• 2009-01-30

    Blogbusنىڭ config بۆلىكى ھەققىدە چۈشەنچە - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34341647.html

    يازما تۆۋەندە:

    يېقىندا بلوگبۇس باشقۇرۇش سۇپىسى ئۇسلۇپ بۆلەكلىرىگە يېڭىدىن config دەيدىغان بىر بۆلەكنى قوشۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بۆلەكنىڭ قانداق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوچۇق دىيىلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار بۇ بۆلەككە ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدى. چۈنكى ئىختىيارى ئۇسلۇپلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ بۆلەك ئاق ھالەتتە قۇرۇق تۇراتتى.

    ئەمىلىيەتتە بۇ بۆلەكنىڭ ئىقتىدارى ئۇسلۇپ ياسىغۇچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

    ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىنى قىلىپ بۇ بۆلەكنىڭ قانداق ئىقتىدارى بارلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بلوگگىر دوستلارنىڭ بۇ بۆلەكنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالسا يېتەرلىك، مۇبادا ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ياكى ئۇسلۇپ ياسىغۇچى بلوگگىرلار بولسا بۇ بۆلەكنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.

    Config بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارى:- بلوگبۇس ئۇسلۇبىنىڭ بەت يۈزىدە (يەنى زىيارەتچىنىڭ كۆزنىكىدە ئەمىلى كۆرىنىدىغان بەت يۈزى) ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھەم ئەسلى بۆلەكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى(بەت يۈزىدىكى جايلىشىش ئەھۋالى) قاتارلىق پارامىتىرلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    بلوگبۇس ئۇسلۇبىنىڭ بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى دىگەننى تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. رەسىمگە قاراڭ:


     

    ھەممىمىزگە مەلۇم indexبۆلىكى بولسا باش بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۆلەك.

                              Detailبۆلىكى بولسا ئارقا بەتلەردىكى بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۆلەك.

    ئەمدى بۇ config بۆلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان پارامىتىرلار ھەققىدە ئاددى چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالايلى:

    Column : قوشۇمچە ئىستون.

    Potition: قوشۇمچە ئىستوننىڭ ئورنىنى بەلگۈلەش (يوقارقى رەسىمدىكىدەك)

    Accept: قوشۇمچە ئىستوندا قوشۇشقا بولىدىغان بۆلەكلەر

    Recommend: قوشۇمچە ئىستوندا ئەسلى ھالىتىدىكى بۆلەكلەر

    Login: باشقۇرۇش

    Calendar: كالېندار

    Search: ئىزدەش

    Logs: يېڭى يازمىلار

    Comments: يېڭى ئىنكاسلار

    Tags: خەتكۈچ

    Cats: يازما تۈرلىرى

    Archives: ئارخىپ

    Links: دوستانە ئۇلانمىلار

    Profile: ماتېريالىم

    Bloglink: بلوگ ئۇلىنىشلىرى

    Regicon:بوشلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى

    Custom: ئىختىيارى HTML1

    Custom2: ئىختىيارىHTML2

    Custom3: ئىختىيارىHTML3

     

    ئەمدى تۆۋەندىكى بىر ئاددى مىسال ئارقىلىق يوقارقى پارامىتىرلارنىڭ config بۆلىكىدىكى ئىقتىدارىنى كۆرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:


    كودنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىم شەكىلدە يوللاپ قويدۇم ، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • رەخمەت سىزگە ، ئېلانىمنى ئوڭشىۋالدىم !!
    ئېلانىڭىزنى چېكىۋەتتىم ئەمىسە !!
    dunyakara回复كارۋان说:
    ئەرزىمەيدۇ، كارۋان ئەپەندىم.
    2009-01-31 18:52:23
  • ئەزىز قېرىندىشىم ، سىزدىن جىددى ياردەم سورايمەن .
    مۇنداق گەپتى مەن ئالى موما ئېلانىنى بلوگىمغا قويغان ، بىر ئىشنى بىلەلمىدىم ،
    يەنى ئېلان قويغان جەدۋەلدىكى ئېلان ئوڭ تەرەپكىلا توغۇرلىنىۋالدى ، بولسا مېنىڭچە
    بولغاندا ئېلان شۇ جەدۋەلنىڭ (سىتوننىڭ ) ئوتتۇرىغا كېلىشى كېرەك ئىدى .
    قانداق قىلغاندا ئوتتۇرىغا توغۇرلىنىدۇ .
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
    (جاۋاپنى بېنىڭ بلوگىمغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ )
    dunyakara回复كارۋان说:
    ئېلان كودىنىڭ ئىچىدە text-align:right دىگەننى text-align:center غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ. ئەگەر بۇ پارامىتېر يوق بولسا سىز قوشۇپ قويسىڭىز بارلىق ئالىماما ئېلانلىرىڭىز ئاپتوماتىك ئوتتۇرىغا توغۇرلىنىدۇ.
    2009-01-30 13:39:52