• 2008-05-26

    خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ 30 پىرىنسىپى - [كىشىلىك ھايات]

    Tag:我们

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/21700536.html

    خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ 30 پىرىنسىپىبۇنى بىر خەنزۇچە توربەتتىن كۆرۈپ قالدىم، بۇ پىرىنسىپلار بىزگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ بۇنى بىرنىمە دىيەلمەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك.1.     قانداقلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر،ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئالدى بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ توغرا بولسا ، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىڭ.

    2.     ئۆزىڭىز مۇھىت بىلەن ماسلىشىڭ. چۈنكى مۇھىت، شارائىت مەڭگۈ سىزگە ماسلاشمايدۇ، بۇ بىر ئەڭ ئازاپلىق جەريان بولسىمۇ ماسلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.

    3.     كەڭ قوساق بولۇڭ. گىرىي بولسىڭىز كەڭ قوساق بولۇشنى ئۆگۈنۈڭ. ئەگەر كەڭ قوساق بولۇش يۈرىكىڭىزنى بەك ئېچىشتۈرىۋەتسە ئۇنداقتا يالغاندىن كەڭ قوساق بولىۋېلىڭ.

    4.     جىمغۇر بولۇڭ. جىمغۇر بولۇڭ ،يەنىمۇ ئازراق جىمغۇر بولۇڭ(ۋاقىتلىق ئىشچىلاردىنمۇ بەكرەك جىمغۇر بولىۋېلىڭ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىزنى ۋاقىتلىق ئىشچىلارغىمۇ يەتمەيدۇ دەپ قالسۇن)

    5.     تىلىڭىز تاتلىق بولسۇن. ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ جاراڭلىق ئاۋازىڭىزنى ئايىماڭ( شۇ جاراڭلىق ئاۋازىڭىز بىلەن باشقىلارنى ماختاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. لېكىن ھەددىدىن بەك ئاشۇرىۋەتمەڭ، زېرىكىپ قالمىسۇن)

    6.     ئەگەر يېقىندىن بۇيان ئىشلىرىڭىز قالتىس ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بولسا، ئەمىسە دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك.

    7.     ئەدەپلىك بولۇڭ. سالاملاشقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراڭ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك ،چۈنكى سىز كىچىك "بالا".

    8.     ئاز گەپ قىلىپ كۆپرەك ئىش قىلىڭ. گەپ جىق بولۇپ كەتسە كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ ئادەم كۆپ سورۇنلاردا ئازراق گەپ قىلىڭ.

    9.     باشقىلارنىڭ ھەممە نەرسىسى چىرايلىق كۆرۈنمىسۇن، قانائەت ۋە تەشەككۈرنى بىلىڭ.

    10. ئىش قىلىشنى بىلىپ پەرق ئېتىشنى بىلمىسڭىز بولمايدۇ.

    11. ۋاقىتقا رېئايە قىلىڭ. بىراق باشقىلارنىڭمۇ چوقۇم ۋاقىتقا رېئايە قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ.

    12. ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ. بىراق ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ. بولۇپمۇ باشقىلار سىزنىڭ ۋەدىڭىزنى كۆڭلىدە مەھكەم ساقلاپ ھامىنى قىلىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالمىسۇن.

    13. خىزمەتداشلىرىڭىزدىن پۇل ئارىيەت ئالماڭ. ئالغان ئىكەنسىز ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ.

    14. خىزمەتداشلىرىڭىزغا پۇل ئارىيەت بەرمەڭ.بەرمىسىڭىز بولمايدىغان يېرىگە كېلىپ قالغان بولسا ئۇنداقتا قايتۇرىۋېلىشنى ئويلاشماي بېرىپلاۋەتتىم دەپ ھىساپلاڭ.

    15. مەسئولىيەتتىن قاچماڭ.(گەرچە باشقىلارنىڭ مەسئولىيىتى بولسىمۇ بىرەر قېتىم ئۈشتىڭىزگە ئېلىپ قويسىڭىز ئۆلۈپ قالمايسىز)

    16. بىر خىزمەتدىشىڭىزنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر خىزمەتدىشىڭىزنىڭ يامان گېپىنى قالماڭ. بۇنداق"ياخشى" گېپىڭىزنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارالماسلىقىدىن ئەنسىرىمەڭ. ئەگەر باشقىلار سىزگە باشقا بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلسا پەقەت كۈلۈمسىرەپلا قويۇڭ.

    17. خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن روبىرو قارشلىشىشتىن ساقلىنىڭ.(قارشى تۇرۇش پىكرىڭىزنى ئوچۇق ئاشكارە ئوتتۇرغا قويۇشتىن بولۇپمۇ قىزىققانلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ)

    18. دائىم باشقىلارغا ياردەم بېرىپ تۇرۇڭ. بىراق يەردەمگە ئېرىشكۈچى "ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى" دەپ چۈشىنىپ قالمىسۇن.

    19. راست گەپنى قىلسىڭىز سىزنى دۇرۇس نەس باسىدۇ.

    20. ئادەم ئامىلى بىرىنچى. ئادەم ئامىلى بىرىنچى خىزمەت ئىككىنچى.

    21. دائىم ئۆزىڭىزنىڭ غادىيىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىز ، باشقىلارنى نەزەرگە ئالمايۋاتقانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.(ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ھوقوقىڭىز ياكى مېلىڭىز بولغان بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقى ياكى ياردىمى بولمىسا نۆلگە تەڭ)

    22. سەۋرى-تاقەتلىك بولۇڭ. بۇ ئىنسان ھاياتىدا چوقۇم ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك دەرس.(بەزىلەر بىر ئۆمۈر ياشاپمۇ بۇ دەرستىن ئۆتەلمەيدۇ)

    23. يېڭى بىر ئورۇنغا بارسىڭىز دەرھاللا شۇ مۇھىتقا ماسلىشىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ. تولۇق تەييەرلىق ھەم ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنلا  ئۇ مۇھىت سىزنى ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ.

    24. سوغۇققان بولۇڭ.ھەل بولمايدىغان ئىش يوق. ياخشى ئىشلارنى يامان تەرىپىگە، يامان ئىشلارنى ياخشى تەرىپىگە ئويلاپ بېقىڭ.

    25. ئىشخانىدا يات جىنىسلار بىلەن غەيرى بېرىش-كېلىشتە بولماڭ.ئەگەر شۇنداق ئىش راستىنلا سىزدە سادىر بولغان بولسا (سىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئۆزىڭىزگە ئىش تېپىۋاپسىز)

    26. خوشامەتچىلىكنى ئۈگىنىپ قويۇڭ.(بۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. دىققەت قىلىڭ، خوشامەتچىلىك قىلىمەن دەپ باشقا يەرلىرىنى كۆتۈرۈپ سالماڭ)

    27. پىشقەدەملەر بىلەن قارشلاشماڭ. ئەگەر قارشلاشقان بولسىڭىز سىزنى نەس باسقىنى شۇ.

    28. ياخشى ئىشلارنىڭ بەزىلىرى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇمىتسىزلىنىپ كەتمەڭ.

    29. يوقۇرىدىكىلەرگە ھۆرمەت بىلەن، تۆۋەندىكىلەرگە كەڭ قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.

    30. ئەگەر سىز بىر قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىڭىز خىزمەتلەرنى يەكۈنلىگەن چاغدا تۆھپىلەرنى تۆۋەندىكى ئەمگەكچىلەرگە بېرىڭ،ھەم ئۇلارنى سىلەر بولمىساڭلار بۇ خىزمەتلەر بولماس ئىدى دەپ ماختاڭ. باشقىلارنى تەنقىدلىگەن ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئىككىڭلارلا قالغان جايدا تەنقىدلەڭ.

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن