• 2008-07-16

    نەزىرىمدىكى ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈچ - [چۈشۈرۈڭ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24819456.html

    مەن بۇرۇن firefoxv3.0, internet explorerv6.0, internet explorerv7.0,世界之窗v2.0,傲游(maxthon)v1.5.4 قاتارلىق تور كۆرگۈچ دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كەلدىم ، بەزى چاغلاردا 3-4 تور كۆرگۈچنى بىراقلا ئىشلىتىمەن.

    ھەممىمىزگە مەلۇم يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى بىرىنىڭكىگە بىرى ئوخشىمايدۇ،ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ،كەمچىلىكلىرى بولىدۇ.شۇڭا مەن ئادەتتە ھەممىسىنى قاچىلىۋېلىپ قايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى لازىم بولسا شۇنى ئىشلىتەتتىم.

    بۈگۈن maxthon تورىدىن يېڭى نەشرىنى كۆرۈپ قالدىم،چۈشۈرۈش قېتىم سانى 158مىليون قېتىمغا يېتىپتۇ،مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم.....

    ئىقتىدارلىرى جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ،بىرنەچچە خىلدىكى توركۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارلىرىنى مۇشۇنىڭغا جەملەمتۇ،بولۇپمۇ توربەتلەردىكى ئېلان رەسىملىرىنى سۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپتۇ.

    ئۆزىڭىز خالىغان سىرتقى كۆرىنىشكە ئالماشتۇرالايسىز، قوش كۆزنەك ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ....ئومومەن ماڭا بەك يارىدى،قالغان تور كۆرگۈچلەرنى بىراقلا ئۆچۈرىۋەتتىم، ھەتتا internet explorer 7.0نىمۇ .

    بىردىن-بىر كەمچىلىكى خەت كىرگۈزۈش ھالىتىنى alt+shift كۇنۇپكىسى بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ، پەقەت مائوسنى چېكىپ ئاندىن ئالماشتۇرىۋاتىمەن......

    قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ كېتەرمەن ، قالغانلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن ،چوقۇم ياراپ قالىدۇ،تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ ئۆزىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈڭ


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىلوگ ئالغانتىم ماڭا باشقا ئۇسلوپلار پەقەتلا يارىمىدى .
    سىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇپ ياراپ قالدى شۇڭا ماڭا ئۇسلوبىڭىزنى ئەۋەتىپ بىرەمسىزكىن .
    بۇلامدۇ . چ چ : 929992651 [cusFace:12]
    dunyakara回复ئابلەت说:
    ياخشىمۇسىز؟ ئابلەت ئەپەندىم، مەن ئىشلەتكەن ئۇسلۇپ بەكلا ئاددى، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگلار ئۇسلۇپ كۆرۈنىشى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا خاسلىقنى ياراتسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن، شۇڭا ، مەن ياسىغان ھەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇپلاردىن ھازىرچە 7~8ئى بار شۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان بىرەرىنى تاللاپ باقسىڭىز، ئەگەر ئۇالرمۇ ياقمىسا قايسى جەھەتلەردىن ئۆزگەرتىش تەلىۋىڭىز بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن سىزگە يارىغۇدەك بىر ئۇسلۇپنى ياساپ بەرسەم قانداق؟
    2009-01-17 22:42:45
  • سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى تەۋسىيىڭىز بىلەن مەنمۇ بۇ زىيارەت قىلغۇچنى ئىشلەتكەن ئىدىم،ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقلېرى كۆپ ئىكەن،بۇلۇپمۇ ماڭا ئەڭ ياققىنى 收藏غا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بەتلەرنى ساقلىۋېلىپ مۇلازىمىتىرگە چىقىرىپ قويسىڭىز،سىز كومپىيۇتېر يۆتكەلگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا كۆرگىلى بۇلىدىكەن.ئەمما سىز يۇلۇققانalt+shift بېسىپ ئۇيغۇرچە يېزىش مەسىلىسى بىلەن مەن قېرىشىپ باقتىم،بۇنىمۇ قىلغىلى بۇلىدىكەن.مەسىلەن:altكۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپshiftكۇنۇپكىسىنى كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم باسساق،ئاندىن ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەنمىز.
    dunyakara回复ئىدىقۇت说:
    دىگىنىڭىز توغرا ئىدىقۇت ئەپەندىم،收藏夹 نىڭ مۇشۇ ئىقتىدارى ماڭا بەكمۇ يارىغان،
    سىزنىڭ كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش تېز كۇنۇپكىسىنى دەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! مەن سىناپ باقسام ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن.
    بۇ ھەقتە يەنە يېڭى بايقاشلىرىمىز بولسا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى،ئىدىقۇت ئەپەندىم.
    2008-07-26 09:57:19