• 2009-01-26

    RoundedCornrيۇمۇلاق بۇرجەكلىك رەسىم چىقىرىش ھەقسىز توربېتى - [لازىملىق تور بەتلەر]

    Tag:图片 网址

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34180835.html

    بىزگە ئوخشاش بلوگ ئىشلىتىۋاتقانلارغا يۇمۇلاق بۇرجەكلىك رەسىم ياساش بەكلا زۆرۈر بولىدۇ، بۇنداق ئۈنۈمنى فوتوشوپتىمۇ ياسىغىلى بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ كەمچىلىكى مەشغۇلات مۇرەككەپ، ھەم ياسىغان رەسىمنىڭ كودى يوق.

    تۆۋەندىكى توربەت دەل مۇشۇ مەخسۇس يۇمۇلاق بۇرجەكلىك رەسىم چىقىرىشنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان توربەت بولۇپ ، ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزگە ئېھتىياجلىق بولغان رەسىمنىڭ رەڭگى ، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بۇرجەكنىڭ ياي بۇلۇڭى قاتارلىق پارامىتېرلارنى كىرگۈزسىڭىزلا سىزگە رەسىمنى تەلەپ بويىچە چىقىرىپ بېرىدۇ.

    قېرىنداشلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەن بۇ توربەتنىڭ ئېنگىلىسچە پارامېتىر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ تۆۋەندىكىدەك رەسىم ئارقىلىق يوللاپ قويدۇم.

    بۇ توربەتتە يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك تۆت خىل رەسىم چىقىرىش ئىقتىدارى بولۇپ ، ھاسىل بولغان رەسىمنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيوتېرىغا ساقلىۋالغاندىن سىرت يەنە مۇشۇ رەسىمنىڭ HTML ،CSS كودلىرىنىمۇ چىقىرىپ بېرىدۇ، سىز بۇ كودتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.

    بۇ توربەتنىڭ بىردىن-بىر كەمچىلىكى شۇكى رەڭ كودى بىلەن تەمىنلىمىگەن شۇڭا لازىملىق رەڭ كودىنى ئۆزىڭىز كىرگۈزىسىز.

     

    قېنى مەرھەممەت

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • تەييار بار رەسىمنىڭ بۇرجىكىنى يوقاتقىلى بولمامدىغاندۇ
    dunyakara回复بايلىق说:
    بۇنداق قىلىش ئۈچۈن يۇمشاق دېتالغا تايىنىسىز.
    2010-07-05 11:10:37
  • ئوبدانلا ھۈنەركەنغۇ بۇ .... رەھمەت سىزگە...........
    dunyakara回复سەرخىل说:
    سىزگە چوقۇم لازىم بولۇپ قالىدۇ بۇ ئەپەندىم. سىزگىمۇ رەھمەت.
    2009-02-04 10:14:46
  • ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىككەن! بىزگە راسىتلا ئەسقاتقۇدەك! كۆپ رەھمەت![cusFace:7]
    dunyakara回复ۋارىس说:
    دوستلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا مېنىڭمۇ ئەجرىم بىكارغا كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ۋارس ئەپەندىم.
    2009-01-29 21:59:25
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن كۆپ مەنپەئەتلەندىم. سىزگە سەمىمى رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەم ئىشلىرىڭىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مەن سىز يوللىغان بىلوگ ھەققىدىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ئۈزۈمنىڭ غەىسى بىلوگىمنى قۇرۇۋالدىم . خالىسىڭىز بىلوگىمنى ئولىنىش قىلىپ قويسىڭىز . بىلوە ئادرىسىم: http://darslik8.blogbus.com
    بىلوگ نامى: يىڭىلىقلار
    توغ ئادرىسى: http://darslik8.blogbus.com/files/12330380740.jpg
    dunyakara回复ئوسمان说:
    دوستلارنىڭ بلوگىمدىن مەنپەئەتلەنگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. بلوگىڭىزنى كۆردۈم بەك ياخشى قۇرۇپسىز.
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2009-01-29 21:58:31