• 2010-07-23

    ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش: 3 خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70114495.html

    نەچچە كۈندىن بېرى كوماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغىمۇ ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم. كەچۈرگەيسىلەر.

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ بۇنداق تېما قويۇشۇمدىكى مەقسەت تۆۋەندىكى ئالاھىدە ياسالغان ئۇسلۇپلارنى ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، ھەتتا خەنزۇ تىلىدىكى بلوگ ياسايدىغان ئۇستىلارمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، شۇڭا مەن دادىللىق بىلەن مۇشۇنداق تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، چۈنكى بۇ خىل ئۇسلۇپلار بىرقەدەر ئۆزگىچە، دۇنيادا دەۋر سۈرىۋاتقان       WORDPRESS ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا بۇ ئۇسلۇپلار ياسالدى.

    بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسلۇپلارنى خەنزۇچە بلوگلارغا سەل لايىقلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئېلان قىلغان بولسام ئىدىم چوقۇمكى "بازار تاپاتتى" ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرنى ئەيىپلىگۈچىلەرمۇ چىقاتتى(بۇنىسى مۇقەررەر) لېكىن مېنىڭ ئۇنداق قىلىش خىيالىم يوق. يەنىلا قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىغا سۇندۇم،چۈنكى سۇپا خەقنىڭ بولغان بىلەن گىلەمنىڭ نوچىسىنى سېلىپ ئولتۇرساق ئازادە ئولتۇرىمىز ئەمەسمۇ؟

    ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇسلۇپلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي:

    بىرىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: بۇ بىر قەدەر ئاددى قىلىپ ياسالغان ئۇسلۇپ بولۇپ مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ قېشىغا ئاپپاق بۇلۇت ۋە كۆپ-كۆك تەگلىك ئېلىندى، ئاستىغا بولسا قار-مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ رەسىمى ئېلىنىپ  كۆرگەن كىشىگە كۆپ-كۆك ئاسمان ۋە ئاپپاق بۇلۇتلارنى ئەسلىتىدۇ ھەم ئەركىن-ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

     

    ئىككىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: كەچ كۈز ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى:مەزكۇر ئۇسلۇپ تەبىئەت ئالتۇن رەڭگە كىرگەن كەچ كۈزنىڭ سىماسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەندى،دەريا ۋە كۆللەرنىڭ رەسىملىرى ئۇسلۇپقا قوشۇلۇپ تونۇرنىڭ تەپتىدەك مۇشۇنداق قىزىۋاتقان كۈنلەرنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئىختىيارسىز ئېسىمىزگە سېلىپ كىشىگە بىر خىل سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ.

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئۈچىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: تەكلىماكان ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: مەزكۇر ئۇسلۇپ تەكلىماكاننىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئىشلەندى، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىماكانغا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار، بۇ دۇنياغا داڭلىق سىرلىق ماكاننى توغرىسىغا كېزىپ ئۆتۈپ باققۇم كېلىدۇ، تارىخىي سىرلىرىنى ئاچقۇم كېلىدۇ،نەچچە-نەچچە كېچىلەرنى قوينىدا گۈلخان يېقىپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈم كېلىدۇ...ئالدىنقى قېتىم ساياھەتكە بارغىنىمدا تەكلىماكاننىڭ قۇمىدىن بىر شېشە قاچىلاپ ئەكىلىۋالغان ئىدىم، ھازىرمۇ شۇ "تۇتىيا" قۇمنى كۆرسەم چەكسىز خىياللارغا غەرق بولىمەن...

    مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ بەت قېشىدا تەكلىماكاننى چۆرىدىگەن 9 پارچە رەسىم توختىماي كىنو لېنتىسىدەك ئالمىشىپ تۇرىدۇ، (GIF ھالەت) مۇشۇ 9 پارچە رەسىممۇ سىزنى سۆزسىز تەكلىماكانغا "باشلاپ بارالايدۇ". ئۇنىڭ ئۈستىگە بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرىلىشىمۇ سىتىرولۇق ئۈنۈمگە ئىگە.مەزكۇر ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىم بىلەن ياسالدى، تارىخىي ئىشلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق!

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    يوقارقى 3 خىل ئۇسلۇپ پەقەت بلوگبۇس Blogbus سۇپىسىدىلا ئىشلىنىدۇ، ھەرقانداق مەزموندىكى بلوگلارنى يېزىشقا باپ كېلىدۇ.

    گەرچە ئارانلا 3خىل ئۇسلۇپ بولسىمۇ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى دەپ قارىغىنىڭىزنى ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ.

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى

    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    مەرھەممەت

     

    پېقىر تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلارنىڭ ھېچقايسىسى يارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇپ توغرىسىدىكى ياخشى ئوي-پىكرىڭىز بولۇپ قالسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىنكاس قالدۇرغاندا چوقۇم قانداق قۇرۇلمىدىكى، قانداق ئالاھىدىلىكى بار ئۇسلۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا كونكىرىت مەلۇمات بەرسىڭىز پېقىرنىڭ ۋاقتى چىققاندا ھەقسىز ياساپ بەرسەم بولىدۇ.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • يەنە بىر ئىش،ئەلپىدا خەت نۇسخىسغا قانداق ئالماشتۇق؟ بىرەر توربەتتە شۇ توغرۇلۇق بىلىم بەرمۇ؟مايور ئەپەندىنىڭeotياسايدىغان قۇرالىنى ئەۋەتىپ بىرەمسىز؟
    dunyakara回复ئىزتۈرك说:
    ھازىر بلوگلاردا ئوموملىشىۋاتقان خەت نۇسخىلىرى بولسا ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تارقاتقان يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى خەت نۇسخىلىرى، سىزنىڭمۇ ئىشلىتىپ كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ۋېفت قورالىنى خەت ساندۇقىڭىزغا سېلىپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    ئېئوت ياساشتا قىينالسىڭىز مەن ياساپ بەرسەممۇ بولىدۇ، ئۆزىڭىز ياسايمەن دىسىڭىز تارىم بلوگىدا بۇ توغرىسىدا دەرسلىكمۇ بار
    2010-08-02 23:42:15
  • ئۆزۈمنى كىلىشىمگە ماس كىلىمەن دەپ قارايمەن.تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز...69111784@qq.com رەھمەت!
    dunyakara回复ئىزتۈرك说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-02 23:38:16
  • ۋاھ....قالتىس!

    دۇنيا قارا ئەپەندىم: تەكلىماكان ئۇسلۇبى مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن ئۇسلۇبۇمكەن..ماڭا شۇنى ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز ...
    owchi99@sina.com
    چچ:32524823
    dunyakara回复ئوۋچى说:
    يوللاپ قويدۇم. تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-02 23:34:31
  • خورازدىكى خو!...ئاۋۇ ئۈچۈنچىسى ماڭا بەك ياقتى!
    ۋوي،قارىغاندا دېۋاندا مەن ئولتۇرىدىغان ئوخشايمەن![cusFace:11]
    dunyakara回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئۇيغۇربەگ ئەپەندىنىڭ ماختىغىنىغا كۆپ رەھمەت! بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس قالدۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە دىۋان سىلىنىڭ قېنى مەرھەممەت.
    2010-08-02 23:30:02
评论分页:共4页 第一页 上一页 1 2 3 4