-
2010-07-06
ئانا تىلنى خارلىدى تورچى - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/68254808.html
ئاپتورى: سەزگۈر
نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
توربەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.
«مىللەت ئۈچۈن» دېيىشتى لېكىن،
ئىناۋىتىڭ قالدى دالدىدا.
«ئاق» ئىدىڭغۇ « ئاھ» دەپ ئاتالدىڭ،
«ئۇيان» چىلار « ئۇيۇن» غا ماڭدى.
«غەزىنە» لەر « گەزىنە» بولۇپ،
«يۇل» لاردىكى « قۇيۇن» دا قالدى.
«يېڭىسار»ىم «يىگىسار» بولۇپ،
«قۇمۇل» ئەمدى « قومۇل» ئاتالدى.
«بۆشۈك» لىرىم«بۇشۇك» ،«بۈشۈك» بوپ،
«چوغلۇق» لىقىڭ «چوگلۇق» تا قالدى.
«كۇرىۋال» دىم « ئۇززار» ، « لولەن» نى،
«ئىلقۇت» لاردا « ئاھ كەپتەر» بېقىپ.
«ئۇيغۇر» بولدى مانا « ئۇي- كالا »،
«باخۋەن» بىزنى « ش ج » ،« فان » قىلىپ.
ۋاراقلاشنى بىلمەمدۇ تورچى،
«دىۋان» لاردىن « بىلىگ » ئىزدەشنى.
مۇشتلىغاندەك سەن ئۈچۈن يۈرەك،
بىر ئاقچىنى ئارتۇق خەجلەشنى !
قوينۇڭ تىلغا بايتىغۇ شۇنچە ،
ئۇزلىقى ھەم موللىقى بىلەن .
يۈزلىرىڭگە سۈرۈلدى قارا،
پىخسىق تورچى ئۆتكۈزۈپ سەۋەن.
شۇ ئېلانچى- تورچى ئالدىدا ،
ئاھ، ئانا تىل كەتتى سولىشىپ.
ئانا تىلنىڭ قىسمەت- قەدرىنى،
قويارمىدۇ بىر كۈن ئويلىشىپ.
2010-07-02
ئىزاھات:
«» غا ئېلىنغانلىرى خاتا ئىپادىلەنگەن تور بەت نامىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىنتىل سەيناسى sezgurboy غا مەنسۇپ.
بۇ شېئىر مۆھتىرەم سەزگۈر ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلان قىلىندى.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
[cusFace:6]
دۇنيا كارا دىگەننى قوشماپتۇغۇ ھەجەپ،قول دىگەن ئىچىگە ئىگىلىدۇ ھە نىمىلا دىگەن بىلەن...[cusFace:5]