-
2009-03-16
كۆزنەكتە كىمنىڭ بلوگى يوق؟(2) - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36609555.html
پېقىر ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تا ھازىرغىچە قوشۇلغان بلوگ سانى 90نەچچىگە يەتتى.كۆزنەك بلوگى قۇرۇلغان ۋاقتىدا بلوگبۇستا بلوگ يېزىۋاتقانلار 40~50 چە بار ئىدى، مانا ئەمدى پەمىمچە ئاز كەم 200گە بارىدىغۇ دەيمەن. شۇڭا، يېڭى قۇرۇلىۋاتقان بلوگلارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ئېنىق سىتاتىسكا قىلىغىلى بولمايلا قالدى. پېقىر لوگوسى بار يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلارنى قوشۇپ مېڭىشقا يېتىشەلمەيلا قالدىم، شۇڭا كەڭ دوستلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىپ بېرىشلىرىنى كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشىغا ھەمكارلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بلوگى قوشۇلغانمۇ-يوق؟ قوشۇلمىغان بولسا ئۇلىنىش قوشۇش دىگەن يازمىنىڭ ئاستىغا بلوگ لوگوسىنى تەمىنلىشىنى ئۇندىن باشقا يەنە ئۆزى بىلىدىغان لوگوسى بار خۇلۇم_خوشنا ،كونا-يېڭى بلوگلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بلوگ لوگوسىنى خالىسانە تەمىنلەپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش : ئايرىم ساندىكى دوستلارنىڭ دوستانە ئۇلانمىسى بلوگلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇزۇراپ بىر يەرگە يېتىپ باردى، بۇنداق قوشۇلۇپ كېتىۋەرسە بلوگىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە ھەم شۇنداقلا بلوگىنىڭ كۆرۈنۈش سۈپىتىگە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس تەسىر بېرىپ قالىدۇ، شۇڭا دوستلارنىڭ ئۇلىنىشلار قاتارىدا كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى كۆزنەك بارلىق بلوگگىرلارنىڭ بلوگىنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزنەك ئۇلىنىشىنى ئاچسىڭىز مەھەللىگە قوشۇلغان بلوگگىرلارنىڭ يېڭى يازمىلىرىدىنمۇ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرالايسىز. ھە راست ئۇلىنىش قوشۇش بىلەن بىرگە مەھەللىگە قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بولسا ئىنكاس قالدۇرسا بلوگى مەھەللىگىمۇ ئايرىم قوشۇلىدۇ. بلوگگىرلار مەھەللىسى ۋە بلوگ ئۇلىنىشلىرى بىر بلوگقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ سىزگە چوقۇم قولايلىق ئېلىپ كەلگۈسى!
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
http://otiken.blogbus.com/
ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك ۋەجىنسىيەت توغىرسىدىكى بىلىم-ئۇچۇرلار بېرىلىدىغان بوھران بلوگى نى قوشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئادرېسىم:bohran.blogbus.com
ئۇسلۇپ ياساشتا سىزگە تەپسىلى چۈشەنچە بېرەي دىسەم گەپ بەك ئۇزۇراپ كېتىدۇ قاھارجان ئەپەندىم، مۇمكىن بولسا بلوگىمدىكى بلوگ بىلىملىرى سەھىپىسىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بلوگلاردىن ئۇسلۇپ توغرىسىدىكى دەسلەپكى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئاندىن كېيىن سىز يولۇققان مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز جاۋابىنى بېرەي. مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ؟
بىراق يەنىلا ئىنكاسقا جاۋاپ يازغىلى بولمايۋاتىدۇ .
مەن سىزدىن ياردەم سوراپ كەلدىم ، بىلوگىمنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تىزىملىك قوشتۇم ، بىراق زادىلا ئوتتۇرغا كەلمەيۋاتىدۇ ، ئوڭ تەرەپكە سۈرۈلىۋالدى ، نەچچە توربەتتىن نەچچە خىل كودلارنى قويۇپ باقتىم ، چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشەپمۇ باقتىم يەنىلا ئوخشاش ، مۇشۇنى ئوتتۇرغا توغرىلايدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟
يەنە بىر مەسىلە بار ، ئىنكاسلارغا جاۋاپ خەت يازغىلى بولمايۋاتىدۇ ، مۇشۇ توغرىدىمۇ يول كۆرسەتسىڭىز.[cusFace:9]
تىزىملىك كودىغا text-center پارامىتېرىنى قوشۇڭ، ئوتتۇرىغا توغۇرلىنىدۇ.
ئىنكاسقا جاۋاپ يازغىلى بولماسلىق مەسلىسى باشقا بلوگلاردا كۆرۈلمىدى، شۇڭا بۇ ئالاھىدە ئەھۋال بولىشى مۇمكىن، مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن كۆرۈپ باقاي بولمىسا...