• 2008-07-10

    ئامرىكا راند شېركىتىنىڭ جوڭگولۇقلارغا بەرگەن باھاسى - [تەرمىلەر]

    Tag:转载

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24470643.html

    تور بېتى:

    http://www.rand.org/

     

    ئامرىكا راند شېركىتى 1948-يىلى11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ھازىرقى ئاساسلىق كەسپى سىياسى، ھەربى، ئىقتىساد ،پەن-تېخنىكا ۋە جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان "ئۇنۋېرسال تەپەككۈر ئامبىرى" ،"ھازىرقى زاماندىكى چوڭ مېڭە توپلانغان بازا"،"ئادەتتىن تاشقىرى ھەربى ئىنىستىتۇت" دىگەن ناملىرى بار. ھازىرقى ئامرىكا بوليىچە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە نامى بار سىتىراتىگىيىلىك مەسلىھەت سوراش ئورگىنى.

     

    بۇ شېركەتنىڭ جوڭگولۇقلارغا بەرگەن باھاسى توردا خەنزۇچىسى بولۇپ چوڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئامرىكا راند شېركىتىنىڭ باھاسى دەپ ئىزدىسىڭىز ھەممىلا يەردە تېپىلىدۇ.

    تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇنبەردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويغىنىم، (بۇ ماقالە يوللانغان نۇرغۇن مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ باقتىم ھەم ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم ئومومى نەتىجە "راس ! كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ..." دىگەندىن ئىبارەت ،ئەلۋەتتە باشقا ئىنكاسلارمۇ بار)كۆرۈپ باققايسىلەر

     

    ئەگەر 20-ئەسىردىكى جوڭگونى باي ،بىرلىككە كەلگەن دۆلەت دىسەك، بىر پۈتۈنلەي ئوخشاشمىغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا دۇچ كەلدۇقم جوڭگو ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرالىدى ھەم ئۇلارنى يەڭدى، ئامرىكا بولسا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇنداق توقۇنۇشلاردىكى خىراجىتى جىق ئازلاپ كەتتى چۈنكى پىورىر خاربور ۋەقەسى(珍珠港事件 )ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ. بىز ۋە پۈتۈن دۇنيا (بىر مىليارد نوپۇسقا ئىگە جوڭگولۇقلارنى دىمەيلا تۇرايلى) بىر ئەسىردىن كۆپراك ۋاقىتتىن بۇيان جوڭگونىڭ ئاجىزلىقلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدۇق، پۈتۈن دۇنيا ساغلام بولغان جوڭگونىڭ بولىشىغا مۇھتاج.

    جوڭگونىڭ ئېھتىياجى ياپونىيەنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىۋېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ياپونىيەنىڭ ئەھۋالى دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ نۇقتىدىن ياپونىيەنىڭ زور مىقداردىكى قەرزى دومىنو تاختىسى ئۈنۈمىگە ئوخشاش دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. جوڭگونىڭ ياردىمى ئاستىدا خەۋپ ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى. جوڭگونىڭ يەرشارىلىشىشى ئامرىكىغا نۇرغۇن تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەڭ روشەن بولغىنى جوڭگو ئامرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندى.

    كوكاكولا ئاللىبۇرۇن  رىۋايەتكە ئوخشاش سېتىش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدى يەنى بىر مىليارد پوتۇلكا سېتاش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدى؛ بۇرۇن " جوڭگو چۈشى"نى كۆرىۋاتىدۇ دەپ زاڭلىق قىلىنغان ئامرىكا ھەممىباپ ئاپتوموبىل شېركىتىمۇ جوڭگوغا نۇرغۇنلىغان بېك ماشىنىلىرىنى ساتتى، جاپالىق مەزگىللەردە جوڭگونىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ئامرىكا ھەممىباپ شېرىكىتنىڭ  ئومومى پايدىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىدى؛ جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى IBM شەخس كومپىيوتېر مۇلازىمەت شېركىتىنى سېتىۋاېلىپ ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى بۇ خىزمەت ئورنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. جوڭگو ئەڭ تۆۋەن باھادىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى لازىمەتلىكلىرىنى ئامرىكىلىقلارغا تەمىنلەپ ئامرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىنتايىن زور تۆھپە قوشتى،بولۇپمۇ بىزدەك ئۇنچە باي بولمىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن تۆۋەن باھادىكى ئىكىسپورت ماللىرىنى سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يېتىدىغان بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، تۆۋەن كىرىملىك ئامرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش ساپاسى بۇنىڭ بىلەن %5 تىن %10 كىچە ئۆسكەن بولىشى مۇمكىن.

    جوڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىكى ئامىل جوڭگو نۇرغۇنلىغان تاقاشقا تېگىشلىك شېركەتلەرنى قۇرغان بولۇپ بۇ زايەت زور مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئېشىنچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جوڭگو مالىيە سىياسىتىنىڭ بىنورمال ئۆزگىرىشى ھەددىدىن زىيادە كارخانىلارنى قۇرۇشى ، تۆمۈر ،ئاليومىن، سىمونت ۋە باشقا خام ماتىرياللارغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتتى. ياپونىيەلىكلەر خۇددى ھازىرقى جوڭگولۇقلارغا ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغۇسى كەلگەندەك ، بىراق ئۇلارنىڭ مالىيە ئەھۋالىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە بولسا بىر قارا ئوڭكۈرنى  بايقايسىز. ياپونىيەلىكلەر 90-يىلى مۇشۇنداق قارا ئۆڭكۈرگە پېتىپ قالغان ئىدى، تا  بۈگۈنگىچە تىرىشىپ بۇ ئۆڭكۈردىن چىقىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. جوڭگولۇقلارنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق تەرتىپسىز قىزغىنلىقتىكى سېتىۋېلىش خاھىشىدىن كۆڭلىمىز غەش بولىدۇ.

    نۆۋەتتە ،جوڭگو غايەت زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جوڭگونىڭ بانكىلىرى بىز بىلگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئوسال بانكا. جوڭگونىڭ ھەر بىر  دەۋرىدە (ئەۋلاد) ئامرىكا نوپوسىغا تەڭ دىگۈدەك  ئاھالە يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىۋاتىدۇ. ھەر يىلى 13~12 مىليونغىچە يېڭى ئىشچى قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش چوڭ سېپىگە قوشۇلىۋاتىدۇ.ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسەتكەن تەسىرى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئېغىر. 2020-يىلىغا بارغاندا جوڭگو نوپوسىنىڭ قېرىلىشىشى- خىزمەت قىلىدىغان نوپوس بىلەن خىزمەت قىلمايدىغان نوپوس ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت مەسلىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئوسال مەسىلە قىلىپ قويىشى مۇمكىن. ئەگەر ئالاھىدە يېڭى سىياسەت بولمىسا جوڭگونىڭ ئىقتىسادى شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە تامغا قاتتىق ئۈسسىۋالىدۇ.2020-يىلى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بىلەن قارىساق ئۇ ئىنتايىن بىر نامرات دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    جوڭگولىقلاردا سەمىمىيلىك ۋە ئىجتىمائى مەسئولىيەتچانلىق كەمچىل. جوڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئولىيەت ۋە مەجبورىيەتنى چۈشەنمەيدۇ. ئادەتتىكى جوڭگولۇقلار پەقەتلا ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرا كۆڭۈل بولۈشنىلا بىلىدۇ، جوڭگو مەدەنىيىتى ئاقىلانە بولغان جەمئىيەت ئاساسىغا قۇرۇلماستىن ،تەبىقە-جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان. جوڭگولۇقلار پەقەتلا بىۋاستە تۇققانلىرىنىڭ ئولتۇراق جايى بەختلىكلىكىگىلا پىسەنت قىلىدۇ ئەكسىچە ئۆزى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەرنىڭ كۆرىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇنداق قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئەخلاق قارىشى ئادەمنى شەخسىيەتچى ۋە رەھىمسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق شەخسىيەتچىلىك ۋە شەپقەتسىزلىك جوڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالغان.

    جوڭگو ئەزەلدىن قانونلاشقان جەمئىيەت بولۇپ باقمىغان، چۈنكى جوڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قانونغا رىئايە قىلىش قىلمىشى توغرا ئەمەس. جوڭگولۇقلار ھامان "يول مېڭىش "ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار " مۇۋاپىققىيەت-تىرىشىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن كېلىدۇ" دەيدىغان مۇنداق ئەمىلىيەتنى چۈشەنمەيدۇ. جوڭگولۇقلار ئالساملا دەيدۇ بېرىشنى ئويلىمايدۇ. ئۇلار مۇنداق بىر ھەقىقەتنى يەنى "تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسى سېنىڭ قانچىلىك ئېلىۋالغىنىڭدا ئەمەس بەلكى سېنىڭ  جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانلارغا قانچىلىك بېرەلىگەنلىكىڭدە" دىگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.

    كۆپىنچە جوڭگولۇقلار ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەشنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتىنى ئۈگىنەلمىگەن. جوڭگولۇقلار شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزەكى نەزىرىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مەقسىدى ئۆزىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش. مۇشۇنداق بولغاندا بىر ئادەم ئۆزىنىڭ " يۈز-ئابرويى"نى ساقلاشتەك ئەرزىمەس ئارزۇ-ئارمىنىدىن قانائەتلىنىدۇ. "يۈز-ئابروي" جوڭگولۇقلار  پىسخىكىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىۋى قىسمى بولۇپ جوڭگولۇقلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى ۋە جوڭگولۇقلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشىنى سىناپ بېقىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالدى.

    بۇنداق قارشى تۇرۇشقا ئۇچرايدىغان خۇسۇسىيەت جوڭگولۇقلارنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا شەپقەتسىز ۋە شەخسىيەتچى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرگەن. بۇ جوڭگونىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

    جوڭگولۇقلاردا ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن ئىشقا ئاتلىنىش مادارى يوق. ئالدى بىلەن ، ئۇلاردا خاتالىق ئىچىدىن توغرا شەيئىلەرنى تېپىپ چىقىش ئىقتىدارى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى نەپسانىيەتچىلىك ئىگەللەپ كەتكەن. ئۇندىن قالسا ئۇلارنى خاتالىق ئىچىدىن توغرا شەيئىلەرنى تېپىپ چىقالىدى دىگەن ھالەتتىمۇ ئۇلاردا ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان باتۇرلۇق كەمچىل.

    جوڭگولۇقلار ئەزان ۋە ھەقسىز نەرسىلەرگە ئامراق. ئۇلار ھامان تەلەيلىك بولىشىنى ياكى بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىشىنى ئويلايدۇ، چۈنكى ئۇلار تىرىشىشنى ئويلىماي ئەكسىچە ئەمگەك قىلماي تۇرۇپ ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ. نام-ئابروي ۋە مۇۋاپىققىيەت بىر قەدەم- بىر قەدەم تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ۋە قۇربان بېرىشلاردىن كېلىدىغانلىقىنى پەقەت ئاز ساندىكى جوڭگولۇقلارغا چۈشىنىدۇ. بەدەل تۆلەش بولمىسا ئېرىشىشمۇ بولمايدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ھايات قېلىش ئۈچۈن بىر ئادەم پەقەت ئېلىشنىلا بىلىشى ئەمما تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر ئادەم  چوقۇم بېغىشلىشى كېرەك.

    نامرات مۇھىتتا ئۆسكەن، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك تەربىيىنى ئاز كۆرگەن كۆپىنچە جوڭگولۇقلار يۈرۈش-تۇرۇشتا سالاپەتلىك بولۇشنى ۋە ئاساسى ئەدەپ-قائىدىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى قوپال-قالايمىغان كىيىنىپمۇ خىجىللىق ھېس قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا قوبۇل قىلغان تەربىيىسى بولسا   ئۆزىدە بار بولغاننى قانداق قىلىپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشى بولماي ئەكسىچە يالغاننى قانداق  ئېيتىپ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىش.

    جوڭگونىڭ ماددى بايلىقى ئىنتايىن كۆپ دۆلەت. بىراق چەكلىمىسىز مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋىتى جوڭگونى چەكسىز ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ چىقىرىشلارنىڭ ئىچىدە تەربىيە كۆرگەن ئەمگەك كۈچلىرىمۇ بار بولۇپ ئۇلارنىڭ مائارىپ ساپاسى ھەقىقى مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەتتىكى ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىدىغانلارنىڭكى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.

    جوڭگونى كەڭ كۆلەمدىكى ئەرزان ماللارنى ئىشلەپچىقىرىشى مۇشۇ ماللارنى كىرگۈزگەن رايونلارنىڭ سودا ئىناۋىتىنى چۈشىرىۋەتتى. تېخنىكىنىڭ قالاقلىقى، باشقۇرۇشنىڭ ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچرىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جوڭگونىڭ بىرلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى سەرپىياتى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مەسىلەن پايونىيە ، ئامرىكىلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. چۈنكى ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ جوڭگو ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭىەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قىممەتلىك بولغان بايلىق مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق قىلمىش مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،جوڭگونى دۇنيا بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان دۆلەت قىلىپ قويدى.

    نۆۋەتتە جوڭگو كاپىتالىزىمنىڭ ئىككى ئالۋاستىسىنىڭ قىينىشىغا دۇچ كەلمەكتە يەنى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئادىمىيلىكنىڭ يوقىلىشى. جوڭگولۇقلارنىڭ تۇغما نەپسانىيەتچىلىك تەبىئەتى سەۋەپلىك ئۇلار ھېچقانداق ئىككىلەنمەي تۇرۇپ كاپىتالىزىمنىڭ "توختاۋسىز پايدىغا ئېرىشىشنى قوغلىشىش"تەك قاراڭغۇ تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىگە سەل قاراۋاتماقتا. جئوڭگولۇقلار غەرپنىڭ تېخنىكىسى  ۋە مەھسۇلاتلىرىغا تەلۋىلەرگە چوقۇنغىنى بىلەن غەرپنىڭ باشقۇرۇش مەدەنىيىتىدىكى تەكىتلىنىدىغان ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، تۈز توغرا بولۇش، سەمىمى بولۇشتەك بۇنداق ئىستىللىرىغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ.

    جوڭگو مەدىنىيىتى تەۋەككۈلگە جەڭ ئېلان قىلىشتەك بۇنداق ئېسىل خىسلەتنى قوللىمايدۇ، شۇڭا جوڭگولۇقلار ھامان خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئۇلار پۇرسەت ئىزدەپ ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدۇ. جوڭگولۇقلار تۇرمۇشنىڭ تېنچ-خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋە ئەھمىيىتىگە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ماددى نەرسىلەرگە ئېرىشىشقا مەستانە. بۇ جەھەتتە غەرپلىكلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. كۆپىنچە جوڭگولۇقلار "روھى مەنىۋى خاراكتىر"،"ئەركىن ئېتىقاد" ھەم "پىسخىكا روھى ساغلاملىق" دىگەندەك ئۇقۇملارنى بىلمەيدىغانلىقى بايقالدى. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىر ھاياتلىقنىڭ(جىسىم بىلەن روھنىڭ بىللە مەجۇت بولىشى) مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى يوقۇرى پەللىگە يەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى يەنىلا شۇ ھايۋانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك جىنىسقا ۋە يىمەكلىككە بولغان ئىستەككە ئوخشاش پەللىدە  تۇرۇپ قالغان.

    جوڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش قانداقتۇر ھەقىقەتكە ئېرىشىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش بولماستىن بەلكى پەقەتلا سالاھىيەتنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسىدىنلا ئىبارەت خالاس. جوڭگودىكى زىيالىلارنىڭ باشقىلاردىن كۆرگەن ھۆرمىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن قانداق ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلار مۇقەررەر بىلىمگە ئىگە بولىۋالغانلىقىدىن ئىكەن. ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى پەقەت بىر توپ ئىمتىھانلاردىن ئۆتىۋالغانلار ئەمىلىيەتتە ھەقىقەتكە ،ئەخلاققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان يەم يىگۈچىلەردىنلا ئىبارەت.

    جوڭگونىڭ مائارىپ سېستىمىسى چوڭ دائىرىدىكى بىر خىل مەغلۇپ بولۇش ۋە ھاقارەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ مائارىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئوبىكتق يەنى جەمئىيەتكە  مۇلازىمەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ مائارىپ سېستىمىسى جەمئىيەتكە نۇرغۇنلىغان ياراملىق كىشىلەرنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ پەقەتلا بىر ئۇچۇم پۇرسەتپەرەسلەرنى مەيدانغا چىقاردى.ئۇلارنىڭ ئارزۇسى جەمئىيەت تەمىنلىگەن پايدىلىق تەرەپلەردىن مەنپەئەتلىنىش بولۇپ جاۋاپ قايتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمىدى.

    جوڭگو زور تۈركۈمدىكى يوقۇرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، بىراق مۇستەقىل باشقۇرۇش ئېلىپ بارالايدىغان باشقۇرۇش مۇتەخەسىسلىرىنى يېتىشتۈرىشى ناھايىتىمۇ ئاز. مەلۇم بىر شېركەتكە ياكى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلغان چاغدا يالغۇز تېخنىكا بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە باتۇرلۇق، جىگەرلىك، دۇرۇس ۋە سەمىمى بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارى لازىم بولىدۇ. مانا بۇ كۆپلىگەن جوڭگولۇقلاردا كەمچىل بولىۋاتقان خۇسۇسىيەت. خۇددى غەرپلىك داڭلىق دىن تارقاتقۇچى 亚瑟.史密斯 بىر ئەسىر بۇرۇن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك – جوڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ كەمچىل بولغىنى ئەقىل ئەمەس، بەلكى باتۇرلۇق پاك ھەققانى خاراكتىر. بۇ باھا يۈز يىل بۇرۇن بېرىلگەن بولسىمۇ  بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلە جوڭگونىڭ ئۇنۋېرسال كېسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

    كۆپلىگەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار چەت دۆلەتكە چىقىپ كېتىشنى ۋە چەت دۆلەتتە خىزمەت قىلىشتىن ئۆكۈنمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئالدى بىلەن جوڭگو خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش جەريانىدا قىلغان ئەجرىگە قەرزدار. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى قىممەت قارىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە پەيدىن-پەي ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ  كۆپ ساندىكى جوڭگولۇقلار ، تەربىيە كۆرگەن جوڭگولۇقلار روھى ۋە ئىچكى دۇنيانىڭ ئاچال يولىدا خۇددى يولدىن ئادىشىپ قالغان ئىت نەگە بېرىشىنى بىلەلمىگەندەك تەمتىرەپ يۈرمەكتە.

     

    مەنبە http://bbs.ifeng.com/viewthread.php?tid=3248370


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن