-
2009-05-27
ئالدىنقى ھەپتە ساياھەتتە بولدۇم - [سىرلىق دۇنيا]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/40022002.html
ئالدىنقى ھەپتە تەساددىپى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساياھەتتە بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يازما يوللىيالماي ھەم دوستلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋاقتىدا جاۋپ قايتۇرالماي قالدىم، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ دوستلارنىڭ قىزغىن قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇشلىرى ئارقىسىدا ھەرنىمە بولسا بلوگۈم "چۆلدەرەپ" قالماپتۇ، ھەرخىل تېمىلاردا 23پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلۇپتۇ، شۇڭا بۈگۈن ئاساسەن دوستلارنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ يېزىش ئىشى بىلەن بولدۇم. 23 پارچە ئىنكاسنىڭ كۆپىنچىسى ئۇسلۇپ يوللاش، ئۇسلۇپ ئوڭشاشقا ئوخشاش مەزمونلار بولغانلىقتىن بىرمۇ-بىر تەپسىلى ، تەل-تۆكۈس ھەل قىلىشقا تىرىشتىم، مانا ھازىر بارلىق ئىنكاسلارغا جاۋاپ بېرىلىپ بولدى.
ئەمدى دوستلارغا ساياھەت توغۇرلۇق ئازراق مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي: بۇ قېتىمقى سەپەرنى ساياھەت دىگىلى بولمىسىمۇ لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئەھمىيىتى بەك چوڭقۇر بولدى، چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن جايلارغا بېرىۋالدىم. سەپەر لىنىيىسى تۆۋەندىكىچە:
كورلا____لوپنۇر ناھىيىسى____چاقىلىق ناھىيىسى____چەرچەن ناھىيىسى____تەكلىماكان قۇملۇق يولى____كورلا.
دىمەك بايىنغۇلۇن ئوبلاستىنىڭ 3 ناھىيىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. 3 ناھىيە بولغاندىمۇ يەنە كېلىپ تەكلىماكاننىڭ شەرقىغە جايلاشقان ئارلىقى بىرقەدەر يىراق بولغان ناھىيىلەر. ۋاقىت قىس بولغانلىقتىن ھەر بىر ناھىيىدە بەكمۇ ئالدىراش ئۆتتۈق، لوپنۇر ناھىيىسىدە سېۋىن ھېدىنگە يول باشلىغۇچى بولغان ئۆردەك بوۋىمىزنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ئۆتتۇق، چاقىلىق ناھىيىسىدە مىرەن قەدىمى شەھەر خارابىسىنى كۆردۇق، چەرچەن ناھىيىسىدە بولسا زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقىنى كۆردۇق، ئۇندىن باشقا يول بويى بىزگە ھەمراھ بولغان چەكسىز كەتكەن توغراقلار، كۆنجى دەريالىرىنى كۆردۇق.
تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سەپەردىكى بىر قىسىم سۆرەتلەر بېرىلدى.
لوپنۇر ناھىيىسىدىكى كۆنجى دەرياسى ۋە كۆنجى ئارىلى
ئارالدىكى توغراقلىق
ئۆردەك بوۋىمىزنىڭ ھەيكىلى (مۇشۇ ئارالدا ئىكەن، ئەسلى ئورنى تىكەنلىكتە بولۇپ كېيىن يۆتكەپ كېلىنگەن)
ئۆردەك بوۋىمىزنىڭ قەبرىسى
500يىللىق توغراق
كۆنجى دەريا ئۆستىڭى
چاقىلىق ناھىيىسىگە كىرىشتىكى يول، مەنزىرىسى ئالاھىدە چىرايلىق ئىكەن.
چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەن قەدىمىي خارابىسى
چەرچەن ناھىيە يول بويىدىكى توغراق دەرىخى
چەرچەن ناھىيىلىك توك ئىدارىسى
چەرچەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى
چەرچەن ناھىيىسىدىكى زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى
تەكلىماكان قۇملۇقى
تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى
ئوتتۇرا تارىمدىكى نېفىت بازىسى
قاغجىراپ كەتكەن توغراقلار
كورلا شەھەر ئىچىدىكى كۆنجى دەرياسى
تەكلىماكان قۇملۇقى دۇنياغا داڭلىق سېھىرلىك ماكان، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ چوڭقۇر ھىسياتلارغا چۆمدۈم، بۇ توغرىسىدا كېيىنچە چوڭقۇرراق بىر يازما يازارمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
رەسىملەرنى ئەسلى جىقراق يوللاي دىگەن شۇ بىراق ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ...كېيىنچە پۇرسەت بولسا يەنە يوللاپ قويىمەن.
قۇملۇق تاش يولىدا يەنە ماڭغۇم كېلىۋاتىدۇ. دىمەك سىز مەندىنمۇ تەلەيلىك ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟
تارىم ئەپەندىم تەمىنلىگەن ئۇسلۇپنى ئۆزگەرتىۋالغىنىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ.
بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب
قىممەتلىك سۈرەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت!
ئۈمىدۋار ياشاي، تاڭلا-ئەرتىلەردە ماڭىمۇ نېسىپ بوپ قالار ھە؟ [cusFace:2]
يۇرتىمىزنىڭ ساپ ھاۋالىرىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىش ھەممىمىزگە نېسىپ بولغاي!
مەنمۇ تا ھازىرغا قەدەر يۇرتىمىز شىنجاڭنڭ داڭلق ساياھەت شەھەرلىرىدىن ئاران تۇرپانغا بېرىپ بېقىپتىمەن . ئۆزۈم ئاقسۇ ئونسۇدىن بولغاچقا قىرمش ئاتا مازىرىغا بەك كۆپ باراتتىم . بولسا سىلەرمۇ بېرىپ بېقىڭلار . ئاجايىپ دەرەخلەر باردە بۇ يەردە . ئۇلارنىڭ تارىخى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
-----------------------------------------------
ھە راس ، مەن يېقىندا ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلغان ئىدىم . بولسا كىرىپ تەكلىپ بارسىڭز . ئادرىسى : www.ilim-pen.com
ئاقسۇدىمۇ داڭلىق ئورۇنلار بار، مەن بۇرۇن ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە 2ئاي تۇرغان، پۇرست بولسا يەنە بېرىپ كۆرمىگەن جايلارنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار.
خەپ تەتىل كەلسە مەنمۇ بىر ساياھەت قىلمىسام ..... ئەجەپ ئىچىم قاينىدى .[cusFace:0]