-
2009-02-23
يازما تېمىسى ئۇلىنىپ چىقىۋېلىش ھادىسىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېپىلدى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35580240.html
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس تورى ۋە بلوگلىرى ئېچىلمىدى، ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بولسا بەزى بلوگلاردا يازما تېمىسى ئۇلىنىپ چىقىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، بەزىلىرىدە بولسا يەنىلا نورمال. بىر قىسىم بلوگلار پېقىرنى ئوڭشاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ مەن تەكلىپ بويىچە خېلى قېرىشىپ باققان بولساممۇ ئوڭشالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شەنبە كۈنى كەچتە بلوگبۇسقا مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق بىر پارچە خەت يېزىپ يوللىۋەتكەن بولساممۇ دەم ئېلىش ۋاقتى سەۋەپلىكمىكىن ھازىرغىچە جاۋاپ خەت تاپشۇرۇپ ئالمىدىم.
بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كەلگەن ئىدى، مېھمانلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ تۇيۇقسىز كاللامدا بىر ئوي پەيدا بولدى" ئۇسلۇپتىكى چاتاق بولمىسا، يېزىقتىكى چاتاق بولمىسا، بلوگبۇس سۇپىسىدىكى چاتاق بولسا ھەممىسىدە شۇنداق ھادىسە كۆرۈلسە بولاتتى.....ئىشلىتىلگەن كۆد بۆلەكلىرىدىكى چاتاقمۇ-يە؟" دىگەنلەرنى ئويلاپ ،مېھمانلار كەتكەندىن كېيىن ، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مەسىلە چىققان بلوگ بىلەن يازما تېمىسى نورمال كۆرۈنىدىغان بلوگلارنىڭ كودلىرىنى چۈشۈرۈپ بۆلەكلەر بويىچە سېلىشتۇردۇم، خاتالىق باردەك ئەمەس...سېلىشتۇرا، سېلىشتۇرا ئاخىرى مەسىلىنى تېپىپ چىقتىم.ھا ھا ھا .
ئەسلى يازما تېمىسى كود بۆلەكلىرىنىڭ ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا css بۆلىكىدە .post h2, .posts header h2, #header h2 قاتارلىق ناملار بىلەن، قالغان index, detail, index-posts, detail-posts بۆلەكلىرىدە بولسا {title#} , {title_cat#} قاتارلىق ناملار بىلەن بەلگىلىنىدۇ. شۇ يول بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ دەل مۇشۇ {title#} بىلەن {title_cat#} ئىككى خىل نامنىڭ بلوگلاردا قوللىنىلىشىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.
{title#} بولسا يازما تېمىسى
{title_cat#}بولسا يازما تېمىسى ۋە يازما تۈر نامى يەنى cat بولسا category
index بولسا باش بەتتىكى يازمىلار رايونى
index_posts بولسا ئارقا بەتلەردىكى يازما رايونى
index تىكى {c:0} بولسا ئوخشاشلا يازما رايونى بولۇپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى index-postsبۆلىكىدىكى كودنى قاچىلاپ ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك: يازما تېمىلىرى ئۇلىنىپ چىقىۋالغان بلوگلار index-posts ۋە detail-post بۆلەكلىرىدە ئوخشاشلا يازما تېمىسىنى {title#} ئارقىلىقلا ئىپادىلەپ قويغان، يازما تېمىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان تۈر نامىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بويىچە يەنى{title_cat#} بويىچە ئىپادىلىمىگەن، شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىققان.
ئەمدى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى:
سىز بلوگىڭىزنىڭ كود تەھرىرلەش ئورنىغا ئۆتۈپ بارلىق {title#} بىلەن ئىپادىلەنگەن ئورۇنلارنى {title_cat#}قا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا يازما تېمىلىرىنىڭ ئۇلىنىپ چىقىۋېلىش ھادىسىسى ئوڭشىلىدۇ.
بارخان بلوگىدىكى كودنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆرۈنىشى:
{title#} ھالىتىدە كۆرىنىدىغان بلوگ يۈزى:
{title#}نىڭ ئورنىغا {title_cat#}نى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى بلوگ يۈزى كۆرۈنىشى:
ئەمدى قالدى گەپ: بىزنىڭ بلوگدا بۇرۇنلا يازمىلار نامى مۇشۇنداق {title#} نامىدا قوللىنىلغان ئىدى، نورمال كۆرۈنەتتىغۇ؟ ئەمدى نىمە ئۈچۈن بۇ خىلغا ئالماشتۇساق ئاندىن يەنە نورمال بولۇپ قالىدۇ؟ دىگەن سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. بەلكىم بلوگبۇس سۇپىسى css ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇردىمۇ ياكى دەرىجىسىنى يوقۇرى كۆتۈردىمۇ بۇ ماڭىمۇ نامەلۇم ،چۈنكى ھازىرغىچە ئۇلاردىن جاۋاپ خەت كەلمىدى، قانداقلا بولمىسۇن ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېپىلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بلوگىمىزنى ئوڭىشاپ تۇرايلى، قالغان گەپ بولسا ئۇلاردىن جاۋاپ خەت تاپشۇرىۋېلىپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن دوستلارغا يەنە ئايرىم ئۇقتۇرۇش يازارمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم ، رەھمەت سىزگە . ئاخىردا يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، مەن بايا index-posts ,derail-posts ئىچىدىكى title_cat لارنى بۇرۇنقىدەك title غا ئۆزگەرتىپ باقسام تىمىدىكى سۆزلەر ئۇلىشىۋالمىدى ، شۇڭلاشقا بايا ئۆچىرىۋەتكەن پارامېتىرلارنى بۇرۇنقى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلسىڭىز، تىما تۈرى تىما كەينىگە چىقماي ، ئاستىغا چىقسا سۈپەتلىك تۇرىدىكەن (مىنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسلۇبىمغا قارىتا ) شۇڭا بۇرۇنقىدەك ئاستىدا چىقىدىغىنى تۇرىۋەرسە ،[cusFace:3][cusFace:6][cusFace:8]
ئاخىرىدا سىز دىگەندەك بلوگىڭىزنى ئوڭشاپ قويدۇم.
ئەمدى بولدى ، بايا قىلالمىغان ئىكەنمەن ، ئەمدى قىلدىم ،[cusFace:10]
مېنىڭ بىلوگىمدىمۇ مۇشۇنداق، تىمىدىكى سۆزلەر ئۇلىشىۋېلىپ ، ئوڭشىيالمىغان ئىدىم ، سىز بۇ تېمىنى يازغاندىن كېيىن سىز دىگەندەك قىلىپ ئوڭشىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە !!
مەن سىزدىن يەنە بىر ئىشتا ياردەم سورىماقچىدىم ، مەن سىز دىگەندەك قىلىپ ئوڭشىغاندىن كېيىن تېمىنىڭ كەينىگە چوڭ تىرناق ئىچىگە تۈرى بىللە چىقىۋالدى ، ئاستىدا يەنە بىز ماقالە يوللىغاندا تاللىغان تۈر نامى چىقىدۇ ، باش بەتتىكى بىر ماقالىدا ماقالە تۈرى ئىككى يەردە چىقىۋالدى دىگەن گەپ ، تىما كەينىگە چىقىدىغان تۈر نامىنى يوقاتقىلى بولارمۇ ؟مۇشۇنى ئوڭشاش ئۇسۇلى بارمۇ ؟ يول كۆرسەتسىڭىز ، ياردەم قىلسىڭىز؟
detail-post
بۆلەكلەر ئىچىدىكى catپارامىتىرىنى ئۆچۈرىۋېتىڭ، تېما ئاستىدىكى تۈرلەر نامى يوقايدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي، بولامدۇ؟
بلۇگىڭىزغا داۋاملىق كىرىپ تىمىلىرىڭىزدىن نەپ ئېلىپ تۇرىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن سىزگە كۆوپ تەشەككۇر.
مومكىن بولسا بلۇگباسنىڭ ئۇسلۇپلىرىنى قاندق تەرجىمە قىلىش ياكى يېڭىدىن بلوگباسقا تەقلىد قىلىپ ئۇسلۇپ ياساش ھەققىدە بىلىدىغانلىرڭىزنى ئايىماي بىر تىما قىلغان بولسىڭىز....
بىلوگىڭىز كۈندىن كۈنگە روناق تاپسۇن!
رەھمەت بۇرادەر!
مېنڭمۇ، باشتا قېرىندىشىمىز توغرا يول ئەپەندى ئېيىتقاندەك بولىۋالغاندى ، قايتا بىر قارىسام ئەسلى ئاۋۇ قۇدۇق بەلگىسى title دىگەن خەتنىڭ ئالدىدا بولىدىكەن ، كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا cat دىگەن خەتنىڭ كەينىگە چىقىۋالسا ئاشۇنداق بولىۋالىدىكەن .
مەن بلوگ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغان ، بەز ى ئورۇنلارنى ئۆزگەرتەلمىدىم ،
يان سىتوندىكى خەتلەر ئوڭ تەرەپكە توغۇرلانمىدى ، توغۇرلىسام پۈتۈن بەتنىڭ
ئوڭ تەرىپىگە كېلىۋالىدىكەن ، يەنە بىر ئىش ئىنكاس رايۇنى نورمال ئەمەس .
يول كۆرسەتسىڭىز ؟
title-cat ئەمەس
بەلكى title_cat شۇ
دەل ۋاقتىدا بولدى.سىزگە كۆپ رەھمەت!