• 2009-02-22

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى - [تۈرى يوق]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35555378.html

     مەزكۇر بلوگدا بۇندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بلوگبۇس  ئۇسلۇپلىرى بىردەك بوشلۇققا يوللانمايدۇ، لازىم بولغانلارغا تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ:

    ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىش شەرتلىرى:

    1.بلوگ ئادرىسىڭىزنى تولدۇرىشىڭىز شەرت.(بلوگى يوقلار ئالدى بىلەن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ،يازما يوللاپ ، ئۇسلۇپنى قاچىلاش ۋە بلوگبۇس ئۇسلۇپ يۈزىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن بىر قۇر تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەرتىپ بويىچە بۇ ئۇسلۇپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىنكاس يېزىشى كېرەك. يازما يازمىغان قۇرۇق بلوگىڭىزغا ئۇسلۇپ ئىلتىماس قىلماڭ،)

    2.يوللىنىدىغان بىرنەچچە ئۇسلۇپلار ئىچىدىن، سىزگە ياقىدىغان ئۇسلۇپنىڭ نامى، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى تولۇق قالدۇرىشىڭىز شەرت،ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىملاسى توغرا بولىشى شەرت(بىر قېتىمدا ئىككىدىن ئارتۇق ئۇسلۇپنى ئېۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ھەممىنى ئېۋەتىپ بېرىڭ، ياكى خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قوياي دىگەندەك سۆزلەرنى قالدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)

    3.ئىلتىماس قىلغان بلوگلار چوقۇم ئالدى بىلەن Dunyakara بلوگنى، كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشقان بولىشى شەرت.(بۇ تەلىپىم ئېشىپ كەتمىگەندۇ دەپ ئويلايمەن، كۆپچىلىككە مەلۇم پېقىر تا ھازىرغىچە دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق شەرت قويۇپ باقمىغان ئىدىم، كۆزنەك بلوگلار ئائىلىسىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇلىنىش تورىنى بلوگىمنىڭ باش بېتىدىن كۆزنەككە يۈتكەپ قويسام، ئۇلار توغرا چۈشەنمەي بلوگىمنى چىقىرىۋېتىپتىكەن، بلوگىمنىڭ باش بېتىگە قايتىدىن قويۇپ ئىلتىماس قىلسام قايتىدىن قوشۇپ قويدى. بۇنىڭدىن مۇشۇنداق شەرت قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.)

    4.ئۇسلۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار پېقىرنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆز بلوگلىرىدا خالىغانچە تارقاتماسلىقى شەرت.( تەكلىماكان بلوگىدا ئېلان قىلىنغانغا ئوخشاش يازما ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ. ئۇسلۇپ ياساپ باققانلار بىلىدۇ. بىرخىل ئۇسلۇپنى ساق بىر كۈن ھەتتا بىر نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنى قۇۋۋەت بەدىلىگە ياسايدىغان گەپ. شۇڭا سىزدىن سورىغۇچىلارغا پېقىرنىڭ بلوگىنى ئۇلانما قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.)

    5.ئۇسلۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار ئۇسلۇپتىن خالىغانچە پايدىلىنىپ ئىشلەتسە يەنى يارىمىغان جايلىرى بولسا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ(ئۆزگەرتىپ بۇزۇپ قويسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىسىز، مېنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)

    بۇندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇسلۇپلار بىردەك يوقارقى شەكىل بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇسلۇپ تەمىنلىگۈچىلەرگىمۇ ھەم يوقارقىدەك شەرتلەر ئورتاق قوللىنىلىدۇ. شەرتنى ئورۇندىمىسىڭىز ئۇنداقتا بىرلا ئېغىز سۆز - كەچۈرۈڭ! ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىلمەيدۇ.

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش:قايسى ئۇسلۇپ لازىم بولسا شۇ ئۇسلۇپ بار يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.

    تۆۋەندىكى بلوگلارنى بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىشىڭىز شەرت:

    Dunyakaraبلوگى

    files/12340448100.gif

    كۆزنەك بلوگلار ئائىلىسى

    http://koznak.blogbus.com/files/12340466050.jpg

    يوقارقى شەرتلەرنى ئورۇنلىدىڭىزمۇ؟ كېلىشىمگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپلا "كېلىشىمنى كۆردۈم ، قوشۇلىمەن، ئەمدى ئېۋەتىپ بېرىڭ" دىمەڭ.

     

    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى:ھەرقايسى بلوگگىر دوستلارغا مەن "دۇنيا ئانا تىلى" كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئىككى خىل ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن ئىدىم. ئۇسلۇپ تەمىنلەش ئۈچۈن پەقەت بىرنەچچە تۈرلۈك تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسىدىمنى دوستلارغا بايان قىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتىم:

    1.ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مەيلى توربەت مەيلى مۇنبەر ۋە مەيلى ئۇيغۇرچە بلوگلار بولسۇن، تېما يوللىغاندا ياكى ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلمايدىغان مەسىلە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر بۇ ھەقتە  يەنى باشقۇرغۇچىلارغا ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ بولۇپ ئاندىن يوللاش دىگەندەك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ كەلگەن ھەم كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىملاسى توغرا بولغان، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرى سىلىق،راۋان بولغان يېزىلمىلار (مەيلى قانداق ئەسەر بولىشىدىن قەتئىنەزەر)كىشىگە بىرخىل مەنىۋى ئوزۇق. كۆڭۈلگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھازىر ئايرىم بلوگلاردا بۇنداق ئىملا خاتالىقىنى بىز ئۇچرىتىپ تۇرىمىز(پېقىرنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدىمۇ بەلكىم ئىملا خاتالىقلىرى بولىشى مۇمكىن، پېقىرمۇ بۇندىن كېيىن ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىدۇ) شۇڭا پېقىر مۇشۇ ئالاھىدە كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى ھەم باشقا بارلىق قېرىنداشلارنى ئىملا خاتالىقلىرىدىن مۇستەسنا بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قەدىرلىشىمىزنى، قوغدىشىمىزنى چاقىرىق قىلماقچى.

    2.پېقىر بلوگىدا بۇرۇن يوللىغان ئۇسلۇپلاردا كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇد بولغان مەسىلەن، قانداق چۈشۈرىدۇ؟چۈشۈرەلمىدىم، ئېلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ئۇسلۇپنى قاچىلىسام ئوڭۇشلۇق بولمىدى....دىگەندەك بىر قاتار ئىنكاسلارنى قالدۇرغاچقا پېقىر يەنىلا سەۋرىچانلىق بىلەن دوستلارنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىپ كەلگەن ئىدىم.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماڭا سىزنىڭ توغراق ئۇسلۇبى لازىم ئىدى، ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، خەت ساندۇقۇم:halpam@126.com ، بلوگىم:http://yapraq.blogbus.com
    dunyakara回复survivor说:
    ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-06-10 00:03:58
  • ماڭا بۇ ئۇسلۇپ جىددى لازىمتى مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز چ چ 892761030
    dunyakara回复ahenelar说:
    892761030@qq.com غا يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2010-06-08 23:49:31
  • 你好,为什么打维语字不出来啊,我需要的是关于伊斯兰的风格,但是这个也不错,你辛苦啦,我经常看见的bilog很好哦,我也这个在做一个,但是觉得特别难,总是做不了显示维语字,我该怎么办?能帮我做一个伊斯兰风格的吗 ???还是你叫我也行?。做简单的话,我想也学学怎么做啊,帮我发一个,我只想要一个,谢谢 ,呵呵,我需要你的帮助,能跟我联系吗 ??我的qq279557602,发qq 邮箱,谢谢
    dunyakara回复ھىدايەت说:
    ياخشىمۇسىز،كومپىيوتېرىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان بولسىڭىز ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازغىلى بولاتتى، بلوگىڭىزنى كۆردۈم ھېلىمۇ خېلى ئوبدان قىلىۋاپسىز، يېڭىدىن بلوگ ئېلىپلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنچىلىك سەرەمجانلاشتۇرىۋالماقنىڭ ئۆزىمۇ خېلى بىر ئىش، ئەگەر بلوگبۇسنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تېخىمۇ پىششىق تونۇشۇپ چىقىشنى ۋە ئۇسلۇپلارنىڭ خالىغان جايلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بلوگىمدا تارقاتقان بلوگبۇسنى ئىشلىتىش قوللانمىسى ئېلكىتابى بار شۇنى چۈشۈرۈپ پايدىلانسىزڭى بولىدۇ. ئىسلامچە ئۇسلۇپتىن بىرنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش سەھىپىسىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، 2يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر دانە ئىسلامچە ئۇسلۇپ بار،ھازىرچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز كېيىنچە مەن بىرنى ياساپ ئېلان قىلاپ قوياي. مېنىڭ چچ نومۇرۇمنىڭ مەخپىي شىغىرىنى ئۇنتۇپ قالدىممۇ ياكى شىغىرى ئوغۇرلاندىمۇ كىرەلمەيۋاتىمەن ھەم تېڭشۈندىنمۇ قايتۇرۇپ ئالالمايۋاتىمەن.
    2010-06-05 22:38:08
  • قالتىس بوپتۇ[cusFace:6][cusFace:6][cusFace:6][cusFace:6][cusFace:6][cusFace:6][cusFace:12]
    dunyakara回复muzappar说:
    شۇنداق.
    2010-05-25 01:39:41
  • مەن مۇ ئىشلىتىپ باقاي
    dunyakara回复muzappar说:
    بولىدۇ.
    2010-05-25 00:09:37
  • ماڭىمۇ بىر يۇللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن dnper@126.com
    dunyakara回复xaxkiz说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شاش قىز.
    2010-05-25 00:49:56
  • شۇ ئۇسلۇپقا ئىنكاس يازاي دىسەم بولمىدى ..شۇڭا مۇشۇ يەرگە يازدىم
    dunyakara回复مۇختارجان说:
    بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2009-07-01 00:07:58
  • ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ..مەنمۇ يېڭىدىن بلوگ ياساشنى ئۆگىنىۋاتقان ..ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم دۇنيا قارا بلوگى بىلەن كۆزنەك بلوگىنى ئۇلىنىشمۇ قىلىۋالدىم ..ماڭا تۈم كېچە ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولدامدۇ ؟؟ئېلخەت alfa50888@sina.comرەھمەت !!
    dunyakara回复مۇختارجان说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-07-01 00:07:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن ۋاڭبا ئاچىمەن.
    مەنمۇ يىڭىدىن ئوگەنچى ئىدىم . ماڭا ئۇيۇن مۇنازىرە تور بەت ئۇسلۇبىدىن بىرنى ياساپ بىرەمسىز..؟
    aksuboy83@126.com خەت ساندۇق ئادىرسىم
    [cusFace:6]
    dunyakara回复konejay说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!بلوگىڭىزنى كۆردۈم، بلوگىڭىزنىڭ ئاساسى يۈنۈلىشى ئويۇن ۋە مۇنازىرە ئەمەس ئىكەن شۇنىڭدىن قارىغاندا سىز ئويۇن مۇنازىرە توربەت ئۇسلۇبىنى قايسى ئادرىسقا ئىشلەتمەكچى؟ بلوگبۇس سۇپىسىدىكى بلوگلارغىمۇ ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك تورناملىرىغىمۇ؟
    2009-06-05 22:45:38
  • مەن يېڭىدىن بىلوگ ئالغانتىم قارىسام سىزنىڭ بايراملىق ئۇسلۇبىڭىز ماڭا يارىدى، شۇڭا كېلىشىم بويىچە ئۇلىنىش قىلدىم، ئەۋەتىپ بېرەرسىزمۇ؟
    arghu@163.com
    http://arghu.blogbus.com
    dunyakara回复Arghu说:
    ئۇسلۇپ خاتا ئېۋەتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قايسى ئۇسلۇپ لازىم بولسا شۇ ئۇسلۇپ ئېلان قىلىنغا يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىدىمۇ بۇ نۇقتا چۈشەندۈرۈلگەن،
    2009-05-16 21:56:55
  • {gra:}[Face]16[/Face][Face]2[/Face]{gra:}
  • بۇ ئۇسلۇپ ماڭا ياقتى بولسا ئىۋەتىپ بەرسىڭىز...
    ئىلخەت: yigana0998@126.com
    dunyakara回复yigana0998说:
    سىزگە قايسى ئۇسلۇپ ياققان بولسا شۇ ئۇسلۇپ بار يازمىنىڭ ئاستىغا ئۇسلۇپ نامىنى تولۇق يېزىپ ئاندىن ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
    2009-04-04 11:13:35
  • ئەسسالام مەن قونچاق ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالدىم ،لىكىن قانداق ئشلىتىشنى ئۇقمايمەن .ياردەم قىلامسىز ........................
    [cusFace:6]

    zarapshan.blogbus.com
    zarapshan035@yahoo.com.cn
    qq:328126321
    dunyakara回复زەرەپشان说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    قارىسام بلوگنى يېڭى ئىلتىماس قىلىپسىز، شۇڭا بۇ ئۇسلۇپ سىزگە يارىغان بولسا مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن سىزگە ئوڭشاپ تەق قىلىپ بېرەي بولامدۇ؟
    2009-03-31 12:55:32
  • ئۇنداقتا ئاۋار قىلىدىغان بولدۇم ، ئىلكتىرونلۇق پوچتا ئارقىلىق مەخپى نومۇرنى يوللاپ قوياي ، رەخمەت سىلىگە![cusFace:6]
    dunyakara回复maulanjan说:
    بولىدۇ.
    2009-03-06 20:06:33
  • ئۇنداقتا ئاۋار قىلىدىغان بولدۇم ، ئىلكتىرونلۇق پوچتا ئارقىلىق مەخپى نومۇرنى يوللاپ قوياي ، رەخمەت سىلىگە![cusFace:6]
    dunyakara回复maulanjan说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2009-03-06 20:06:17
  • رەھمەت سىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تۇرايلى قېرىندىشىم.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ.
    2009-03-06 20:05:49
  • ئىۋەتكەن ئۇسلۇبنى مەن ئۆزۈمنىڭ blogدا قوللىنالمىدىم ، قانداق قىلىمەن ، مەسلىھەت بەرگەيسىز ،تولىمۇ ئاۋارە قىلدىم .[cusFace:1]
    dunyakara回复maulanjan说:
    مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن قاچىلاپ بېرەي بولامدۇ؟
    2009-03-06 17:16:49
  • ماڭا يېڭى ئۇسلۇپ يالقۇننى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. سىنىڭ بۇ تەلىۋىڭىزنى چەۋەندازلار بلوگى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا رۇئايە قىلىدۇ.
    ئىلخەت:UQAWANDAZ@126.COM
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئېلىڭ.
    2009-03-06 17:30:15
  • مىنىڭ ئىشلىتىشنى ئويلىغىنىم كۆك ئاسمان ئۇسلۇبى ، ماقۇل كۆرسىڭىز يوللاپ بىرەرسىز،
    ئاۋار قىلىدىغان بولدۇم .رەخمەت
    ئادىرىسىم :maulanjan@126.com
    ھۆرمەت بىلەن : يۇلغۇن
    dunyakara回复maulanjan说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-03-05 22:50:49
  • مىنىڭ ئادىرىسىم yulgn.blogbus.com ئۇسلۇبىڭىزنى ئىشلەتسەم بولامدۇ ؟
    ئەگەر ماقۇل بولسىڭىز ئىۋەتىپەرسىڭز ، رەخمەت ، ئاۋار قىلدىم.
    Emil: maulanjan@126.com
    dunyakara回复maulanjan说:
    قايسى ئۇسلۇپنى ئىشلەتمەكچى ئىدىڭىز؟ شۇ ئۇسلۇپ بار يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
    2009-03-05 12:16:27
  • ماڭا ئۇسلوبىڭىزنىڭ ھەممىنى ئىۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز . خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قويماقچىتىم . ھا..........ھا.........ھا........
    مەن ھازىر توختامنىڭ ئىككىنجى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدىم .[cusFace:2]
    دۇنيا قارا ئەپەندىم دىگەنلىرىڭىز ئورونلۇق ،ئەگەر ئۇسلۇپ لازىم بولسا چوقۇم سىزتۈزگەن توختامغا قول قويۇپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىمەن . [cusFace:6]
    dunyakara回复چەكمەن说:
    كېلىشىمنىڭ مەقسىدىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت چەكمەن ئەپەندىم. قالغان دوستلارنىڭمۇ مەزكۇر كېلىشىم ئىشىدا سىزگە ئوخشاش ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2009-02-26 00:06:56
  • ئۆلچەم، قائىدە بولغاندا تەرەققىيات تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. سىزنىڭمۇ داۋاملىق ياخشى مۇلازىمەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تەمىن ئېتىشىڭىزگە قولايلىق بولىدۇ.
    سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى تورداشلارغا مەنپەئەت يەتكۈزسەم دەپ خالىس ياردەم قىلىپ تۇرسىمۇ يەنە بەزى تورداشلارنىڭ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىشىدىن خالىي بولالمىغان ھەربىر توربەت باشقۇرغۇچىسى ئېنىق چۈشىنىپ تۇرۇپتۇ. ئىشلىرىڭىز داۋاملىق ئالغا باسقۇسى!
    [cusFace:11]
    dunyakara回复ئاناتىلىم说:
    مەزكۇر يازمىنىڭ ئاساسى مەقسىدىنى توغرا شەرھىلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئەپەندىم.
    2009-02-24 22:11:15
  • كونىلاردا «پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبە ياتىدۇ.» دىگەن گەپ بار. بۇ قائىدە– تۈزۈملىرىڭىز بەك ياخشى تۈزۈلۈپتۇ، ئۇسلۇب تەمىنلىنىدىغانلارغا قارىتا ئىستىل تۈزىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغۇدەك ! [cusFace:8]
    dunyakara回复ئاناتىلىم说:
    مېنى مۇشۇنداق بىر كېلىشىمنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدى ئاز بىر قىسىم قېرىنداشلىرىم. شۇنچە ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرساممۇ تۇرۇپ ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرمىغان، تۇرۇپ ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلمىغان ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يازمىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، سىزگە ئوخشاش كەڭ قېرىنداشلارنى توغرا چۈشىنىدۇ ھەم بۇ ئىشىمنى قوللايدۇ دەپ ئويلايمەن.
    2009-02-23 03:55:38
评论分页:共2页 第一页 上一页 1 2