• 2010-07-23

    ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش: 3 خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70114495.html

    نەچچە كۈندىن بېرى كوماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغىمۇ ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم. كەچۈرگەيسىلەر.

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ بۇنداق تېما قويۇشۇمدىكى مەقسەت تۆۋەندىكى ئالاھىدە ياسالغان ئۇسلۇپلارنى ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، ھەتتا خەنزۇ تىلىدىكى بلوگ ياسايدىغان ئۇستىلارمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، شۇڭا مەن دادىللىق بىلەن مۇشۇنداق تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، چۈنكى بۇ خىل ئۇسلۇپلار بىرقەدەر ئۆزگىچە، دۇنيادا دەۋر سۈرىۋاتقان       WORDPRESS ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا بۇ ئۇسلۇپلار ياسالدى.

    بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسلۇپلارنى خەنزۇچە بلوگلارغا سەل لايىقلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئېلان قىلغان بولسام ئىدىم چوقۇمكى "بازار تاپاتتى" ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرنى ئەيىپلىگۈچىلەرمۇ چىقاتتى(بۇنىسى مۇقەررەر) لېكىن مېنىڭ ئۇنداق قىلىش خىيالىم يوق. يەنىلا قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىغا سۇندۇم،چۈنكى سۇپا خەقنىڭ بولغان بىلەن گىلەمنىڭ نوچىسىنى سېلىپ ئولتۇرساق ئازادە ئولتۇرىمىز ئەمەسمۇ؟

    ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇسلۇپلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي:

    بىرىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: بۇ بىر قەدەر ئاددى قىلىپ ياسالغان ئۇسلۇپ بولۇپ مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ قېشىغا ئاپپاق بۇلۇت ۋە كۆپ-كۆك تەگلىك ئېلىندى، ئاستىغا بولسا قار-مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ رەسىمى ئېلىنىپ  كۆرگەن كىشىگە كۆپ-كۆك ئاسمان ۋە ئاپپاق بۇلۇتلارنى ئەسلىتىدۇ ھەم ئەركىن-ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

     

    ئىككىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: كەچ كۈز ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى:مەزكۇر ئۇسلۇپ تەبىئەت ئالتۇن رەڭگە كىرگەن كەچ كۈزنىڭ سىماسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەندى،دەريا ۋە كۆللەرنىڭ رەسىملىرى ئۇسلۇپقا قوشۇلۇپ تونۇرنىڭ تەپتىدەك مۇشۇنداق قىزىۋاتقان كۈنلەرنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئىختىيارسىز ئېسىمىزگە سېلىپ كىشىگە بىر خىل سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ.

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئۈچىنچى خىل ئۇسلۇپ:

    ئۇسلۇپ نامى: تەكلىماكان ئۇسلۇبى

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: مەزكۇر ئۇسلۇپ تەكلىماكاننىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئىشلەندى، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىماكانغا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار، بۇ دۇنياغا داڭلىق سىرلىق ماكاننى توغرىسىغا كېزىپ ئۆتۈپ باققۇم كېلىدۇ، تارىخىي سىرلىرىنى ئاچقۇم كېلىدۇ،نەچچە-نەچچە كېچىلەرنى قوينىدا گۈلخان يېقىپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈم كېلىدۇ...ئالدىنقى قېتىم ساياھەتكە بارغىنىمدا تەكلىماكاننىڭ قۇمىدىن بىر شېشە قاچىلاپ ئەكىلىۋالغان ئىدىم، ھازىرمۇ شۇ "تۇتىيا" قۇمنى كۆرسەم چەكسىز خىياللارغا غەرق بولىمەن...

    مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ بەت قېشىدا تەكلىماكاننى چۆرىدىگەن 9 پارچە رەسىم توختىماي كىنو لېنتىسىدەك ئالمىشىپ تۇرىدۇ، (GIF ھالەت) مۇشۇ 9 پارچە رەسىممۇ سىزنى سۆزسىز تەكلىماكانغا "باشلاپ بارالايدۇ". ئۇنىڭ ئۈستىگە بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرىلىشىمۇ سىتىرولۇق ئۈنۈمگە ئىگە.مەزكۇر ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىم بىلەن ياسالدى، تارىخىي ئىشلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق!

    باش بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    ئارقا بەت رەسىمى:

     

    تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ

     

    يوقارقى 3 خىل ئۇسلۇپ پەقەت بلوگبۇس Blogbus سۇپىسىدىلا ئىشلىنىدۇ، ھەرقانداق مەزموندىكى بلوگلارنى يېزىشقا باپ كېلىدۇ.

    گەرچە ئارانلا 3خىل ئۇسلۇپ بولسىمۇ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى دەپ قارىغىنىڭىزنى ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ.

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى

    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    مەرھەممەت

     

    پېقىر تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلارنىڭ ھېچقايسىسى يارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇپ توغرىسىدىكى ياخشى ئوي-پىكرىڭىز بولۇپ قالسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىنكاس قالدۇرغاندا چوقۇم قانداق قۇرۇلمىدىكى، قانداق ئالاھىدىلىكى بار ئۇسلۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا كونكىرىت مەلۇمات بەرسىڭىز پېقىرنىڭ ۋاقتى چىققاندا ھەقسىز ياساپ بەرسەم بولىدۇ.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ياخشىمۇسىز دۇنيا قارا ئەپەندى؟ماڭا 'تەكلىماكان"ئۇسلۇبىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز. ئىلخەت:1329864918@qq.com
    مۇشۇنىڭ بىلەن 3-قېتىم ئىلتىماس قىلىشىم.
    dunyakara回复ئەلفىرات说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-14 10:11:31
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يان بۈلۈكىنىڭ خەت نۇسخىسى ياخشى چىقمايۋاتىدۇ ، ئەسلى ukij tuz tom ئىدى ، كۆرۈپ باقسىڭىز !
    dunyakara回复سەيياھ يازمىسى说:
    ئۇسلۇپنى دەسلەپ قاچىلىغاندا ئۇنداق ئەمەس بولغىيتتى؟سىز ئۇسلۇپ كودىنى ئۆزگەرتىپ قويغان ئوخشايسىز، قايتىدىن ئەسلى ھالىتى بويىچە قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، يەنىلا ئوڭشالمىسا مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي
    2010-08-13 22:45:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيا قارا ئەپەندىم .
    ماڭا كەچ كۈز ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىىپ بەرگەن بولسىڭىز ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
    ئېلخەت ئادىرسىم: murat625@126.com
    dunyakara回复Murat625说:
    ئالدى بىلەن يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!ئەمدىكى گەپ ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىملىرى بويىچە كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2010-08-13 22:32:53
  • ماڭا تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟خەت ساندۇقۇم:abudubake@qq.com
    dunyakara回复yawa007说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-08-12 02:55:34
  • كىلشىمنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ، دۇنيا قارا بىلوگى(بىلوگلار ئۇلىنىشىدا 博链) ۋە كۆزنەك ئۇلىنىشىمۇ ئۇلۇنىشىغا قۇشۇۋالدىم .
    dunyakara回复سەيياھ يازمىسى说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-12 02:52:51
  • ئەتىگەن ئېنكاس يازغان بولمىسا،ھەيـــــــــــــــــــــــــــــــــــى... ماڭا تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى بىرەلەرسىزمۇ؟ھەممە ئىش دېگىنىڭىزدىكىدەك بولدى.
    bughra@sina.com
    dunyakara回复سەھرا说:
    تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى بايام يوللاپ قويدۇم.
    2010-08-09 19:43:48
  • تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ؟ ئۇسلۇب تەمىنلەش كېلىشىمى بويىچەبلوگنى ئۇلىنىشقا قوشتۇم.
    bughra#sina.com
    dunyakara回复سەھرا说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-09 19:42:34
  • كىلشىمنى كۆرۈپ چىقتىم ، مۇمكىن بولسا تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز .
    joseph99@163.com
    dunyakara回复سەيياھ يازمىسى说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-08-09 16:50:59
  • ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
    makandax@163.com
  • ماڭا تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
    dunyakara回复nijat说:
    بلوگنى ئەمدى تېخى ئېچىپسىز، ئالدى بىلەن يازما يېزىپ بلوگبۇسنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، تەۋسىيەم ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2010-08-09 16:47:45
  • ماڭا 2 ئۇلۇپنى ئەۋەتىپ بەر سىڭىز كىلشىمگە ئەمەل قىلمەن ؟[cusFace:1]
    dunyakara回复subhe说:
    ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا ئۇسلۇپ تەمىنلىنىدۇ.
    2010-08-07 08:58:00
  • ئاق بولۇت ئوسلۇبىنى بلوگىمغا قاچىلاپ .. ، بىراق ئىنكاس رايۇنىدا ئازراق مەسلە كۆرۈلدى ، يەنى نامسىز ئىنكاس يوللاش ۋە تىزىملىتىپ ئىنكاس يوللاش تۈرى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ، ياردەم قىلالارسىزمۇ
    dunyakara回复بىلگيار说:
    ھازىر بىر قىسىم بلوگلارنىڭ نامسىز ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى تاقالغان ئوخشايدۇ.
    2010-08-05 22:29:01
  • مەن تاپشۇرۇپ ئالدىم لىكىن نورمال چىكمىدى [cusFace:0][cusFace:1][cusFace:6][cusFace:10][cusFace:12]
    dunyakara回复akilidrak68说:
    ھەممە جاي نورمال تۇرمامدۇ؟
    2010-08-05 21:30:01
  • يەنە بىر تور بەتنى ئۇلىنىش قىلىشنى كۆرمەي قاپتىمەن،بايا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم،بارلىق شەرتلەرنى ئورۇنلاپ بولدۇم،ئەمدى تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى بىر سوۋغا قىلىۋەتكەن بولسىڭىز.karluk2@.163.com
    dunyakara回复قارلۇق说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-04 00:31:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ماڭا تەكلىماكان ئۇسلۇبى جىددىي لازىم بولۇپ قالغان ئىدى،سوۋغا قىلارسىزمۇ؟سىزنىڭ شەرتلىرىڭىزنى ئورنلاپ بولدۇم،بلوگىم:karluk2009.blogbus.com
    خەت ساندۇقىم:karluk2@163.com
    dunyakara回复قارلۇق说:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى تەپسىلىي كۆرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن قارلۇق ئەپەندىم.
    2010-08-03 23:01:16
  • رەخمەت تاپشۇرۇپ ئالدىم
    dunyakara回复بىلگيار说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2010-08-03 22:59:26
  • مەن كىلشىمدىكىدەك قىلىپ بولدۇم دەپ قارايمان ماڭا يوللاپ بىرىڭ (ئاق بۇلۇت ئۇسلۇپىنى) سىزنى مالال قىلىپ قويىدىغان بولدۇم
    931600314@qq.com
    dunyakara回复akilidrak68说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 22:55:41
  • ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، مۇمكىن بولسا ئاق بۇلۇت ئوسلۇبىنى يوللاپ بېرەلەمسىز ؟ رەخمەت .
    ئېل خەت ئادرېسىم : 427793773@qq.com
    dunyakara回复bilgyar说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 00:40:04
  • رەسىملەرنىڭ بىرسىمۇ چىقمايدىغۇ؟
    dunyakara回复bilgyar说:
    رەسىملەرنىڭ رازمىرى چوڭ بولغانلىقتىن سەل ساقلىغايسىز، مانا ھازىرلا چىقىدۇ.
    2010-08-03 00:38:05
  • dunya kara apandi yيۇقاپ كەتتىغۇ نەچچە كۈنلەر بوپكەتتى[cusFace:10]
    dunyakara回复ئەنقار说:
    بۈگۈن يوللىغان يازمىدىن سەۋەبىنى تاپقايسىز.
    2010-08-03 00:31:40
  • ئوخخووووووووووووو ئىنكاسلار ۋەششى يىزىلىپ كىتىپتۇ لىكىن جاۋابتىن بىرەسىمۇ يوق قارىغاندا بەرگىسى كەلمىدىمۇ دۇنياقارا ئەپەندىنىڭ[cusFace:2]
    dunyakara回复بايلىق说:
    ئۇنداق ئەمەس بايلىق ئەپەندىم، بۈگۈن يوللىغان يازمىدىن سەۋەبىنى كۆرگەيسىز.
    2010-08-03 00:28:06
  • ماڭا ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بىرەمسىز مامال قىلىدىغان بولدۇم مەن ئۇ ئۇسلۇپنى بەكمۇ ياختۇرۇپ قالدىم
    81793940@چ چ سوم
    dunyakara回复مەردان说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 00:23:01
  • مىنى كۆزنەكلەر ئۇلىنىشىغا قوشىۋالغان بولسىڭىز،مەن سىزنى ئۇلىنىشقا قوشوپ بولدۇم.
    dunyakara回复كومپىيۇتىرىم说:
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2010-08-03 00:20:07
  • چىرايلىق چىقىپتۇ !
    dunyakara回复Uyghur Kino说:
    ماختىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
    2010-08-03 00:12:38
  • ماڭا ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
    بىلوگ ادىرسىنى قالدۇراي دىسەم يا پىنيىنچە كىرگەۈزەلمىدىم كەچۈرۈڭ
    ANQAR.BLOGBUS.COM/
    ALTUNANQAR@GMAIL.COM
    81793940@QQ.COM
    dunyakara回复مەردان说:
    چ چ ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 00:08:20
  • ماڭا بىرنى يوللاپ بىرىڭ 1-چىسى بولسۇن
    931600314@qq.com[cusFace:0][cusFace:6]
    dunyakara回复akilidrak68说:
    ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2010-08-03 00:06:22
  • مەن كېلشىم بۇيىچە ئىش كۈرۈپ بۇلدۇم،ماڭا ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبىنى ئەۋتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن abdorahman312@163.com
    dunyakara回复arman1说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 00:05:18
  • assalamu alaikum! kandak ahwaligiz?
    uyghurqa yazsam qikkili unmidei.
    maga taklimakan uslubini yollap bargan bolsigiz apandim?
    emyl: sirlic@126.com
    dunyakara回复رىشتە گۇرۇپىسى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تەكلىماكان ئۇسلۇبىنى يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-03 00:02:32
  • ئۇسلۇب تەمىنلەش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىمەن. ماڭا "تۈن كېچە"ئۇسلۇبى بىلەن"تاش كۆزنەك“يوللاپ بېرەلەسىزمۇ؟
    ئېلخەت: abduletep@126.com
    dunyakara回复Atash说:
    تۈن كېچە ئۇسلۇبىنى يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-08-02 23:55:25
  • سىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغاندىن بىرى مەن بىرتالمۇ ئىشلىتىپ باقماپتىمەن، ماڭا بىر تال بىرەمسىز، تەكلىماكان نى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتەي دەيمەن.
    bughra@sina.com
    dunyakara回复سەھرا说:
    ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2010-08-02 23:52:38
评论分页:共4页 第一页 上一页 1 2 3 4 下一页 最后一页