-
2009-02-25
CSSنىڭ قۇدرىتى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35560746.html
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك HTML, XHTML ۋە CSSلار توربەت ياسىغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان كود قۇرۇلما بىلىملىرى. توربەت ياسايمەن دەيدىكەنمىز، مۇشۇ بىلىملەرنى ئىگەللىمەي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلالمايمىز، بىزدەك بلوگ ئۇسلۇپ ياسىغۇچىلارمۇ مۇشۇ بىلىملەرگە تايانماي تۇرۇپ بىرەر ئۇسلۇپنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز. بىز پەقەتلا بلوگبۇس ئۇسلۇپلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقا سۇپىسى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدىلا بەلگىلەنگەن كود ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇسلۇپ ياساشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتسىڭىز بلوگبۇس سۇپىسى تونىمايدۇ، شۇڭا ئەركىن توربەت يۈزىگە قارىغاندا بلوگبۇس ئۇسلۇبىدا ئىشلىتىدىغانCSS كود قۇرۇلمىلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. قانداقلا بولمىسۇن بلوگبۇسمۇ كونا ئۇسلۇپ سېستىمىسىدىن يېڭى ئۇسلۇپ سېستىمىسىغا كۆچتى، بۇ ئارقىلىق كود قۇرۇلمىسى جەھەتتە خېلى زور ئىلگىرلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بېرىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك تۆۋەندىكى توربەتتىكىسى پۈتۈنلەي CSS قۇرۇلمىسىدىن تۇزۇلگەن كود توپلىمى. سىز ئۇنى بلوگنىڭ ئوڭ ستونىدىكى كود ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە كوچۈرۈپ چاپلاپ ئىجرا قىلىپ بېقىڭ قانداق ئۆزگىرىش بولىدىكىن؟ كۆزىڭىزگە ئىشەنمەيلا قالىسىز، مانا بۇ CSSنىڭ قۇدرىتى، CSSنىڭ بولغانلىقىدىنلا ئاندىن HTML, XHTMLلار رەڭلىك ، بوشلۇقتىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە بولۇپ ھاياتى كۈچى تېخىمۇ ئاچقان.CSSنىڭ بولغانلىقىدىنلا تور بەت يۈزىدە ئوي-پىكرىمىزنى جانلىق ،رەڭدار ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلغان. شۇڭا توربەت يۈزىدە سىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ئىش بولىشى مۇمكىن، بىراق CSSئورۇندىيالمايدىغان ئىش بولمايدۇ.(چۈنكى WC3مۇ ئۆزلۇكسىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ)
مەشغۇلاتنىڭ تەرتىپى ئاددى بولۇپ ، بىر قاتار cssبەلگىلىرىدىن تۈزۈلگەن كود توپلىمىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
تۆۋەندىكى توربەتتە چىققان كۆزنەكتىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكى كود ئىجرا قىلىش بېتىگە كىرىپ كۆچۈرىۋالغان كودنى كۆزنەككە چاپلاپ ئىجرا كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
قانداق؟قزىقارلىقمىكەن؟ ئىجرا بولغاندىن كېيىن نىمىنى كۆردىڭىز؟ مانا بۇ CSSنىڭ قۇدرىتى.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
بۇلارنى CSS بەلگىلىرىدىن تۈزۈلگەن كود توپلىمى دېيىشكە قانداقمۇ تىلىڭىز باردى؟ بۇلار ئېنىقلا HTML كودى تۇرمامدۇ؟ CSS دېگەنلىك Cascading Style Sheets نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزچە بولغانچە قاتلام ئۇسلۇب جەدۋىلى دېگەنلىك بولىدۇ. ئاۋۇ كودتا ھېچقانداق قاتلام ئۇسلۇب جەدۋىلى ئىشلىتىلگەن بولماستىن، بەلكى بىۋاسىتە HTML كودى ئارقىلىق خەت ئۇسلۇبى بەلگىلىنىپ ئاشۇ سۈرەت ھاسىل قىلىنغان.
مەن css تىن تۈزۈلگەن كود توپلىمى دىدىم.
css كودى توربەت يۈزىدە ئىجرا بولىدىغان بولغاچقا ئەلۋەتتە htmlغا تايىنىدۇ. يازمىنى تولۇق ئوقۇڭ.