• 2010-05-25

    blogbusنىڭ يازما ۋە ئىنكاسلارنى تەھقىقلەش ئۆتكىلى قوشۇلدى - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/64274265.html

     يېقىندىن بېرى blogbusتا يازما يوللاڭ ۋە ياكى ئىنكاس يوللاڭ بەزىدە كۆرۈلمەسلىك، يوللانماسلىقتەك مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بەزى بلوگلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇش رامكىسى تۇرۇپلا كۆرۈنىدۇ، تۇرۇپلا كۆرۈنمەيدۇ، بەزى بلوگلارغا ئىنكاس يېزىپ يوللىساق "قېتىۋالغان"دەك ، مىتمۇ قىلمايدۇ، ۋە بەزىدە قايتا مەشغۇلات سەۋەبىدىن ئوخشاش ئىنكاستىن بىر قانچىسى تەڭلا يوللىنىپ كېتىدۇ....

    بو توغرىسىدا blogbusسۇپىسى ئاشكارە ئۇختۇرۇش ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ھالەتتە بۇ مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

    1.    يېڭى يوللانغان يازمىلار بلوگ يۈزىدە كۆرۈلمەسلىك.

    بلوگبۇس مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا يېقىندىن بۇيان بلوگبۇس سۇپىسى يازما ۋە ئىنكاسلارنى تەھقىقلەش ئېلىپ بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەن، شۇڭلاشقا مەيلى سىز يېڭى يازما يوللاڭ ۋە ياكى بىرەر بلوگقا ئىنكاس يېزىڭ ھەممىسى بلوگبۇس باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئۆتىدۇ، بۇ مەشغۇلات جەريانى تەھقىقلىغۇچىلارنىڭ كۆرۈپ تەھقىقلىشى بىلەن بولىدىغان بولۇپ ھەرگىزمۇ ماشىنىنىڭ ئاپتوماتىك تەھقىقلەش پروگراممىسى بېجىرمەيدۇ. ئادەتتە سىز يېڭى يازما يوللىغاندا 5~10 مىنۇت ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن بلوگ يۈزىدە يازمىڭىزنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى 5~10سائەتتىن كېيىنمۇ يازمىڭىزنى بلوگ يۈزىدىن تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن، دىمەك بۇنىڭ قانداق بولىشى سىزنىڭ يازمىڭىزنىڭ مەزمونىغا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر نورمال، ساغلام يازما بولۇپ يەنىلا چىقمىسا بلوگبۇس باشقۇرغۇچىلىرىغا ئېلخەت يوللاپ ئىنكاس قىلسىڭىز ياكى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

    2.    يېڭى يېزىلغان ئىنكاسلار كۆرۈلمەسلىك، ياكى ۋاقتىنچە يوللانماسلىق.

    بلوگقا يېزىلغان يازمىلارنى ئادەم مەشغۇلاتى ئارقىلىق تەھقىقلەش ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش يېزىلغان ئىنكاسلارمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا ئىنكاس قالدۇرغاندىمۇ قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ مەزمونىنىڭ ساغلام بولىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ناۋادا بلوگىڭىزدا قالدۇرۇلغان ئىنكاس بلوگ يۈزىدە كۆرۈلمەي بەلكى بلوگ ئارقا سۇپىسىدا كۆرۈلسە تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلىپ بېقىڭ:

    بلوگ ئارقا سۇپىسىغا ئۆتۈپ بلوگ يۈزىدە كۆرۈلمىگەن ئىنكاسنى ئالدى بىلەن يوشۇرۇن ھالەتكە تەڭشەپ ئاندىن يەنە ئوچۇق ھالەتكە ئەكىلىپ قاراپ بېقىڭ بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • http://1000uy.blogbus.com/ نى ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالسىڭىز؟مە سىزنى قۇشۇپ بولدۇم









  • ئەسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مىنىڭ بىلوگىمنىمۇ كۆزنەك ئۇلۇنۇش بىلوگىغا كىرگۈزۈپ قۇيسىڭىز .
    ئادىرىسى : seyyah.blogbus.com
    توغ ئادىرىسى : http://filer.blogbus.com/4774393/477439312751141827.gif
    dunyakara回复seyyah说:
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2010-05-30 13:26:03
  • تىشلىقمۇ .... مۇشۇ بلوگىڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھازىر تورداكىلەر يەنى 读者 دىگەننى قانداق چىقىرىدۇ... مەنمۇ بلوگخمغا ئادەم كىرەمدۇ يوق كۆرۈپ باقاي دىۋېدىم[cusFace:0]
    dunyakara回复Zoro说:
    بلوگىمدىكى مۇنۇ يازمىدىن كۆرىۋېلىڭ:
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/31536730.html
    2010-05-28 18:41:08
  • مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلەتتىم،يېزىلغان ئىنكاس خەت سانىغا چەك قويۇپتۇ ، 200 خەتلىك خەنزۇچە ئىنكاس يازسا بىر ئابزاس ئىنكاس بولىدۇ بىراق ئۇيغۇرچە ئىككى جۈملە يازسا 200 دىن ئىشىپ كىتىدىكەن
    dunyakara回复Xadlik说:
    بەزىدە ئۇنداقمۇ چەك قويۇپ كەتمەمدۇ نىمە؟ ئىنكاسلار بەك ئۇزۇن بولۇپ قالغۇدەك بولسا قىسىملارغا بۆلۈپ يوللىمامدۇق ئەمدى شادلىق ئەپەندىم؟ (چاقچاق)
    2010-05-28 00:23:14
  • ۋاھ ، ھەجەپ ياخشى بوپتۇ .....
    dunyakara回复Xadlik说:
    شۇنداق.
    2010-05-28 00:05:39