• 2009-10-04

    ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋېتى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/41883064.html

    مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى بولۇپ ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا ، كۆپ پۇل كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا ـ كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ . ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار !  

      شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى . بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشىى پوقتا . كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان . ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار . بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز ،شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ .
      پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ .  
           كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !

             xx  قۇرۇلۇش شىركىتى  

    مەنبە : < ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى > 2006 - يىلى 22- ماي سانىدىن ئېلىندى .  

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. باشلانغۇچتىن تارتىپلا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
  • توغرا، تەربىيلەشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ زور بۇرچى، مەسئۇلىيتى بار، ئەمما بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىدىغان ئاتا-ئانىلار قانچىلىك؟
  • ناھايىتى قىزقارلىق ئىكەن، ھەممە ئادەم ئىملاغا دىققەت قىلىش كېرەك، باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندە بىرەر چېكىت ياكى بىر سىزىق ئارتۇق كەم بولۇپ قالسا مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ياكى خاتا بولىدىغانلىقىنى بىلىمىزيۇ، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى قانداق يازساق چۈشەنگىلى بولىدۇ دەپلا قارىسىغا ئىشلىتىمىز. ئىملانى توغرىلاشنى باشلانغۇچتىن چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەپسۇس ھازىر باشلانغۇچلاردا "قوش" تىل بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلارغا قارىسام بىر قىسملا بولۇپ قالىمەن.
    dunyakara回复مەقسۇد说:
    قوشتىلدا ئوقۇسىمۇ يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تىلى جەھەتتە ئاتا-ئانىلار كۆپرەك ئەجر قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    2010-05-25 01:16:58