• 2009-05-31

    بلوگنى ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىغا قوشۇش - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/40238821.html

    ھەممىمىزگە مەلۇم ئىنتېرنېتتا تۇنجى بولۇپ google ئىزدەش ماتورى 搜索引擎مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان تاھازىرغىچە ئۇچۇر ئىزدەش ،ھىساپلاش ئېلىپ بېرىش تېخنىكىسى google ئىزدەش ماتورىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىزدەش ماتورلىرى مەيدانغا كەلدى، مەسىلەن 百度قاتارلىقلار.مۇشۇ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بولغانلىقىدىنلا بىزنىڭ ئىنتېرنېت دېڭىزىدىن يىڭنىنى(ھەرخىل ئۇچۇر) ئىزدىمىكىمىزمۇ ئاسانلىشىپ كەتتى.

    بلوگىمىزنىڭ ئادرىسىنى نىمە ئۈچۈن ئىزدەش ماتورلىرىغا تاپشۇرىمىز؟--بلوگ يېزىۋاتقان سىزمۇ پەقەت بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى مۇشۇنداق ئىزدەش ماتورلىرىغا تاپشۇرغىنىڭىزدىلا ئاندىن بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى جۈملىدىن ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ماتورلىرى قوشۇۋالىدۇ-دە مەلۇم خىل ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەرگە شۇ ئۇچۇر بلوگىڭىزدىلا بولىدىكەن ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىگە سىزنىمۇ قوشۇپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق بلوگىڭىزنى سىز ئويلاپمۇ باقمىغان كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆرىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بلوگىڭىزنىڭ ipزىيارەت مىقدارى كۆپىيىدۇ، مۇشۇنداق تەرەققى قىلغاندا بلوگىڭىزنىڭ PRقىممىتى يوقۇرلايدۇ، PRقىممىتى يوقۇرلىدى دىگەن گەپ بلوگىڭىزنىڭ ئىناۋىتى ئۆستى ، پايدىلىنىش قىممىتى ئۆستى دىگەن گەپ، مۇشۇنداق بولغان ھەربىر بلوگ يازغۇچى خوشال بولماي تۇرالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

    تۆۋەندە ھەرخىل ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بلوگ ياكى توربەت ئادرىسىنى قوشۇۋېلىش ئادرىسى بېرىلدى، سىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى تولۇق يېزىپ تاپشۇرسىڭىزلا تېز بولغاندا 2 سائەتتىن كېيىن ئاستا بولغاندا 1ئايدىن كېيىن ئىزدەش ماتورلىرى بلوگىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالىدۇ.

    Googleئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://www.google.com/intl/zh-CN/add_url.html

    百度ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://www.baidu.com/search/url_submit.htm

    雅虎ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://search.help.cn.yahoo.com/h4_4.html

    爱问ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://www.iask.com/guest/add_url.php

    中搜ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://ads.zhongsou.com/register/page.jsp

    MSNئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://search.msn.com/docs/submit.aspx?FORM=WSDD2

    TOMئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://search.tom.com/tools/weblog/log.php

    有道ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://tellbot.yodao.com/report?keyFrom=help

    搜狗ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://www.sogou.com/feedback/blogfeedback.php

    奇虎ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://so.blog.qikoo.com/subrss.html

    酷帝ئىزدەش ماتورىغا قوشۇش:

    http://www.coodir.com/accounts/addsite.asp

    كونكىرت مەشغۇلاتتا يوقارقى ھەربىر ئىزدەش ماتورىنىڭ توربەت قوشۇۋېلىش بېتىگە كىرىپ بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى تولۇق يېزىپ تاپشۇرىسىز، شۇندىلا يوقارقى ئىزدەش ماتورلىرى بلوگىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • مةن بذنئ بئلوگئمغا كأچذرذپ ظئشلئتئپ باقسام بذلامدذ؟
  • بىر قېتىم قوشقاندا قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرىدۇ،مەلۇم مۆھلىتى بولامدۇ؟
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    بىر قېتىم قوشۇپ بولسىڭىزلا كۇپايە، مۇددىتى يوق.
    2010-07-10 12:26:20
  • كۆك ئاسمان ئۇلۇبىنىڭ ھەرقايسى كود لىرى (مەندە بار بولغان) تۇلۇق بولسا شۇنى ئىشلىتەي.
    dunyakara回复wulkan说:
    كۆك ئاسمان ئۇسلۇبى سىزگە يارىغان بولسا ئەمىسە شۇنى ئىشلىتىڭ.
    2009-06-07 10:05:42
  • ھەر قايسى ئۇسلۇپنلارنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ ؟
    dunyakara回复wulkan说:
    ئۇسلۇپنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
    2009-06-07 10:04:59
  • سىزنڭىكدەك بولسا بۇلاتتى
    dunyakara回复wulkan说:
    مېنىڭكى شۇ بەكمۇ ئاددى.
    2009-06-07 10:04:36
  • مەنمۇ ئۇسلۇپ ئالماشتۇراي دىگەن ، بىراق كودى يوق ، مۇمكىن بولسا مۇكەممەل ،كۆركەم بولغان بىرەر ئۇسلۇپقا ئالماشتۇرۇپ بىرەمسىز .
    dunyakara回复wulkan说:
    پېقىرنىڭ بلوگىدا، تارىم بلوگىدا ۋە باشقا بلوگلاردا ھەقسىز ئۇسلۇپ بەك كۆپ ئۆزىڭىزگە ياقىدىغاننى تاللاپ ئاندىن خەۋەر قىلىڭ.
    2009-06-07 10:04:08
  • سىز دىگەندەك قىلىپ قويدۇم ، قاراپ بېقىڭ.
    dunyakara回复wulkan说:
    بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك، چۈنكى بلوگىڭىزغا قويغان ئۈنۈم كودلىرى خېلى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا قانداق ئۇسلۇپنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى مەن بىلەلمىدىم.
    بلوگىڭىزدىكى ئىنكاس يېزىش رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى قالايمىغان چىقىۋالغان تەھرىر رەسىملىرى پەقەتلا يوقىمىدى، شۇڭا ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ.
    2009-06-06 01:33:04
  • مېنىڭچە بلوگباستىكى بلوگنى ئىزدەش ماتۇرلىرىغا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بلوگباس باش بېتى تىزىملىتىلغان بولسىلا كۇپايە، چۈنكى بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىمىز بلوگباس تور نامى ئاستىدىكى ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامى.
    مەسلەن بىزنىڭ بلوگنى مەن ھېچقانداق ئىزدەش ماتۇرىغا خەتلىتىپ باقمىدىم، بىراق گوگىلجان بىرىنجى بۇلۇپ مەزمۇننىنى ئىزدىيەلەيدۇ.
    dunyakara回复ئەنقا说:
    دەل بلوگلىرىمىز ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق مەشغۇلات ئارقىلىق قوشۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
    مەن يوللىغان ئىزدەش ماتورلىرىغا قاراڭ يالغۇز گوگۇلجانلا ئەمەس
    2009-06-06 00:05:49
  • رەھمەت سىزگە ، ھەممىسىنى يېزىپ تاپشۇرۋەتتىم . كۆپ يوللاپسىز.
    dunyakara回复ئۆرلە بىلوگى说:
    ئەرزىمەيدۇ، ئاساسلىق داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرى يوللاندى.
    2009-06-05 22:40:56
  • سىزنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويدۇم، قاراپ بېقىپ ئوبدانراق ئوڭشاپ بىرەرسىز.
    dunyakara回复wulkan说:
    باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشتا:
    博客设置 ->作者管理->激情新作者->权限设置->管理员
    يوقارقىدەك تەرتىپلەردىن ئۆتىسىز.
    تەكلىپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن dunyakaraنىڭ ئۇدۇلىدا 权限设置دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ شۇنى چەكسىڭىز "يازغۇچى" ياكى "باشقۇرغۇچى" دىگەن تاللانما بار سىز "باشقۇرغۇچى" دىگەن تاللانمىنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
    2009-06-05 22:39:18
  • ئىنكاس رامكىسى ئالدىدىكى سەت رەسمنى قاندق يوقتمىز؟ بۋاستە ئىنكاس يازغىلى بولدىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟
    dunyakara回复wulkan说:
    ئىنكاس رامكىسى ئالدىدا ئىككى خىل رەسىم بار ئىكەن بىرى بلوگبۇسنىڭ ئېلانى، يەنە بىرى ئىنكاس تەھرىرلەش ئىقتىدار بەلگىلىرى (قالايمىغان ئېچىلىپ كېتىپتۇ) سىز قايسىسىنى دىمەكچى؟
    باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلماپسىز بەلكى يازغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويۇپسىز، قايتىدىن باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىڭ، مەن ئوڭشاپ بېرەي.
    2009-06-05 22:27:03
  • گۇگۇل ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن باشقىلىرى ئۇيغۇرچە تور بەت - بلوگلارنى بەك قوللاپ كەتمەمدۇ قانداق؟ خۇسۇسەن يۈكسەل بلوگىنى قۇرۇلغاندىن بېرى يۇقىرىقىدا كۆرسىتىلگەندەك ھەرقايسى ئىزدەش ماتۇرۇلىرىغا قوشۇپ كۆرۈپ باقتىم. پەقەت گۇگۇل ئىزدەش ماتۇرى بىلەن ياخۇ ئىزدەش ماتۇرىنىڭ قوشۇۋالغان بەتلىرى كۆپ، قالغانلىرى ئاران باش بەتنى قوشۇۋالغان ئوخشايدۇ.
    dunyakara回复يۈكسەل说:
    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك گوگۇلدىن باشقا ئىزدەش ماتورلىرى ئۇيغۇرچىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدۇ، شۇڭىمۇ پېقىر خەتكۈچلەرنى پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىم شۇنىڭدىندۇر.
    گوگۇلنىڭ ئىزدەش ماتورىدا ئۇيغۇرچىنى قانداقلا بولمىسۇن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بىراق باشقا ئىزدەش ماتورلىرىدا بولسا كۆپىنچە سوئال بەلگىسى بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ بەيدۇدا.
    شۇڭا ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ قوشۇۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەتكۈچنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق يەنە كېلىپ خەنزۇچە ئاتالغۇدىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2009-06-05 22:22:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دېگەنتىم.
    مەن بلوگىمنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، شەخسىي ماتىرىيالىمنى ئۆزگەرتكەن ئىدىم.
    بىراق شۇنىڭدىن كېيىن، بلوگدىكى ئىلگىرى يازغان يازمىلىرىمدىكى يازغۇچى دېگەن ئورۇن قۇرۇق بولۇپ قالدى. ھازىر يازما يازساممۇ ، يازغۇچى دېگەن ئورۇن يەنىلا قۇرۇق چىقىۋاتىدۇ. (بلوگىم Blogbus سۇپىسىدا)
    قانداق قىلسام بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايمەن! ياردەم بەرگەن بولسىڭىز.
    رەھمەت!
    dunyakara回复yigit说:
    بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇڭ، كۆرۈپ باقاي......
    2009-06-05 00:03:42
  • خالىسىڭىز بۇبىلوگنى بىرگە قۇرۇپ چىقساق بۇلۇدۇ، ھەممىسى خالىسانە ،شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ بۈگىنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن خالاس .
    بۇنداق ئەمگەك سۇغۇرتىغادائىر كەسپىي توربەت بىزدە تېخى يوق .
    dunyakara回复wulkan说:
    بلوگدىكى مەسىلىلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ياردەم قىلسام بولىدۇ. بلوگدىكى يازمىلارغا نىسبەتەن يەنىلا سىز كەسپ ئەھلى ئوخشايسىز.
    2009-06-05 00:03:05
  • مەن بۇبىلوەگنى ئەمگەك سۇغۇرتغادائىر مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقاي دىگەن،بىراق مىنىڭ كومپيوتىر سەۋيەم تۆۋەنرەك،شۇسەۋەبتىن كۇڭۇلدىكىدەك قىلالمايۋاتىمەن.
    مىنىڭ پىلانىم دەۋرىمىزدە كارخانا،بازارئىگىلىكى ناھايىتى تىز تەرەەقى قىلىۋاتىدۇ، بىراق بىزنىڭ مىللەتتە بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچە بەك كەمچىل بولغانلىقتىن مەيلى كارخانچىلار بولسۇن مەيلى ئىشچى خىزمەتچىلەربولسۇن، ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەجبۇريەتلىرىنى تۇلۇق ئاڭقىرالمايدىغان، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچۇرتىدىغان ، ئاخىرىدا ئورۇنسىز داۋادەستۇرقىلىپ ئاقتۇرالمايدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر .شۇڭلاشقا شۇلارغا ياردىمى بۇلارمىكىن دەپ مۇشۇنداق ئىشقا تۇتۇش قىلىدىم. كۆپچىلىك ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويسا، مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جاۋاپ بەرسەم ، تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچلىرى ۋە ئىجتىمائى سۇغۇرتا نازارىتى(ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتى)گە ئۇيغۇرچە سىياسەتلەرنى چىقىردىغان ھۇكۇمەت تورى چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنماقچى.
    بىلوگىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خەتلىرى ئۇچۇق ،شەكلى كۆركەم ئەمەس ، باشقىلارنىڭ خەت قالدۇرۇشى قولايسىز، بىۋاستەئۇيغۇرچە خەت يازماق تەس قاتارلىق كەمچىلىكى بار.
    @@284605196
    dunyakara回复wulkan说:
    بلوگىڭىز بىر ئوبدان ئوڭشىلىپتۇ.
    سىز دىگەندەك بۇ ساھەدە تېخى مەخسۇس بلوگلار كەمچىل ، تىرىشقايسىز.
    2009-06-05 00:02:05
  • ياخشىمۇسىز؟ سىز ئۈزلۈكسىز ھالدا بىزلەرنى يېڭى بىلىملەربىلەن تەمىنلە ۋاتسىز بىز بۇنڭنىدىن ناىايىتى مىننەتدار، مۇمكىن بولسا مىنىڭ بىلوگىمنى ئوڭشىشىپ بەرگەن بولسىڭىز، رەخمەت .
    @@264605169
    dunyakara回复wulkan说:
    ياخشىمۇسىز؟ مەزكۇر بلوگدىكى يازمىلاردىن كۆپچىلىك دوستلار مەنپەئەتلەنسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇشھال.
    بلوگىڭىزنى قانداق ئوڭشاي دەيسىز؟ كونكىرت پىلانىڭىزنى ئىنكاس قالدۇرۇش بىلەن بىرگە مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز ئوڭشاپ بەرسەم بولىدۇ.
    مېنىڭ qq:472555008
    2009-06-02 00:37:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن 百度 ئىزدەش ماتورىغا بلوگۇمنى قوشسام مۇنداق خەت چىقىۋالدى.
    提交成功!感谢您对百度的关注和支持!

    dunyakara回复تاڭ سەھەر 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇشۇنداق خەت چىققان بولسا بلوگىڭىزنى تاپشۇرغىنىڭىز ئوڭۇشلۇق تاماملاندى دىگەن گەپ.
    2009-06-02 00:33:29
  • ھەر بىر يازما ئادىرىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللايدىغان گەپمۇ ياكى بلوگ ئادىرىسىنى بىرلا يوللاشنى ئىلتىماس قىلىۋەتسەك ئۆزلىرى كېيىن تۇنۇپ قوشىۋالامدۇ؟ مەن ئىلگىرى Google غا ھەر بىر تېما ئۇلىنىشى بويىچە بىر مەزگىل قوشۇپ كەلگەن. كېيىن تاشلاپ قويدۇم. بۇنى سىناپ باقاي دىسەم ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. شۇڭا سورىشىم....
    dunyakara回复Boghlan说:
    ھەر بىر يازمىنىڭ ئادرىسىنى قوشۇش ھاجەتسىز، پەقەت بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ. كېيىنچە بلوگىڭىزدىكى بارلىق يازمىلارنى ئۇلار ئۆزلىرى قوشۇۋالىدۇ.
    2009-06-01 02:23:12