-
2009-03-19
بلوگبۇستا بلوگنى زىننەتلەش ئىقتىدارى ئېچىلدى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36758939.html
بۈگۈندىن باشلاپ ، توغرىسى 18-چېسلا چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ بلوگبۇسنىڭ ئارقا سەھنىسىگە يېڭىدىن ھەرخىل ئۈنۈم قوشۇش سەھىپىسى ئېچىلدى. بلوگگىر دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك بەزىلىرىمىز بلوگىمىزغا ناخشا قويغۇچ قويساق، بەزىلىرىمىز ھاۋارىيى مەلۇماتى كودىنى قويىمىز بەزىلىرىمىز بولسا ھەرخىل سائەت ئۈنۈملىرىنى چىقىرىپ قويىمىز، بۇنداق كودلارنى بىز بۇرۇن باشقا ئورۇنلاردىن ئىزدەپ تېپىپ كودىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن بلوگبۇسقا ئەكىلىپ ئىشلىتەتتۇق، ئەمدى بلوگبۇسنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئېچىلغاندىن كېيىن بۇنداق ئۈنۈم كودلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسىڭىز باشقا يەردىن ئىزدىمەي بىۋاستە بلوگبۇسنىڭ ئارقا سەھنىسىدە تۇرۇپلا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، بۇ مەزكۇر يېڭى ئىقتىدارنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىق تەرىپى، قولايسىز تەرىپى بولسا مەزكۇر سەھىپىدە ھەرخىل ئۈنۈملەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ۋە كود تەمىنلىگەن توربەت ئادرىسى بېرىلگەن بولۇپ ، شۇ ئادرىس بويىچە كۆرسىتىلگەن توربەتكە كىرىش ئارقىلىقلا ئاندىن مەلۇم بىرخىل ئۈنۈم كودىنىڭ ئىجرا بولۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باققىلى ۋە كودىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، كودىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ناۋادا ياقتۇرسىڭىز يەنىلا كودنى ئۇسلۇپقا ئۆزىڭىز قويىسىز.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ سەھىپىنى بلوگبۇس خىزمەتچىلىرى ئويلاپ تاپقان بولۇپ ھەرخىل ئۈنۈم كودلىرى ئادرىسلىرىنى بىزگە يىغىنچاقلاپ بلوگبۇس ئارقا سەھنىسىگە جەملەپ قويغان بىز شۇ ئادرىسلار بويىچە بىۋاستە بلوگىمىزغا لازىم بولىدىغان كودنى ئىزدىسەك بولىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدىن مەزكۇر يېڭى ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنى كۆرىۋېلىڭ:
بلوگبۇسنىڭ ئارقا سەھنە باش بېتىدىكى ئۈنۈم قوشۇش سەھىپىسىنىڭ ئورنى
ھەرخىل ئۈنۈم قوشۇش كودلىرىنىڭ تۈرلىرى
ئۈنۈم تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ خاتىرىسى ، ئۈنۈم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ۋە ئۈنۈم توربەت ئادرىسى
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
چ چ نۇمۇرىم :359190209
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم [cusFace:6]
مېنىڭ qq:472555008 لېكىن مەن بەك چىقىپ كەتمەيمەن بۇ مۇڭداشقۇغا.......
1. باش بەتتىكى رەسىمىمنى ۋە ozbeg خېتىنى ئوتتۇرىغا توغرىلىماقچى ئىدىم.
2. سىز يازما رايونىدىكى بۇزۇلغان قىسىمنى ئوڭشاش جەريانىدا ئۈزۈك سىزىققا دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز، ئۇمۇ ئۇزىراپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.
3. خەتكۈچنىڭ ئورنى ۋە تەرتىپىدە مەسىلە بار. يازما رايونىنىڭ خەت نومۇرىنى بىر نومۇر چوڭايتىپ قويغان بولسىڭىز.
4. يازما 2-بېتىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ رامكىنىڭ بىر قىسمى سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.
5.يازما كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى بەت سانىنى كۆرسىتىشتە 下一دېگەن خەنزۇچە خەت ئۇيغۇرچىلاشماپتۇ. يەنە پات-پات بلوگ ئېچىلغاندا 你输入的词语无法替换دېگەندەك ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ.
6. ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، يان تەرەپ رامكا بىلەن يازما رايون رامكىسىنىڭ كەڭلىكىنى تېخىمۇ كەڭ قىلىپ، ئىككى تەرەپتىن قالغان بوش ئورۇننى كىچىكلىتىشكە بولامدۇ؟ مۇمكىن بولسا، بۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. يەنە بىرى، مەن بىر نەچچە خىل خەت نۇسخىسى ئىشلەتمەكچى بولسام قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئالدىنقى قېتىم يېڭى بلوگ ئالغاندا، يازاي بلوگى، ئارامگاھ بلوگىدىكى دوستلارنىڭ ياردىمى ۋە كۆرسەتمىسىدە خىلى كۆپ جايلارنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم، بۇ قېتىم كودلار كۆزۈمگە تولىمۇ ناتونۇش بىلىنىپ، ياخشى بىلەلمەي قالدى. ئەيب كۆرمىگەيسىز.
2.ئوڭشالدى.
3.ئوڭشالدى.
4.يازما رايونى كەڭلىك جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، سىز چەكلەنگەن كەڭلىكتىن ئاشۇرۇپ سۆرەت قىستۇرسىڭىز ئەلۋەتتە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
5.مېنىڭ بلوگىمدىمۇ ھازىرچە شۇنداق كۆرۈنىدۇ.
6.بۇنىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۈچۈن بارلىق رەسىملەرنى قايتا ياساشقا، بارلىق پارامىتېرلارنى قايتا بەلگۈلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلغاندىن كۆرە بلوگىمدىكى بىرەر ئۇسلۇپنى ئىشلىتىڭ.
ئىككى خىل ياكى ئۈچ خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز eot ياساپ بولۇپ خەت نۇسخىسىغا قوشسىڭىزلا بولىدۇ، ئالدىدا قايسى نۇسخىنى بەلگىلىگەن بولسىڭىز شۇ نۇسخىدىكى خەت كۆرۈنىدۇ خالاس.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم بۇ ئۇسلۇپ سەل مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيارەتچىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كۆرسىتىلىش ئۈنىمىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مەشق قىلماقچى بولسىڭىز باشقا ئۇسلۇپ بىلەن ھەپىلىشىڭ، چۈنكى بۇ ئۇسلۇپ بىلەن ھەپىلەشسىڭىز بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
مەن مەزكۇر يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بلوگباس باشقۇرۇش رايونىدىن تۈرلۈك بېزەكلەرنى ئارىلاپ چىقتىم، ئارىسىدىن 其他类 نىڭ ئىچىدىن blog小工具- 多国语言学习机 نامدىكى بېزەكنى قوشۇۋالماقچى بولۇپ، تەمىنلەنگەن كودنى head قىسمىغا قوشقان بولساممۇ، بەتتە كۆرۈنمىدى، سىز كۆرۈپ بېقىپ، بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
يەنە بلوگىمنى بىر كۆرۈپ، كۆرۈنۈشتىكى بۇزۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەملەشكەن بولسىڭىز.
بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز ئەتە ئوڭشاپ بېرەي بولامدۇ؟
ئاقىلىشش كىيۇ-كىيۇ نومۇرۇم :137104669
سىزنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىششىڭىزنى ئۇمىدقىلىمەن . رەھمەت !!!.
ھەركۇنىڭىزنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۇشىگە تىلەكداشمەن !!!.[cusFace:6]
http://www.blogbus.com/user/reg.php
مۇشۇ بەتتىن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، خۇددى QQ غا ئىلتىماس قىلىپ نومۇر ئالغاندەكلام ئاددى.
ئەگەر ماڭا ھاۋالە قىلسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ نامىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن سىزگە تىزىملىتىپ بېرەي، سىز كېيىن مەخپى شىغىرىنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. قانداق دىدىم؟