-
2010-05-19
يازمىلاردىكى رەسىملەر نەگە كەتتى؟ - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/63791365.html
ئۆتكەن يىلى بلوگبۇس شېركىتى 巴巴变 تورىنى بلوگگىرلارغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ ئۇنداق ياخشى ، مۇنداق ياخشى دەپ ماختاپ كەتكەن ئىدى، بىزمۇ شېركەتكە ئىشىنىپ بلوگبۇسنىڭ ھەمشېرىكى بولغان بولسا قولايلىق بولغۇدەك ئىشلىتەيلى دەپ نۇرغۇنلىغان ماتېرياللارنى يوللاپ ئۇلانما قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىكەنمىز، بىراق 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى巴巴变 ئېلان چىقىرىپ توربېتىگە يوللانغان بارلىق رەسىملەرنىڭ ھەقسىز سىرتقى ئۇلانما ئىقتىدارىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، بۇندىن كېيىن دائىم ئىشلەتمەكچى بولسا ھەق تۆلەپ ئەزا بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئىقتىدارنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتۇ،تەپسىلاتى بۇ يەردە http://blog.bababian.com/article.asp?id=155شۇنىڭ بىلەن بلوگبۇستىكى نۇرغۇنلىغان رەسىملەر كۆرۈنمەيلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى. بۇ ھەقتە بلوگبۇس شېركىتىدىكىلەرمۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەپتۇ.
ئەمدىكى گەپ بلوگلىرىمىزدىكى كۆرۈنمەي قالغان رەسىملەرنى قانداق قىلىمىز؟، بۇندىن كېيىن قايسى رەسىم يوللاش سۇپىسىنى تەمىنلىگەن ھەقسىز توربېكەتنى ئىشلەتسەك بولار؟...
توربېكەتلەر تېخى ئەمدىلا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان پەيتتە بلوگ يېزىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، بۇرۇنقى يازمىلارنى رەتلەپ چىقىش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
مەن بۇرۇن يوللاپ قويغان ھەقسىز رەسىم يوللاش توربەتلىرىگە ئائىت تۆۋەندىكى يازمىلاردىن پايدىلانغايسىلەر:
http://dunyakara.blogbus.com/logs/25412412.html
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/25413096.html
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/25414848.html
بۇ جەھەتتە ياخشى تەكلىپ –پىكىر بولسىمۇ ئەلۋەتتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرلەنسەك...
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
ماۋۇ كاراماتنى كۆرۈڭ ئنكاس يازىدىغان يەر دە تىخى بىلوگبۇسنىڭ بىتىگە كىرمەيلا
ئىنكاس يوللىنىدىكەن بۇنىمۇ بىزلەرگە ئۆگۈتۈپ قويمامسىز.[cusFace:6][cusFace:11]
بلوگىغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگەن ئۇسلۇبنى تەمىنلەپ بىرەلەرسىزمۇ؟
http://dunyakara.poco.cn/
بەيدۇدىن ئىزدىسەممۇ مۇشۇ توربەت بىرىنچى رەتتە ئىكەن، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
مەن يېقىندىن بىرى بۇنى ئىشىتىپ كىلىۋاتىمەن... سىزگىمۇ موشۇ تورنى تەۋسىيە قىلاي..
http://www.poco.cn/