودىنى
http://tarim68.blogbus.com دىن كۆرىۋېلىڭ، شۇ بلوگدا مەخسۇس بۇ توغرىلىق يازما بار.
راسىتىنلا بەك تەپسىلى توختىلىپسىز .
كۆپ رەھمەت !!!
مەخسەتكە كەلسەم ، يېقىندا مەن بىر شئېرنى ئىنگىلىزتىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بلوگقا تەرجىمىسى ۋە ئەسلى نۇسخىسىنى يوللىغاندىم . ئەسەر يوللانغاندىن كېيىن مەلۇم بولدىكى ئىنگىلىلىزچە نۇسخىسىدىكى قۇر ئاخىردىكى تېنىش بەلگىلىرى قۇرنىڭ نباش قىسمىغا كېلىۋالدى ، بۇنى ئىنگىلىزتلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە كەينىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ ؟ ئەگەر بولسا ، تەلىم بەرگەن بولسىلا بەك ياخشى بولاتتى . سىلنىڭ ياردەملىرىنى كۈتۈپ : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى
مانا سىلىنىڭ ھاۋالىلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلىنىش بلوگلىرىنىڭ لوگوسىنى ياساپ پۈتتۈرۈپ قويدۇم، بىلمىدىم سىلىگە ياقامىكىن؟
مەن مۇشۇ لوگو ئارقىلىق ئۇلىنىش بلوگلىرىنى بلوگىمنىڭ باش بېتىگە قويۇۋالدىم.شۇ يەردىن كۆرۈپ باقسىلا.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، دۇنياقارا ئەپەندىم ؟ قانداق ئەھۋاللىرى ؟ يىقىندىن بۇيان بلوگ كودى ۋە ئۇبلوگ ئۇسلۇبى جەھەتتە تىنىمسىز زىيارەت چەككەنلىرى ۋە ئىزدەنگەنلىرى نەتىجىسدە يۇقارقىدەك ئىسىل يازمىلار مەيدانغا كېلىپ تۇرۇپتۇ . بۇ شەخسەن مېنى خۇشال قىلدى . ئارامگاھ ئەپەندىم يوقاپ كېتىۋىدى ، مەن ئەمدى كىم بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇراركىن دەپ تۇرسام ، مانا سىلى بىلەن تارىم ئەپەندىملەر بىرلىكتە بۇ ئىشنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدىڭلار ، سىلەرگە بارلىق بلوگگىلار نامىدىن رەھمەت ئېتىمەن . ھەم شۇ ۋەجىدىن بىر نەرسىنى سىلىگە ئۇقتۇرۇپن قويماقچىمەن . دۇنياقارا بلوگى مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نىڭ ئەڭ يۇقرى بىرىنچى قۇردىكى بلوگ تەۋسىيىسى سەھىپىسىگە قوشۇلدى . بۇ ئەلۋەتتە ؟ئۆزىلىرىنىڭ سەمەرىيلىك ئەمگەكلىرىگە چۇشلۇق بولمىسۇ ، ئەمما سىلىگە بىر ئىلھام بولۇشىنى چىن قىلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى بۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيىگە ئىگە بىلوگلار مەيلى قەيسى يەردە بولمىسۇن ، كۆمۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك ، شۇڭا سىلىنىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىلىرىنى ، ھەل بولمىغان مەسىللەرگە داداىللىق بىلەن يۈزلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى
ئۇلىنىش بەتلىرىدە مەزكۇر بلوگنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ قويغانلىقلىرىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم، رەھمەت سىلىگە.
مۇمكىن بولسىلا بۇندىن كېيىنمۇ بلوگ توغۇرلۇق يازمىلارنى يېزىپ تۇرىمەن، سىلىگە ئوخشاش قىزغىن زىيارەتچىلەرنىڭ بولغانلىقى بىر بلوگ قۇرغۇچى ئۈچۈن زور خوشاللىق.
ھە راست ئۇلنىش بلوگلىرىنىڭ لوگوسى قاچان پۈتىدۇ؟ ئۇلىنىش قىلىۋالايلى دىگەن.
ئەگەر كۆزىڭىز يەتمىسە مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي.بولامدۇ؟