-
2009-02-07
كۆزنەك ۋە كۆزنەك مەھەللىسى ئۆزگەرتىلدى - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34734272.html
كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللىسى قۇرۇلغىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. بىراق مۇشۇ بلوگبۇسنىڭ مەھەللە ئىقتىدارىدا زادى ئىلگىرلەش بولمىدى، ئەكسىچە بىر قىسىم بلوگلار يازمىلىرىنىڭ قالايمىغان كود ھالەتتە كۆرۈلىشىدەك مەسىلىلەر توختىماي سادىر بولۇپ تۇردى. بۇ نۇقتىنى ھەممەيلەن كۆرۈپ يەتتۇق. مېنىڭمۇ ئىچىم سىقىلىپ قالغان ئىدىم، شۇڭا كۆزنەك بلوگگىرلار چوڭ ئائىلىسى بىلەن كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللىسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ رەتلەپ چىقتىم، بۇنىڭدىمۇ ئەلۋەتتە بلوگبۇسنىڭ 博链ئىقتىدارىدىن پايدىلاندىم.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېلى كۈزۈتۈش ئارقىلىق بلوگبۇسنىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ خېلى سەزگۈرلىكىنى بايقىدىم، ئىقتىدار جەھەتتە RSS ئوقۇغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا مەنمۇ كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللىسىنى مۇشۇ شەكىلدە رەتلەپ قويدۇم، چۈشۈپ قالغان بلوگلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ، قوشۇپ قويىمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
moyunqur.blogbus.com
ئاندىن تاللىغان ئۇسلۇبىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرىش بىلەن بىرگە مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز ئوڭشاپ بېرەي ، بولامدۇ؟
تەلەپ بويىچى بلوگىمنىڭ rssسىنى بلوەگمدىكى ئىنكاسىڭز ئاستىغا قالدۇردۇم .بۇيەرگە قەلدۇراي دېسەم مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكسىن چەكلەپ قۇيۇپسز .
دۇنيا قارا ئەپەندى، ئۆزلىرىنى يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىگە تەكلىپ - پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلغاچ، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەچ، مۇناسىپ جايدا ئۇلىنىش بېرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.
كامالىي ئېھترام بىلەن
يۈكسەل
ئۇندىن باشقا بلوگلىرى كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللىسىگە قوشۇلدى.
يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش توپلىمى ساپ بلوگلاردىن جەملەنگەن ياخشى توپلام بولۇپتۇ، مۇمكىن بولسا بۇ توپلامنىڭمۇ كىچىك لوگو رەسىمىدىن بىرنى ياساپ قويسىلىرى كۆزنەككە قوشۇپ قوياي دىگەن ئىدىم.
ھە راست ، قايسى بلوگقا eotقوي دەيسىز؟ مەن چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ سىزنىڭكىدە قايسىدۇربىرى نورمال كۆرۈلمىدىما؟