• 2009-05-01

    بايراملىق يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/38763318.html

    بۈگۈن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەقلى كۈچى ۋە جىسمانىي كۈچى ئارقىلىق مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سالام! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    مۇشۇ بايرامغا ئاتاپ بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياساپ تارقىتىش ئويۇم نەچچە كۈنلەردىنلا كاللامدا بار ئىدى، بىراق قانداق ئۇسلۇپ ياساش ، قايسى خىلدا ياساش توغۇرلۇق ئېنىق نىشان تاپالماي يۈرگەن ئىدىم، تۇرۇپلا تۆنۈگۈن كاللامغا بىر ئوي كېلىپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ-پېقىر كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلەشكىلى ساق 13 يىل بوپتۇ، ئۆزەمنىڭ مۇشۇ 13يىلدىن بېرى كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەش ھەم كومپىيوتېر ساھەسىدە  ھەم يېقىندىن بۇيان تەرەققى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بلوگچىلىق ساھەسىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان دوستلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇسلۇپنى ياساپ بېقىش ئويىدا كېچىچە قېرىشىپ مانا تېخى ھېلىلا پۈتتۈردۈم، شۇڭا ئالدىراپ يوللىدىم.

    دوستلارنىڭ كۆرۈپ تۇرغىنىدەك بۇ ئۇسلۇپ دەل يوقارقى مەقسەتلەر ئارقىسىدا كومپىيوتېرنىڭ DOSسېستىمىسى، Windows3.1سېستىمىسى......ۋە شۇنىڭدەك تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن vista غا ئوخشاش سېستىمىلارنىڭ ھەممىسى شۇ دەسلەپكى قارا ئىكرانندىن ئايرىلالمىغان ھەم بىزمۇ شۇ قارا ئىكراننى ھەرگىز  ئۇنتۇپ قالمايمىز، بىز قارا ئىكراندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن،سىغىمى 2مېگابايتقىمۇ يەتمەيدىغان 3سۇڭلۇق يۇمشاق دېسكىنى شۇنچىلىك ئاۋايلاپ ئىشلىتىپ كەتكەن.....ھا ھا ھا مۇشۇلارنى ئويلىسام تۆنۈگۈنكى ئىشتەكلا تۇيۇلىدۇ، ئەمدى قاراڭ تەرەققىيات دىگەننى ھازىر كومپىيوتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسىنىڭ سىغىمىلا 500گېگابايت مۇشۇمۇ قىسلىق قىلىۋاتىدۇ تېخى...

    ئەمدى مەقسەتكە كېلەيلى:

    ئۇسلۇپ نامى: windows ئۇسلۇبى(كۆزنەك ئۇسلۇبى دىسەممۇ بولاتتى ،بىراق پېقىرنىڭ كۆزنەك بلوگ ئۇلىنىشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سەل قاملاشمىغۇدەك)

    ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا يوقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم.بۇ ئۇسلۇپ پەقەتلا بلوگبۇس ئۇسلۇبىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىن مەزكۇر ئۇسلۇپنى كۆرۈپ بېقىڭ:

    باش بەت رەسىمى:

    تولۇق كۆرۈنىشى:

    مەرھەممەت

    ئارقا بەت رەسىمى:

    تولۇق كۆرۈنىشى

    مەرھەممەت

    مەزكۇر ئۇسلۇپنى لازىم قىلماقچى بولسىڭىز"ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى"گە ئەمەل قىلىڭ!

    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    مەرھەممەت

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • شەرتىڭىزنىڭ تاماملاپ بولدۇم ئۇسلۇپنى جايلاشتۇرپ بولدۇم !
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇسلۇپنى ماڭا يۇللاپ بەرگەن بولسىڭىز شەرتىڭىزنى تاماملايمەن
    كىلىشىمگە قوشۇلىمەن
    871156204@qq.com
    يوللاپ قويسىڭىز
  • كىلىشىمگە دىكى شەرىتلەرگە جان دىلىم بىلەن ئەمەل قىلىمەن !

    ئۆتۇنۇپ قالاي مۇشۇنى بولسىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز[cusFace:3][cusFace:3]



    381628310@qq.com
    dunyakara回复rixtam说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى جان دىلىم بىلەن ئۈمىد قىلىمەن، قېرىندىشىم، ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنى نورمال جايلاشتۇرىۋېلىڭ، ئۇسلۇپ قاچىلاشقا ئالدىراپ كەتسىمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
    2010-09-03 23:03:17
  • ياخشىمۇ سىز قىرىندىشىم !

    مەن بلوگۇمنى بەك ياخشى لاھىلىگەن ئىدىم بىراق خاتالىق كۆرنۇپ قالدى ،كۆرۇپ باقسىڭىز !

    بۇ ئۇسلۇب ماڭا يارىدى كىلىشىمگە ئەمەل قىلىمەن !

    ئەۋەتىپ بەرسىڭىز !

    dunyakara回复rixtam说:
    بلوگىڭىزنى كۆردۈم ، ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-09-03 23:02:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇسلۇپ نى ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
    871156204@qq.com
    qq :871156204
    dunyakara回复qokqok说:
    ئالدى بىلەن يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!ئەمدىكى گەپ ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىملىرى بويىچە كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
    2010-08-13 22:46:25
  • ماڭىمۇ بۇ ئۇسلۇپ لازىم بۇلۇپ قالدى ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بىرەمسىز ...؟ مەن بۇ ئۇسلوپنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ...
    ئىلخەت ئادىرسىم :qurbanjan@126.com
    بلوگ ئادىرسىم :http://Ear123.blogbus.com

    dunyakara回复ئېرا بىلۇگى说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-06-15 00:27:40
  • سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپنىڭ خەت نۇسخا ئىئوتىنى قانداق تەڭشەيمىز. كودىنى كۇرۇپ باقسام UKIJ Esliye.eot ئىكەن. قاچىلاپ سورسام باشقىلار بەزىلىرى خەت نۇسخسى نورمال دىسە بەزىلىرى نورمال ئەمەسكەن دەيدۇ.
    dunyakara回复altuzar说:
    eotھۆججىتىڭىزنىڭ ئادرىسىنى cssئىچىگە قويىسىز. ئاندىن سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنى بارلىق font-familyدىكى ukij esliyeدىگەننىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
    2009-06-01 02:14:36
  • مىنىڭ بىلوگىمدا ئىنكاس يازىدىغان يەر يۇقاپ كەتتى. نىمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم. كۇرۇپ باقسىڭىز.
    http://altuzar.blogbus.com/

    يەنە بىرى مەن باش بەتكە چىرايلىق فىلاش سائەت قۇياي دەپتىم.
    قانداق قۇيىمەن. تەلىم بەرسىڭىز.
    dunyakara回复altuzar说:
    بلوگىڭىزنى كۆرۈپ كەلدىم، راستتىنلا ئىنكاس يېزىش بۆلىكى يوقاپ كېتىپتۇ، ئىشلەتكىنىڭىز تارىم ئەپەندىم تەمىنلىگەن ئۇسلۇپ ئىكەن، بولسا قايتىدىن قاچىلاپ كۆرۈڭ.
    سىز ئىلتىماس قىلغان ئۇسلۇپنىمۇ ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويغان ئىدىم، ياكى بولمىسا شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
    فىلاش سائەت كودىنى 自定义HTMLقىسمىغا قويىسىز.
    2009-05-31 19:19:42
  • ئۇسلۇپ تەمىنلەش كىلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئۇرۇنداپ بولدۇم دەپ ئويلايمەن،
    مەن باشتىن ئاخىرى بەزى يەرلەرنى ئۆزگەرتىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
    باشقا بىلوگ توغىرلىق سورايدىغان نۇرغۇن يەرلەر بار ئىدى. دائىم ئىنكاس يازامدىم ياكى باشقىچە ئالاقىلىشامدىمىز.
    dunyakara回复altuzar说:
    مەزكۇر ئۇسلۇپنى يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    بلوگ توغۇرلۇق قانداقلا مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق سىز ھەم باشقىلار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ ئەمەسمۇ؟
    2009-05-31 02:27:30
  • مەن يىڭى ئۇگەنگۇچى، قەيەرنى ئۆزگەرتتىم بىلمەيمەن. باشقىلارنىڭ ياقسا سۇراپ يۇرۇپ شۇنداق قىلىپ باقتىم. ئۇگەنگەننىڭ نىمىسى يامان، ھازىر سائەت چىقىرىش، قۇرۇلغان ۋاقىتىنى چىقىرىش نۇرغۇنلىرىنى قىلالمايۋاتسام .
    dunyakara回复altuzar说:
    يېڭى ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر بلوگگىرلار سېپىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن! ئادەم دىگەن تۇغۇلىشىدىنلا ھەممىنى بىلىپ تۇغۇلمايدۇ. مۇشۇنداق سوراپ ئىزدىنىپ ئۆگۈنىدىغان گەپ بۇنى مەن يامان دىمىدىمغۇ؟ سىز ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ بېقىڭ، ئۇنىڭدا نىمىلەر دىيىلگەن قانداق شەرتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ مەن پەقەت مۇشۇ كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى ئەمىلىيىتىڭىزدە ئىسپاتلىسىڭىزلا ئاندىن مەزكۇر ئۇسلۇپنى ئېۋەتىپ بېرەلەيمەن.ئەلۋەتتە ئۆزۈم تۈزگەن قائىدىنى ئۆزۈمنىڭ بۇزۇپ قويۇشۇم مۇمكىن ئەمەستە...
    2009-05-31 00:34:22
  • كىلىشىمگە ئەمەل قىلىمەن. چۇنكى بۇ سىزنىڭ قان- تەر بەدىلىگە پۇتكەن تۇرسا
    dunyakara回复altuzar说:
    كېلىشىمنامىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنلىماپسىز.....
    2009-05-30 22:29:17
  • ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز
    altuzar@126.com
    dunyakara回复altuzar说:
    ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ھەم ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا ئۇسلۇپ تەمىنلىنىدۇ، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2009-05-30 00:18:51
  • مەنمۇ مۇشۇنى ئىشلىتەي دىگەن .
    بولسا ، يوللاپ بەرسىڭىز .
    sav-da.blogbus.com
    ئېلخەت: 858468112@QQ.com
    dunyakara回复虎胆龙威说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-05-29 23:42:53
  • تاپشۇرۇپ ئالدىم، رەھمەت.
    dunyakara回复Arghu说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2009-05-18 23:40:40
  • http://nazuk.blogbus.com

    gulirayhan@126.com
    dunyakara回复نازۇك说:
    ئۇسلۇپنى يوللاپ قويدۇم،تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    باشقا مەسىلىلەر بولسا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.
    2009-05-17 11:23:45
  • ياخشىمۇسىز:
    بۇ ئۇسلۇبنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم.مىنىڭ بىلوگىم يىڭىدىن ياسىلۋاتقاچقا،يەنىلا يىتەرلىك تەرجىمە قىلالمىدىم.ھەم بىلوگ ھەققىدە تۇلۇق ساۋاتقا ئىگە بۇلالمىدىم.قىسقىسى ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن. كىلىشىملەرگە ئەمەل قىلىمەن.[cusFace:6]
    dunyakara回复نازۇك说:
    ياخشىمۇسىز.
    ياردەم كېرەك بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ. كېلىشىمگە ئەمەل قىلغان بولسىڭىز ياخشى.
    2009-05-17 11:21:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ئۇسلۇ8بىڭىز ماڭا يارىدى، كېلىشىم بويىچە شەرتلەرنىمۇ ئورۇنلىدىم، ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بېرەرسىزمۇ؟ سىزنىڭ ئۇلىنىشىڭىزغىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز، رەھمەت!
    http://arghu.blogbus.com/
    arghu@163.com
    dunyakara回复Arghu说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
    ئۇسلۇپنى يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    بلوگىڭىزنىڭ لوگوسىنى ياساپ ماڭا خەۋەر قىلىڭ، قوشۇپ قوياي.
    2009-05-17 11:20:28
  • adiljanmamut@gmailغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز
    dunyakara回复Tughchi说:
    ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىڭ.
    2009-05-15 21:19:06
  • قارىغاندا Blogger نى ياساپ جابدۇپ يۈرگەن مەنلا ئوخشايمەن....
    مەنمۇ ئەتە-ئۆگۈن Bloggerنىڭ بىرەر تال ئۇسلۇبىنى ئىشلەپ قوياي..
    dunyakara回复ئاسمان说:
    ھا ھا ھا بەكمۇ يومۇرلۇق گەپ قىلدىڭىز ئاسمان ئەپەندىم. ئەمىلىيەتتە blogspot نى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ خېلى بار.
    2009-05-05 00:41:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دۇنياقارا ئەپەندىم ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا بۇ سەمەرىيلىك ئەمگەكنى ئزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىلىرىغا شۇنداق خۇشلۇقۇم بار . سىلىنىڭ يەنىمۇ كۆركەم ، نادىر بلوگ ئۇسلۇپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن .
    سىلىنىڭ<< كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللسى >> ئۇيغۇرتېكىن بلوگى تەرىپىدىن ئىلان قىلنغان << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> گە قېتىلدى . ۋاقىپلىنىپ قالغايلا ! خۇدا ھەممىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن !
    dunyakara回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    پېقىرنىڭ غېرىبانە كۆلبىسىنى قوشۇپ قويغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم، رەھمەت سىزگە. مۇمكىن بولسا ئۇلىنىش بلوگىنىڭ تۇغ رەسىمىنىمۇ پات ئارىدا ئىشلەپ قويغايسىز.
    2009-05-05 00:40:04
  • بۇ ئۇسلۇبىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىقىپتۇ.
    dunyakara回复لوپنۇرى说:
    رەھمەت.
    2009-05-05 00:38:07
  • دۇنياقارا، كۆزنەك بلوگلار ئائىلىسى، كۆزنەك بلوگگېرلار مەھەللىسى، . . . . . . . . . دىگەندەك ھەممىسى ئۇلىنىشقا قۇشۇلدى!
    1- شەرتىڭىز: OK!
    2- شەرتىڭىز: ئۇمۇ OK!
    { 858741430@qq.com} ئۇسلۇپنڭ ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ E-mail ئادىرىسقا ئەۋەتىڭ!
    3- شەرتىڭىز: OK! قاراپ بېقىڭ! http:tangseher.blogbus.com
    4- شەرتىڭىز: ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل.
    5- شەرتىڭىز: بۇنىڭغىمۇ قۇشۇلىمەن. OK
    " ئۇسلۇپ تەمىنلەش كىلىشىمى "
    ئادېرسى: http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/35555378.html
    يەنە قانداق شەرتىڭىز باركىن
    dunyakara回复Tangseher.说:
    يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-05-03 12:58:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ئۇسلۇبىڭىزنى ماۇىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. مەن ھەرقېتىم سىزدىن ئۇسلۇپ سورىغىنىمدا سىز { سىز ئاۋال ئۇسلۇپ تەمىنلەش كىلىشىمىنى ئۇقۇپ چىقىڭ! } دەپلا يوقاپلا كېتىدىكەنسىز مەن سىزنىڭ { ئۇسلۇپ تەمىنلەش كىلىشىمى } نى قانچە قېتىم ئۇقۇغۇمۇمنى بىلمەيمەن جۇمۇ
    dunyakara回复تاڭ سەھەر说:
    ھا ھا ھا ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى قانچە قېتىملاپ ئوقۇغۇنىڭىز بىلەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىسىڭىز ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىلمەيدۇ، سىز كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئەمىلىيەتتە سىزنى قىيناپ قويىدىغان بىرەر ماددىسىمۇ يوق، مەن ھەر بىر ئۇسلۇپنىڭ ئاستىغا كېلىشىمگە ئەمەل قىلغاندىلا ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ كېلىۋاتىمەن ، ھەم بۇ توغرىسىدىمۇ ئايرىم يازما ئۇقتۇرىشى چىقارغان ئىدىم، شۇنداق تۇرۇقلۇق "كېلىشىمنى ئوقۇپ چىقتىم" دەپلا كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلمىسىڭىز مېنىڭمۇ ئامالىم يوق-تە.
    كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى يەنە بىر تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ، قوشۇلامسىز -يوق؟
    2009-05-03 10:02:39
  • بۇ ئۇسلۇپ ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن ، قارىسام بۇ ئۇسلۇپ ئارقا بەتتە باردەك قىلمايدۇ ، ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئوخشىماملا بۇ ئۇسلۇپنى .......
    dunyakara回复بىلىملىكلەر说:
    ھا ھا ھا پېقىر ياسىغان ئۇسلۇپلارنىڭ ھېچقايسىسى ئارقا بەتتە يوق.ھەممىسى ئۆزۈم ياسىغان ئۇسلۇپلار.
    2009-05-03 09:55:01
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، دۇنياقارا ئەپەندىم ؟ 694933208 بۇ چ چ نى قاچلىۋالغان بولسىلا بوپتىكەن . ئامان بولغايلا !
    dunyakara回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    قوشۇۋالدىم، مېنىڭ QQنومۇرۇم: 472555008
    سىزمۇ ئامان بولغايسىز.
    2009-05-01 23:46:20
  • يىڭىلىق يارىتىش روھىڭىزغا ئاپىرىن بۇ ئۇسلۇب بەك ياخشى چىقىپتۇ.
    ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىغا ئۈزلۈكسىز قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
    قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.ۋاقتىڭىز يەتسە بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز.
    dunyakara回复arslan说:
    ئارسلان ئەپەندىمنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە كۆپ رەھمەت.
    2009-05-01 23:29:10
  • ھاھاھا ....... بۇ ئۇسلۇب ئالامەت ياسىلىپتۇ .! ئۆزگىچە ، قىزىقارلىق ئۇسلۇبكەن ، [cusFace:7][cusFace:8] تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ! اللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
    dunyakara回复Xadlik说:
    شادلىق ئەپەندىمنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە كۆپ رەھمەت!
    2009-05-01 23:27:26