-
2009-02-27
بلوگىڭىزدىكى بارلىق ئۇلانمىنى يېڭى بەتتە كۆرۈش ئۇسۇلى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35607279.html
ئۆتكەندە بلوگبۇستىكى نۇرغۇنلىغان دوستلار مېنىڭدىن بلوگنىڭ يازما تېمىسىنى چەكسە ياكى "تولۇق ئوقۇش" دىگەننى چەكسە شۇ بەتنىڭ ئۆزىدىلا تېما ئېچىلىدىكەن، بۇنى ئايرىم بەتتە ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟ دەپ ئوخشاش مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانتى. شۇ چاغدا قولۇمدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلارغا كېيىنچە ئىزدىنىپ جاۋابىنى بېرەي دەپ قويغان ئىدىم. مانا بۈگۈن سەل بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش يولىنى تاپتىم
مانا بۇ ئۇلانما قوشۇش شەكلى، ئالدى بىلەن بۇنىڭدىكى كودلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
href بولسا نىشاننىڭ بەلگىلەنگەن ئۇلىنىش ئادرىسى يەنى ئۇلىنىش نىشانىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
target بولسا نىشاننى بەلگىلەنگەن توچكىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنى بەلگىلەنگەن توچكىدا ئېچىش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ پارامىتېرلىرىدىن:
- _blank بولسا نىشاننى يېڭى رامكا ياكى كۆزنەكتە ئىجرا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
- _parent بولسا نىشاننى ئوخشاش بولغان توچكىدا يەنى ئوخشاش رامكا ياكى كۆزنەكتە قاپلاپ ئىجرا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ
- _self بولسا بارلىق نىشانغا يېڭى ئىجرا توچكا توپى شەكىللەندۈرۈش
- _top بولسا بارلىق نىشاننى نۆۋەتتىكى ئىجرا بولىۋاتقان بارلىق توچكىنىڭ ئورنىنى قاپلاپ (ئۈستىگە) ئىجرا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ
ئەمدى مۇھىم نۇقتىغا كەلسەك HTML دا href بەلگىلەنگەن ئۇلانمىنى جەزىمەلشتۈرۈش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . base بولسا بەلگىلىك نىشاندىكى بارلىق ئۇلانمىلارنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلانما نىشانلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىسەك مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز، ئەپچىل ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە:
بۇ كودنى بلوگىڭىزنىڭ head بۆلىكىنى ئېچىپ شۇنىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويۇڭ ئاندىن ساقلاپ چىقىپ سىناپ بېقىڭ . بارلىق يازمىلىرىڭىز يېڭى بەتتە ئېچىلامدىكىن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
- _blank بولسا نىشاننى يېڭى رامكا ياكى كۆزنەكتە ئىجرا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
评论
قەدەم تەشرىپ قىلىشىىڭزلارنى قارشى ئالىمەن .
بىلوگ ئادرىسىم : Http://Hanzat.Blogbus.Com
تېما ئىچىدىكى ئۇلانمىلارنى ئۆزىڭىز تېما يازغان ۋاقتىڭىزدا قانداق بولىشىنى بەلگۈلەيسىز.
بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، Blog دىكى ھەممە ئۇلانما يېڭى بەتتە ئېچىلىدىكەن.
بۇنى ئۆزگەرتىپ Blog نىڭ تېما مەزمۇنى ئىچىدىكى ئۇلانمىلار (مەسىلەن، مۇشۇ تېمىڭىزدىكى "بلوگبۇستىكى" ، "ئەپچىل ئۇسۇل" ، "كودنى" دېگەن ئۇلانمىلار) نى چەككەندە يېڭى بەتتە ئېچىلىدىغان، تېما مەزمۇنىغا تەۋە بولمىغان باشقا ئۇلانمىلار (مەسىلەن، مۇشۇ بەتتىكى "Css نىڭ قۇدرىتى" ، "باش بەت" ، "يېڭى تېما" ، "يېڭى ئىنكاس" قاتارلىق ئۇلانمىلار) نى چەككەندە شۇ بەتنىڭ ئۆزىدە ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟
كەچۈرۈڭ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
ئاندىن قالسا مۇشۇ كودنى قوشۇش ئارقىلىق تېما مەزمونىنى يېڭى بەتتە ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ، يازما تۈرلىرى ۋە باشقا ئۇلانمىلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئېچىلىدۇ.
ئۇزۇن بوپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
تەتىلدىن بىرى يېزىدا بۇلۇپ قالغاچقا تورغا چىقالمىدىم، شۇڭا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىمۇ يوقلاپ تۇرالمىدىم، بىراق دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن.
مەخسەتكە كەلسەم، سىز دېگەندەك قىلىپ كۆردۇم لېكىن ئۇنۇمى بولمىدى.
بولسا ياردەم قىلىسىڭىز بوپتىكەن.
qq نۇمۇرىڭىز قانچىكىن؟
سىز بىلەن بىر ئالاقىلاشسام بۇلاتتى.
ھە راسىت مەن تەرجىمە قىلىۋاتقان كىتاب قانداقراق چىقىپتۇ؟
تەرجىمە قىلىۋاتقان كىتابىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ، مەن كۆرىۋاتىمەن.
QQ:472555008
سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئالماشتۇرىۋالدىم !!
سىزگە كۆپ رەخمەت !!
يەنە ئازراق چاتاق چىقتى . بلوگىمنى firefox تا ئاچسا شۇنداق نورمال ، بىراق
Internet Explorer دا ئاچسا ئىنكاس رايۇنى پەقەت ئىشلىمەيۋاتىدۇ .
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئوڭشاپ بەرسىڭىز !!