• 2009-01-24

    Google Earthدېتالىنى چۈشۈرىۋېلىڭ - [google earth خەرىتە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34037334.html

    قايسى كۈنى بىر تورداشنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسى بويىچە مەن Google Earth دېتالىنى ئىزدەپ تىپىپ يوللاپ قويدۇم، لازىم بولغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.

    بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ھەم يېڭىلانغان ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

    1.قورال تىزىملىكىدىن كىرىپ مەزكۇر دېتالنى مۇرەككەپ خەنزۇ تىلى ھالىتىگە تەڭشىگىلى بولىدۇ

    2.مۇرەككەپ دېتال قاچىلاش جەريانى ئاددىلاشتۇرۇلغان

    3.خەنزۇچە-ئېنگىلىسچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ

    4.ئۆز جايىدىن ئىزدەش ۋە شوپۇرلاريولباشچىسى قاتارلىق ئىككى خىل مۇلازىمەت قوشۇلغان

    5.ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشتە كۆرگىلى بولىدۇ

    مەن ئۆزۈم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقمىدىم، چۈنكى كومپىيوتېرىمدا قاچىلاقلىق نەشرى بۇنىڭدىن سەل تۆۋەن ئىدى، بىراق ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سانلىق مەلۇماتلار ساقلاقلىق ، ئەگەر بۇنى قاچىلاپ كۆرىمەن دىسەم بۇرۇنقى نەشرىنى ئۆچۈرىۋېتىپ ئاندىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭلاشقا بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنى يۈتتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ سىناق قىلالمىدىم، ئەگەر ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ھۆججەت چوڭلىقى:7.32 مېگابايت

    چۈشۈرۈش ئادرىسى:

    نامىدېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • شۇ ۋاقىتتتا مەنمۇ سىزنىڭ ماڭا يوللاپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلغان ئىدىم ئەمدى بۇنى سىناپ باقاي. رەھمەت سىزگە. بىز تەرەپكىمۇ ئۆتۈپ تۇرۇڭ```
    dunyakara回复چەۋەندازلار说:
    ئەرزىمەيدۇ، چەۋەنداز ئەپەندىم.
    2009-01-31 18:53:50
  • بۇ دېتالنىڭ ئېسىللىكىدە گەپ يوق، ئەمما مەن 3D ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى زادى بىلمىدىم، ياكى قوشۇمچە ياماقلىرى بارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە يازالامسىز؟
    dunyakara回复بوغلان说:
    مۇشۇ ھەقتە بىر يازما يېزىپ يوللاپ قوياي بوغلان ئەپەندىم.
    2009-01-29 22:07:55
  • ياخشى قورالكەن رەخمەت
    dunyakara回复بىلىش说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2009-01-26 17:24:41
  • مۇشۇ Google Earth بىلەن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى خېلى قېرىشقان ئىدىم،ئۇندىن كىيىن تاشلىۋېتىپ ھازىر يەنە ئازراق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.خېلى كۆپ ئىشلارنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاسانلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ.
    dunyakara回复ئىدىقۇت بىلوگى说:
    ھا ھا ھا ماڭا بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. مەن تەبىئەتكە بەك قىزىقىمەن ، شۇڭا مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرىمەن دەڭا ئىدىقۇت ئەپەندىم.
    2009-01-25 00:18:31
  • مەن ئىلگىركى نەشىرلىرىنى ئىشلىتەتتىم، ھازىرقى يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتپ باقمدىم
    dunyakara回复بوغلان说:
    بۇ دېتالنىڭ ئاپتوماتىك قاچىلاش ئىقتىدارى بار بولغاندىن كېيىن، مەنمۇ يېڭى نەشرىگە ئالماشتۇرمىدىم، بوغلان ئەپەندىم. تېكەس ناھىيەسىنىڭ رەسىمىنى يوللىسام بىر تورداش مۇشۇنداق بىر دېتالنى ئېۋەتىپ بېرىڭ دىگەنتى يوللاپ قويدۇم.
    2009-01-24 22:04:35
  • بلوگىڭىز ئۇيغۇر بلوگگېرلار قانىلىغا قوشۇلدى.
    تەكلىپ-پىكىر بەرگەيسىز
    مەنزىل: http://qanal.u.blogbus.com
    dunyakara回复قانال说:
    ياخشى قىلىپسىز، تەكلىپىم يازمىلارنىڭ تېمىسىنى يەنىمۇ ئازراق چوڭلىتىپ قويسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەندۇق.
    2009-01-24 22:05:46