• 2008-06-24

    بىل گايتىس 58مىليارد مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىۋەتمەكچى - [كىشىلىك ھايات]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23473302.html

    بىل گايتىس(比尔盖茨) 52ياشقا كىرگەندە پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان،ئۇ كېلەر جۈمە كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ پەقەتلا غەيرى ئىجرائىيە رەئىسى بولماقچى.

    كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ 58 مىليارد دوللىرىلىق مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز نامىدىكى بىل ۋە مېلىندا گايتىس نامىدىكى فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، بالىلىرىغا بىر تىيىن بىر يارماقمۇ قويۇپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە:-"مەن ۋە ئايالىم ئىككىمىز ياخشى ئوبراز تىكلەپ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىمىز"دىگەن.

    يېقىندا دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زادى قانچىلىق ئىئانە قىلسام بولار دەپ پۇلىنى سىقىمداپ يۈرگەن بايلارغا بىل گايتىس بىر دەرس ئۆتۈپ قويدى. بۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى باي كىشى ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنى ئىئانە قىلىۋېتىپلا قالماي يەنە "ئەڭ ياخشى ئوبراز ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش"دىگەن خەيرى-ساخاۋات ئۇقۇمىنى تارقاتتى.بۇ خىل بايلىق(قىممەت قارىشى)،بۇ خىل خەير-ئېھسانلىق روھى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى بايلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.

    "غايەت زور بايلىقنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش- بىر خىل نومۇس!" بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان باي، ساخاۋەتچى كارنىگنىڭ بايلىققا بولغان كۆز قارىشى.شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى بارلىققا كەلگەن بايلار ئامرىكا جەمئىيىتىدە "جەمئىيەتتىن ئېلىپ جەمئىيەتكە ئىشلىتىش"دەيدىغان ساخاۋەتلىك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئەكسىچە دۆلىتىمىزدىكى بايلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق كۆپىنچىسى  دەۋرمۇ-دەۋر، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىشلىتىپ بولالمىغان مەبلىغىنى مىراس قويۇپ پەقەت ئۆز جەمەتىنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن قالدۇرىدۇ.مىراس قالدۇرۇش بېجىنى ئالمىغاندىن كېيىن بۇ بايلار  مابلىغىنى خاتىرجەم بالىلىرىدىن-بالىلىرىغا قالدۇرىدۇ-دە ئىئانە قىلىشنى ئىنتايىن ئاز ئويلىشىدۇ ھەم خەيرى-ساخاۋەت ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىشىمۇ مۇناسىپ ئاز بولىدۇ.بىزنىڭ بايلىرىمىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قىزىقماسلىقى،باشقىلارنىڭ ساخاۋەتلىك ھەركەتلىرىدىن تەسىرلەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس،2007-يىلى胡润百富榜بايلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە جوڭگودا مەبلىغى 1مىليارد ئامرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بايلارنىڭ سانى گېرمانىيەدىكى ئوخشاش سەۋىيەدىكى بايلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ئامرىكىغا يېقىنلىشىپلا قالغان، دۇنيا بويىچە بايلار سانىنىڭ جىقلىقى بويىچە 2-ئورۇندا بولغان. بەلكىم بۇ ئىستاتىسكا گەرچە پۈتۈنلەي توغرا بولمىغان تەقدىردىمۇ جوڭگودىكى بايلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.

    بىراق دۆلىتىمىزدىكى بايلارنىڭ خەير-ساخاۋەت مەدىنىيىتىنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى،خەيرى-ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقى،خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن غايەت زور بايلار توپى ئىچىدە "ئەڭ ياخشى ئوبراز ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش"تەك خەير-ئېھسانلىق تونۇشى تېخى ئومومىيۈزلۈك شەكىللەنمىدى، دەل مۇشۇ نۇقتا بىزنىڭ بايلىرىمىز بىلەن بىل گايتىسقا ئوخشاش دۇنيادىكى باشقا بايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقنى شەكىللەندۈرگەن.

     بىل گايتىس ئۆزىنىڭ غايەت زور مەبلىغىنى غايەت زور ھوقوق دەپ قاراش  بىلەن بىرگە غايەت زور مەسئولىيەت دەپ قارىغان. بىراق بىل گايتىسنىڭ بايلىققا بولغان كۆز قارىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بايلىرىمىز بايلىقنى نام-ئابرويغائېرىشىشنىڭ،پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى ۋە نىشانى قىلىۋالغان. ياخشى ھالال يول بىلەن پۇل تېپىش ئەجدادلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغان ياخشى ئىش، ئەكسىچە ئاۋامنىڭ ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماي قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈزۈم خاراكتىرىدىكى تەدبىرلەر كەمچىل. مەسىلەن قانوندا خەير-ساخاۋەت قىلغۇچىلارغا كەڭ دائىرىدە باج كېمەيتىپ بېرىش،فوندىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ياخشى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش جايىغا ئىشلىتىش دىگەندەك .مۇشۇ تەرەپلەردىكى كەمچىلىكلەر بىر تەرەپتىن خەيرى-ساخاۋەت مەدىنىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئاساسىنى بوشىتىپ قويسا يەنە بىر تەرەپتىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان بايلارنىڭ ئۆزلىرىنى خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېغىشلاش روھىغا پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى.شۇڭلاشقا بىل گايتىسنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنى فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىشى ئەمىلىيەتتە بىزگە فوندىنى قانداق ياخشى ئىشلىتىش دىگەن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەردى.بۇ مەسىلە فوندى ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىغىنى ،ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى،چۈنكى پەقەت ئىشەنچىلىك بولغان بىر فوندى جەمئىيىتىنىڭلا تېخىمۇ كۆپ ئىئانە توپلىيالايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ بەردى. كىشىلەر ئىئانە ۋە فوندىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا قارىتا ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويغان چاغدا خەيرى-ساخاۋەت مەدىنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىز لىلىيەنجې (李连杰)نىڭ "بىر يۈەن فوندى جەمئىيىتى"(壹基金)گە ئوخشاش فوندى جەمئىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىپ خەيرى-ساخاۋەت مەدىنىيىتىنى تارقىتىشتەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆز زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    غەرپ ئەللىرى ئاللىبۇرۇن خېلىلا مۇكەممەل بولغان پاراۋانلىق جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ بولدى،بەلگىلىك دائىرىدە بايلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشتىكى غەم-ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىپ بولدى،بۇمۇ خەيرى-ساخاۋەت مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى بىر تاشقى ئامىل.

    بايلىق كەمبەغەللىك پەرقى كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەيرى-ئېھسان،ئىئانە بېرىش- پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان ئىجتىمائى ئەندىشىنى يوقۇتۇشتەك ئىجتىمائى ئامىلغا باغلىنىشلىق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىل گايتىسنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنى فوندى جەمئىيىتىگە بېرىۋېتىشتەك رېئاللىق ئالدىدا بىزنىڭ بايلىرىمىز ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك،بىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت مەدىنىيىتىمىز تېخىمۇ ئورنەك ئېلىشى كېرەك.(گۇاڭجۇ گېزىتى)

    مەنبە: http://news.qq.com/a/20080623/000763.htm

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئۇيغۇرچە بولمىغان يەنە ئازراق يەر قاپتۇ
    dunyakara回复yolyar说:
    شۇنداق ، ئەڭ مۇھىم قىسمىنىلا تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىدىم، يوليار ئەپەندىم.
    2008-07-26 10:36:16