-
2010-05-26
بلوگبۇسقا قايسى تور ئالبومىنى تاللايسىز؟ - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/64351052.html
Blogbusقا قايسى تور ئالبومىنى تاللايسىز؟
2009-يىلى بلوگبۇسنىڭ ھەمشېرىك دەپ ئېلان قىلغان 巴巴变تور ئالبومى مانا ئەمدى سىرتقى ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىپ، پەقەت ھەق تۆلىگەندىلا ئاندىن ئېچىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئومومى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلارنىڭ يازمىلىرىدىكى رەسىملەر كۆرۈنمەس بولۇپ قالدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئادەتتىكى يىللىق ئەزالىق ھەققى 38يۈەن ، يوقۇرى دەرىجىلىك ئەزالىق ھەققى يىللىقى120يۈەن ئىكەن. مېنىڭغۇ ئومومەن 巴巴变نى ئىشلىتىش قىزغىنلىقىم قالمىدى(چۈنكى ئۇلار باشتا ئۇنداق دىمىگەن، ئەمدىلىكتە بۇ بىر قىسىملارنى مەجبورلىغىنى ئەمەسمۇ؟)
پېقىرنىڭ يازمىلىرىدا قىستۇرۇلغان رەسىملەر بىر قەدەر كۆپ، (ھازىرقى شارائىتتا نۇرغۇنلىرى شۇ巴巴变نىڭ كاساپىتىن كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ) شۇڭا ياخشىراق،مۇقىمراق، سىرتقى ئۇلىنىشنى قوللايدىغان ھەقسىز تور ئالبومى بولسا تورداشلارنىڭ تاللاپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ھەقسىز تور ئالبومى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بەك كۆپ ئىكەن بىراق مەلۇم مەزگىل ئىشلەتكەن كىشىلا ئاندىن شۇ تور ئالبومىنىڭ قانداقلىقىغا باھا بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت قىس كېلىپ قالدى، ھەممىسىنى سىناپ باقىدىغانغا پۇرسەت يوق، ھازىرقى مۇھىم ئىش بلوگلاردىكى ئاشۇ كۆرۈنمەس بولۇپ قالغان رەسىملەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۈگەتمىسەك بلوگنىڭ ئومومى سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەقسىز تور ئالبوملىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا بېلەت تاشلاپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بلوگبۇسنىڭ بېلەت تاشلاش ئىقتىدارىنى يازمىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرىشكە بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرچە بلوگلارغا تازا ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا بىۋاستە ئەسلى ئورنىدىن بېلەت تاشلاپ بەرسەڭلار.
بېلەت تاشلاش ئورنى:
http://app.home.blogbus.com/vote/view/?id=4224
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
دۇنيا قارا ئەپەندىم ، ماڭا ياردەم قىلىپ بىلوگىمنى بىر رەتلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟[cusFace:6]
www.6621.cn
رەسىم يوللاش بوشلۇقى ئۈچۈن بۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ: http://www.tuzhan.com/