• 2009-07-02

    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر......... - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/41780409.html

    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: قانداق جىددى ئەھۋالغا يولۇقتىڭىز؟
    ياردەم سورىغۇچى: شۇنداق ئەپەندىم، مەن بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا مۇھتاج، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بولىدۇ ئەپەندىم، سىزنىڭ ئادرىسىڭىز؟
    ياردەم سورىغۇچى: كالفورنىيە، لوس-ئانزژىلېس90077.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بولىدۇ ئەپەندىم، كالىۋود يولىمۇ؟
    يازدەم سورىغۇچى: شۇنداق ، كالىۋود يولى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
    ياردەم سورىغۇچى: بۇ يەردە بىر كىشى بار، ئۇ ياردەمگە مۇھتاج، ئۇنىڭ ھازىر نەپىسى يوق،بىز قول بىلەن يۈرەك قوزغىتىش تەدبىرى قوللانغان بولساقمۇ بىراق ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىدى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بىمار قانچە ياش؟
    ياردەم سورىغۇچى: 50ياش.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: 50ياش، ئۇنىڭ ھازىر سېزىمى يوق، نەپىسىمۇ يوق شۇنداقمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: شۇنداق، ئۇنىڭ نەپىسى يوق.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇنىڭ سېزىمىمۇ يوقمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: شۇنداق، سېزىمى يوق.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇ ھازىر پولدىمۇ ياكى كارۋاتتىمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: كارۋاتتا، كارۋاتتا.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بىمارنى پولدا ياتقۇزۇڭ.
    ياردەم سورىغۇچى: بولىدۇ.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇنى پولدا ياتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن سۇنئى ئۇسۇلدا يۇرەك قوزغىتىش تەدبىرى قوللىنىپ تۇرۇڭ بولامدۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: بىز....بىز....
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بىزنىڭ داۋالاش خادىملىرىمىز ئاللىقاچان يولغا چىقىپ بولدى، مەن تېلىفوندا سىزگە ياردەم قىلالمىغۇدەكمەن، ئۆيىڭىزدە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانغان بىرەر كىشى بارمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: شۇنداق، بار، بىزنىڭ بىر ئائىلە دوختۇرىمىز بار، ئۇ ھازىرمۇ بار.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇ دوختۇر ھازىر بىمارنىڭ قېشىدىمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: ....بىراق ئۇنىڭ(بىمار)ھېچقانداق ئىنكاسى يوق، دوختۇر ھەممە ئامالنى سىناپ باقتى، ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: بىز ھازىر يولدا ، قېشىڭىزدا دوختۇر بولسا ئۇ ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ كەسپ ئەھلى دىيىشكە بولىدۇ، بىرەر ھادىسە يۈز بەرگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: كۆرمىدىم، پەقەتلا دوختۇر بار، بىمارنىڭ قېشىدا پەقەتلا دوختۇر بار ئىدى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇ دوختۇر بىرەر ھادىسىنى كۆرۈپتىمۇ؟
    ياردەم سورىغۇچى: (دوختۇردىن سورايدۇ) دوختۇر، سىز بىرەر ھادىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟....سىلەر تېزراق بولساڭلارچۇ؟...تېز...
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: دوختۇرلىرىمىز يولدا ، قېشىڭلارغا كېتىپ بارىدۇ، مەن پەقەتلا بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ قويدۇم.
    ياردەم سورىغۇچى: رەھمەت. بىز ئۇنىڭغا سۇنئى نەپەسلەندۈرۈش تەدبىرى قوللانغان بولساقمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى.
    جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى: ئۇقتۇم، دوختۇرلىرىمىز ھېلىلا يېتىپ بارىدۇ.

    يوقارقى سۆزلىشىش خاتىرىسىدىكى ياردەم سورىغۇچى دەل يېقىندا قازا قىلغان دۇنياغا تونۇلغان ناخشىچى Michael Jeckson مېكائىل جېكسۇننىڭ杰克逊 ئۆيىدىكى ئۆي خىزمەتچىسى ئۇرغان تېلىفون بولۇپ، مەيلى داڭلىق شەخس بولسۇن مەيلى ئاددى پۇقرا بولسۇن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممىسى ئوخشاش- ئۇ بولسىمۇ ھەممىسى ئوخشاش بىر ھاياتلىق ئىگىسى.
    يوقارقى سۆزلىشى خاتىرىسىدىن ئامرىكىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كەسپى ساپاسىنىڭ ھەم مەسئولىيەتچانلىقىنىڭ يوقۇرلىقىنى، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تېزلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى تېلىفون قوبۇل قىلغۇچى خادىم بىر تەرەپتىن ياردەم سورىغۇچىغا بىمارنى جىددى قۇتقۇزۇشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلارنى ئاستىرتتىن ئۆگەتسە يەنە بىر تەرەپتىن (بۇ چاغدا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاللىقاچان يولغا چىقىپ بولغان بولىدۇ)تۇرالغۇ،  ئائىلە ئادرىسى، تېلىفون نومۇرى قاتارلىقلارنى سورىغاچ( يولدا كېتىۋاتقان قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىكى كومپىيوتېرنىڭ ئىكرانىدا ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى يوللىنىپ تۇرىدۇ)يولدىكى كېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەرگە ئەھۋال ئەينەن يوللىنىپ تۇرىدۇ. قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر كىمنى قۇتقۇزغىلى كېتىپ بارغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ ، پەقەت ئۇ كىشىنىڭ 50 ياشلىق ئەر كىشى ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ خالاس، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە كىشى ئوخشاش باپ-باراۋەر.ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر دىگەن بۇ ئۇقۇم بۇلارنىڭ كاللىسىغا ئورنىشىپ كەتكەن، ئۇلار ھەربىر جان ئىگىسىنى ئىككىنچى تېپىلمايدىغان ھاياتلىق قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
    پۈتۈن دۇنيادا 60مىليوندەك سەھىيە خادىمى(دوختۇر، سېستىرا، ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى، سەھىيە باشقۇرغۇچىلىرى) بولۇپ بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە مۇلازىمەتچىلەر ئىكەن.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدە مەلۇم دۆلەتتە  ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان سەھىيە خادىمىنىڭ قانچە بولىشى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ داۋالاش، سەھىيە كۈچىنى بېكىتىدۇ. بىلىشىمچە ئامرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلارنىڭ ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان سەھىيە خادىمىنىڭ سانى يوقۇرىغۇ دەيمەن، ئامرىكىنىڭ ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان سەھىيە خادىمى25 ئادەم.بۇندىن باشقا ئامرىكىمۇ ئېتىراپ قىلالماي تۇرالمايدىغان، 40نەچچە يىل ئىقتىسادى ئىمبارگو يۈرگۈزگەن كۇبا دۆلىتىنىڭ سەھىيە كەسپى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەردە بەسلىشەلەيدۇ.
    مەملىكىتىمىزدە 6مىليوندەك سەھىيە خادىمى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 1مىليون 940مىڭ كىشى كەسپى ۋىراچ ۋە كەسپى ياردەمچى ۋىراچ، 1مىليون 350مىڭ كىشى ئەنگە ئالدۇرۇلغان(تىزىمغا ئالدۇرۇلغان) كەسپىي سېستىرا، سەھىيە سېستىمىسىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سانى 370مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە %43تى سەھىيە كەسپىدە ئوقۇغان.ھەر مىڭ ئادەمگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 1دىن سېستىرا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگىنىمىزدە مەملىكىتىمىزنىڭ "120" جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى مەسىلەن جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ باسقان مۇساپىسىگە قاراپ تۇرۇپ ھەق ئېلىش، دوختۇرخانىدىكى بىمارنى يۆتكىمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ ئاندىن بىمارنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق مېنىڭ ئويلايدىغىنىم شۇكى دوختۇر قانچىلىك ئاز بولىشىدىن قەتئىنەزەر، سېستىرانىڭ ياكى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ قانچىلىك ئاز بولىشىدىن قەتئىنەزەر مۇشۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كەسپى ساپاسىنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.كەسپى ساپانى يوقۇرى كۆتۈرۈش، كەسپى ئەخلاقنى يوقۇرى كۆتۈرۈش جۈملىدىن كەسپى مەسئولىيەتچانلىقنى يوقۇرى كۆتۈرۈش – بۇ سان-سىفىرلار بىلەن ئالاقىسىز مەسىلە.

    يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي: بۇ ۋەقە 2001-يىلى 11-ئايدا ئامرىكىنىڭ ئارىزونا ئۇنۋېرستىتىغا ئوقۇشقا چىققان ئىككى جوڭگولۇق ئەر-خوتۇن ياڭ جىيەن چىڭ(杨建庆) بىلەن چېن يۈ يۈن (陈玉云) ئىككەيلەننىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى بولۇپ بۇ ۋەقەگە مەملىكەت ئىچىدىكى رازۋېتچىكلار ئامرىكىغا بېرىپ ئامرىكا ساقچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ دېلونى رازۋېتكا قىلغان ھەم ئاخىرى قاتىلنى تۇتقان. رازۋېتكا قىلىش جەريانىدا شۇ جايدىكى تەپتىش مەسئۇلى مەملىكەتتىن بارغان ساقچىغا دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرياللارنى تەمىنلەپ بەرگەن ، شۇ ماتېرياللارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ دېلونى مەلۇم قىلغۇچى بىلەن دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ساقچىنىڭ(مۇلازىمەتچى خادىم بولىشى مۇمكىن) "911" دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفونىدا سۆزلەشكەن خاتىرىسى ئەينەن خاتىرلەنگەن بىر ماتېريالنى كۆرگەن، دېلو مەلۇم قىلغۇچى قەستكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەمدىلا 6ياشقا كىرگەن قىزى بولۇپ ،تۆۋەندە شۇ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى؛
    تۆۋەندە دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفونىنى ئالغۇچى ساقچىنى قىسقارتىپ ساقچى دەپ ، دېلو مەلۇم قىلغۇچى6 ياشلىق  قىزچاقنى قىزچاق دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى.
    دېلو سادىر بولغان ئاخشىمى قىزچاق ئويغۇنۇپ 2-قەۋەتتىكى ياتاقتىن پەسكە ئىچىملىك ئالغىلى چۈشمەكچى بولغاندا پەلەمپەيدە قانغا بويىلىپ ياتقان ئۆز دادىسىنى كۆرىدۇ شۇنىڭ بىلەن يىغلىغان پېتى ئاپىسىنى چاقىرىدۇ، ئاپىسىدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن دېلو مەلۇم قىلىش ، قۇتقۇزۇش مەركىزى بولغان911 غا تېلىفون بېرىدۇ، تەپسىلى خاتىرىسى تۆۋەندىكىچە:
    دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفون نومۇرى: 911
    قىزچاق: ...كەچۈرۈڭ...(يىغا ئاۋازى)
    ساقچى: سىز قەيەردە؟
    قىزچاق: ....(يىغا ئاۋازى)
    ساقچى: (دەرھال ئۇچۇر مۇلازىمەت باش سېستىمىسىدىن مەزكۇر ئۇرۇلغان تېلىفوننىڭ ئادرىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپىدۇ) سىز شىمالىي كۇلۇپ 2575نومۇرمۇ؟
    قىزچاق: ......(يىغا ئاۋازى)
    ساقچى: قورقماڭ ، مەن سىزگە قانداق ياردەم بەرسەم بولىدۇ؟
    قىزچاق: ئۇ ئۆلۇپ قاپتۇ.
    ساقچى: نىمە ئىش بولدى؟
    قىزچاق: مەن ئۇنىڭ پەلەمپەيدە ياتقانلىقىنى كۆردۈم.
    ساقچى: سىز ھازىر قەيەردە؟ تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
    قىزچاق: مەن ئۆيدە.
    ساقچى: سىز شىمالى كۇلۇپ 2575 نومۇرمۇ؟ شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
    قىزچاق: مەن بىلمەيمەن.
    ساقچى: سىز بىلمەمسىز؟ قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
    قىزچاق: 6ياشقا.
    ساقچى: ئاتا-ئانىڭىز بارمۇ؟
    قىزچاق: دادام....(يىغا ئاۋازى) ئۆلۈپ قاپتۇ.
    ساقچى: ئۆلۈپ قاپتۇ؟
    قىزچاق: ھەئە، مەن ياردەمگە مۇھتاج (يىغا ئاۋازى)
    ساقچى: قورقماڭ، قاراپ بېقىڭ دادىڭىز نەپەس ئېلىۋاتامدۇ؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: مەن ھازىرلا ئادەم ئېۋەتىمەن، سىز تېلىفوننى قويۇۋەتمەي تۇرۇڭ، بولامدۇ؟
    قىزچاق: ......
    ساقچى: ئىسمىڭىز نىمە؟
    قىزچاق: ئەيرۈي.
    ساقچى: سىز ئۆيىڭىزنىڭ ئولتۇراق رايون نومۇرىنى بىلەمسىز؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، خەت-چەككە ئوخشاش نەرسە بارمىكىن ، بار بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم ئولتۇراق رايون نومۇرى بار.
    قىزچاق: G4 .
    ساقچى: G4مۇ؟
    قىزچاق: G4.
    ساقچى:سىز ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدىكى كوچىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟
    قىزچاق:.......
    ساقچى:شىمالىي كۇلۇپ دەپ ئاتامدۇ؟
    قىزچاق: شۇنداق.
    ساقچى: سىز ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىك نومۇرىنى بىلەمسىز؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: دادىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: دادىڭىزغا نىمە بولدى؟
    قىزچاق: ئۇنىڭ ھەممىلا يېرى قان.
    ساقچى: ئۇ نەدە؟
    قىزچاق: پەلەمپەيدە.
    ساقچى: پەلەمپەي ئۆي ئىچىدىمۇ ياكى ئۆي سىرتىدىمۇ؟
    قىزچاق: ئۆي ئىچىدە.
    ساقچى: سىزدىن باشقا ئۆيدە يەنە ئادەم بارمۇ؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن، ئاپام پەستىمىكىن چاقىرسام ئاڭلىمىدى(ئاپىسى تۆۋەنكى قەۋەتتىكى ئاشخانىنىڭ ئىچىدە ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلگەن).
    ساقچى: ھەئە.
    قىزچاق: ئاپا....ئاپا.....
    ساقچى: ھەئە دىدىمۇ؟
    قىزچاق: ياق.
    ساقچى: چوڭ دادىڭىز ياكى مومىڭىز بارمۇ؟
    قىزچاق: چوڭ دادام ۋە موماملار جوڭگودا، مەن پەقەت دادام ئاپام بىلەن بىللە.
    ساقچى: ھەئە، ئۇنداقتا سىز ئىككى قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالالامسىز؟ .... ياخشى.... ياخشى...سىز ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن باتۇر بولىشىڭىز كېرەك، قاراپ بېقىڭ دادىڭىز ئېسىگە كەلدىمىكىن؟
    قىزچاق: كەلمەپتۇ.
    ساقچى: نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن، مەن ئوخلاپ قاپتىمەن.
    ساقچى: ھەئە ، ئۇ ئېسىگە كەلمىدىمۇ؟ سىز بىلەن پاراڭلىشالمامدۇ؟
    قىزچاق: ھەئە.
    ساقچى: ئاپىڭىزنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىز؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: ئاپىڭىز سىرتتا خىزمەت قىلامدۇ؟
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: ھەئە، ئەيرۈي سىز تېلىفوننى قويۇۋەتمەي قاراپ بېقىڭ ئىشىك قۇلۇپلاقلىقمىكىن، سىز بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بېرەلەمسىز؟
    قىزچاق: مەن پەسكە چۈشۈشتىن قورقىمەن.
    ساقچى: ھەئە ، ئەمىسە سىز شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، سىز ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
    قىزچاق: ياق.
    ساقچى:مېنىڭ بىلەن يەنە بىردەم پاراڭلىشىڭ، تېلىفوننى ھەرگىز قويۇۋەتمەڭ بولامدۇ؟
    قىزچاق: بولىدۇ.
    ساقچى: ئىنتايىن باتۇر ئىكەنسىز، ئادەملىرىمىز ھازىرلا بارىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ دادىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، قورقماڭ بولامدۇ؟
    قىزچاق: بولىدۇ.
    ساقچى: سىز ئىشىك چەككەن ئاۋازنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
    قىزچاق: ئاڭلىدىم.
    ساقچى: ئۇلار ئىشىكنى بەكرەك چېكىدۇ، ئاۋاز قاتتىق چىقىدۇ، قورقماڭ بولامدۇ؟
    قىزچاق: بولىدۇ.
    ساقچى: ئۇلار كېلىپ دادىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلار قۇتقۇزغۇچىلار.
    قىزچاق: مەن ئۇلارنىڭ پەستە ئىشىكنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
    ساقچى:ئۇلار ئىشىكنى چېقىپ كىرىدۇ، "تاڭ-تۇڭ" قىلغان ئاۋاز چىقسا قورقماڭ بولامدۇ؟
    قىزچاق: بولىدۇ........ئۇلار كىردى.
    ساقچى: قورقماڭ ، ئۇلار سىزگە ياردەم بەرگىلى كەلدى.
    قىزچاق: ھەئە.
    ناتونۇش كىشى( ئۆيگە كىرگەنلەردىن بىرەيلەن): ئادەم بارمۇ؟
    قىزچاق: بار.
    ناتونۇش كىشى: سىز قەيەردە؟
    قىزچاق: مەن ئۈستىدە.
    ناتونۇش كىشى: سىز ئۈستىدە يالغۇزمۇ؟
    قىزچاق: ھەئە.
    ناتونۇش كىشى: بىز ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن.
    قىزچاق: ھەئە.
    ساقچى: ئەيرۈي، سىز ئىنتايىن ياخشى قىلدىڭىز، سىز 911غا تېلىفون ئۇرۇشنى قانداق بىلدىڭىز؟
    قىزچاق: ئاپام ئۆگۈتۈپ قويغان.
    ساقچى: ئاپىڭىز ئۆگەتكەن؟
    قىزچاق: ئاپام، داداملار ئۆگەتكەن.
    ساقچى: ئەيرۈر، سىز ئىنتايىن باتۇر ئىكەنسىز، مەن سىزنىڭدىن پەخىرلىنىمەن، سىز ئەقىللىق بالا ئىكەنسىز.
    ئوت ئۆچۈرگۈچى: سىز يارىلاندىڭىزمۇ؟
    ساقچى: سىز يارىلاندىڭىزمۇ؟
    قىزچاق: ياق.
    ساقچى: ھازىر قېشىڭىزدا ئادەم بار بولدى.
    قىزچاق: شۇنداق.
    ساقچى: ئۇلار ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرمىكەن؟
    قىزچاق: ھەئە.
    ساقچى: ئىنتايىن ياخشى قىلدىڭىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىرەرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ياكى خەتەرگە يولۇققانلىقىنى كۆرسىڭىز مۇشۇ 911 نومۇرغا تېلىفون ئۇرۇڭ بولامدۇ؟
    قىزچاق: بولىدۇ.
    ساقچى: سىز قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟
    قىزچاق: بىرىنچى سىنىپتا.
    ساقچى: مېنىڭ ئوغلۇممۇ بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ئوۋ! ياق ، ياق، ئۇ ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇمدىكىن(كۈلكە ئاۋازى)
    قىزچاق: مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم.
    ساقچى: روژدېستوۋا بايرىمىنىڭ ئالدىدا ئىكەنغۇ؟ سىز ئىككى سوۋغاتقا ئېرىشىسىز، بىرى روژدېستوۋا بايرىمىلىق يەنە بىرى توغۇلغان كۈنىڭىز سوۋغىسى.
    قىزچاق: بىلمەيمەن.
    ساقچى: شۇنداق ، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، سىز ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
    قىزچاق: ھەئە.
    ساقچى: ياخشى، ئىنتايىن ياخشى قىلدىڭىز.
    ئوت ئۆچۈرگۈچى: ۋەي! مەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن.
    ساقچى: سىز ھېلىقى قىزچاق بىلەن بىللىمۇ؟......ئەمدى ياخشى بولدى.
    ئوت ئۆچۈرگۈچى: ساقچىلارمۇ كەلدى، ساقچى سىز بىلەن سۆزلەشسۇن.
    كەلگەن ساقچى: مەن ساقچى خارگىن.
    ساقچى: بۇ يەر 911 قۇتقۇزۇش مەركىزى.
    ساقچى خارگىن: مەن ھازىر نەق مەيدانغا كېلىپ بولدۇم.
    ساقچى: ياخشى ، رەھمەت سىزگە.
    ساقچى خارگىن: خەير-خوش.
    يوقارقى سۆزلىشىش خاتىرىسىدىنمۇ تېلىفون قوبۇل قىلغۇچى ساقچى(خادىملار) نىڭ مۇنتىزىم خىزمەت تەرتىپى، دېلو مەلۇم قىلغۇچىغا تەسەللى بېرىشلىرى، ئۇلارنى تېنچلاندۇرۇپ، قوغدىنىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئادرىسلىرىنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىپ سۈرۈشتۈرۈشلىرى، ئامالنىڭ بارىچە نەق مەيدان خاتىرىسىگە دائىر يىپ ئۇچىغا كۆپرەك ئېرىشىشتىكى مەسئولىيىتى ھەم ساقچىلارغا ياردەملىشىش روھى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيدانغا ساقچى يېتىپ بارغۇچە داۋاملاشقان.
    بۇنىڭدىن بىز ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى، كەسپچانلىق روھى ، سەۋرچانلىق ئېڭى بىلەن قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
    ئامرىكىدا  چوستارناك ئىسىملىك بىر كىشى ئىلگىرى 8ئايلىق بولغاندا بېقىۋالغان گېرمانىيە قوي ئىتىنى قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسى قىلىپ كۆندۈرگەن نەتىجىدە 2008-يىلى 9-ئايدا  ئىگىسىنىڭ (چوستارناك ئەپەندىنىڭ) تۇيۇقسىز ئۆيدە يېقىلىپ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بۇ ئاپشاركا دەرھال تېلىفون تۇرۇپكىسىنى ئىتتىرىۋېتىپ چىشى بىلەن 911 ئۈچ نومۇرنى باسقان، تېلىفون قوبۇل قىلغۇچى ساقچى(خادىم) تېلىفوندا پەقەت بىر ئىتنىڭلا غىڭشىپ، قاۋاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئېۋەتىپ ئۆي ئىگىسىنى ۋاقتىدا خەۋپتىن قۇتقۇزۇپ قالغان، بۇ ئىت مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئۆز ئىگىسىنى ئۈچ قېتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى دەل چوستارناك ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ كۆندۈرۈلگەن قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسىنىڭ رەسىمى:

    تېخى قايسى كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ 1.4كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ئۇدا 9 ئادەمنى سوقۇپ نەتىجىدە 5ئادەمنىڭ ئۆلىشى، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شوپۇر جاڭ مىڭ باۋنىڭ بۈگۈن توردا ئاشكارلىنىشىچە ئىلگىرى 80قېتىم ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان خاتىرىسى بارلىقى ئاشكارىلاندى. دىمەك ئالدىنقى قېتىملاردىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرىغا مۇناسىپ تەدبىر قوللانغان بولسا بۇنچىلىك زور ۋەقەنىڭ بەلكىم ئالدى ئېلىنغان بولاتتى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە بۇنچىلىك ئۆمۈرلۈك ئازاپنى ئېلىپ كەلمىگەن بولاتتى........مەلۇم كىشىلەر كەسپتە مەسئولىيەتچان بولغان بولسا كۆۋرۈكلەر گۆمۈرۈلۈپ چۈشمىگەن، شاڭخەيدىكى يېڭى سېلىنغان 13قەۋەتلىك بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بولاتتى....ھازىر ئەتراپىمىزدە بۇنداق مىساللار خېلى بار.بىر قىسىم جايلاردا نەپسانىيەتچىلەر كۆپىيىپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا "يالاقچىلار" بىلەن"يالانغۇچىلار" ، "غاجىلىغۇچىلار " بىلەن "غاجىلانغۇچىلار" توپلىشىپ مەلۇم بىر خىل كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تور شەكىللىنىپ قالدى. بۇنىڭلىق بىلەن خۇددى ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك:
    بىلىمسىزنى گەر باشلىساڭ تۆرگە،
    كۆر! تۆر بولۇر پەگا، پەگا بولۇر تۆر.
    دىگەندەك خۇددى "قاقىلدىماي تۇخۇم تۇغقان مىكىياننىڭ نەتىجىسى يوق تۈكىنى يۈڭداپ قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ، ئەكسىچە بىر توخۇم يوق قاقىلداپلا يۈرىيدىغان مىكىيانلارنى ئېگىز قونداققا قوندۇرۇپ باققاندەك" ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالدى.بۇنىڭلىق  بىلەن ئايرىم كىشىلەردە  كەسپكە بولغان قىزغىنلىق، مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئاجىزلاپ ھەممە ئىشقا بىپەرۋا قارايدىغان ، "نىمە بولسا بولمامدۇ؟ بىرەر چاتىقى چىقسا باشلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۇرىدىغۇ" دەپ ئويلايدىغان، بېجىرىۋەتسىمۇ بولىدىغان رەسمىيەتلەرنىمۇ "باشلىق يوق، ئەتە كەل، ئۆگۈن كەل" دەپ كەينىگە سۈرىدىغان ناچار خاھىشلار پەيدا بولۇپ قالدى.
    ئىناق جەمئىيەت قۇرىمىز، ئىلمىي تەرەققى قىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇشۇنداق ناچار خاھىشلارنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقىپ تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز، "ناپسانىيەتچىلىك" ،" پارىخورلۇق"قا قەتئى قارشى تۇرۇپ مەلۇم ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنىڭ ئورتاق كەيپىياتىنى "ئۆلۈك بۇيرۇق"، "مەجبورى بېسىم" ئارقىلىق يېتەكلىمەي،ھەممە ئادەمگە ئورتاق مۇئامىلە قىلغان ئاساستا ئىلمىي بولغان،"ئادەم ئامىلىنى ئاساس قىلىش"پىرىنسىپى بويىچە  يېتەكلەش كېرەك.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • مىنىڭچە مائارىپ تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ . بىز بىرتوپ بىلىملىك جانباقتىلارنى تەربىيەلەۋاتقاچقا ئۇلاردا ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسى ئاجىز .
    dunyakara回复seyyah说:
    سىز دىگەندەك مائارىپ تەربىيىسى ھەممىنىڭ ئاساسى.
    2010-05-28 00:05:08
  • مۇنداق ھۈنۈرۈممۇ باردەڭ ، مەن تېخى سىزنى كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسلامىكىن دەپ تىمەن ، سىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىليىتڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەنغۇ . بۇبىر ئادەمنىڭ شۇنداقلا بىر توپنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىغا باغلىق مىكىن.
    dunyakara回复wulkan说:
    شۇنداق.
    2009-07-04 03:33:32