• 2009-04-25

    بلوگ يېزىپ چارچىغان بولسىڭىز -ئويناپ قويۇڭ. - [تەرمىلەر]

    Tag:奇趣 游戏

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38486808.html

    بلوگ يېزىپ چارچىدىڭىزمۇ؟ خىزمەتتە ھاردۇق يەتتىمۇ؟ياكى تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئويلاپ باشقا ئاچىقالماي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟ ھا ھا ھا ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى توختىتىۋېلىپ تۆۋەندىكى كىچچىككىنە ئويۇننى بىردەم ئويناپ كۆرۈڭ.بەكمۇ قىززىقارلىق.

     

    بۇ ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلى:

    تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىم ئويۇننى ئويناپ بولغان كۆرۈنىشى بولۇپ، ئويۇن ئويناش بېتىگە كىرىپ يېشىل كاتەكچىلەرنى چەكسىڭىز قارىغا ئۆزگىرىدۇ،مۈشۈك قارا چەمبەرگە چۈشەلمەيدۇ، سىز مۇشۇنداق چېكىش ئارقىلىق مۈشۈكنى قورشاپ ئالالامسىز؟خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

     

    مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتىكى بەزى ئىشلار خۇددى مۇشۇ مۈشۈككە ئوخشاش سىزگە تۇتۇق بەرمەيدۇ،بەزى پۇرسەتلەر ھامان ئەتراپىڭىزدىن ئەگىپ قېچىپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

    سىزگە دىمەكچى بولغۇنۇم شۇكى: تەمكىن بولۇڭ! قەيسەر بولۇڭ! مەسىلىلەرگە سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ!سىز چوقۇم قىلالايسىز!

    بۇ ئويۇننى ئايرىم بەتتە ئوينىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:

    مەرھەممەت


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنياقارا ئەپەندى ، مەن سىلىنى بلوگزارغا رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويغان تىخى خەتلىكنىڭمۇ نەچچە يەردە بار ، سىلى رەسىملىك بولسۇن ياكى خەتلىك بولسۇن ئۇلىنىش قىلىپ قويماپلا ...... ئەمدى بولسىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشلىرىنى سورايمەن ..... بلوگزار !!!!!!!!!![cusFace:1]
    dunyakara回复بلوگزار说:
    كەچۈرسىلە. ئىشنىڭ جىقلىقىدىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مانا ئەمدى قوشۇپ قويدۇم.
    2009-05-26 11:17:38
  • مۇشۇنداق ياخشى ئويۇنلارنى نەدىن تاپىدىغانسىز ھە، فىلاش ئويۇنلار بىكەتلىرىگە كىرسە ساپلا پىسپاس ئويۇنلار ، ئاۋالقىدەك ، مۇشۇنداق ياخشى ئويۇنلارنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
    dunyakara回复ئۆرلە بىلوگى说:
    ھا ھا ھا ئۆرلە ئەپەندىم ، قىززىق گەپلىرىڭىزدىن كۈلۈپ كەتتىم.
    بۇ ئويۇنلارنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
    2009-05-14 00:07:56
  • بىرىنچى قېتىم ئوينىغاندا بەك ئاسان تۇتۇۋالغان ئىدىم . بىراق كېيىنكى 10 نەچچە قېتىمنىڭ ھەممىسىدە بۇ قاشاڭ مۈشۈكنى تۇتالماي بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى . بۇنىڭدا مۈشۈك ھامان ئەڭ قىسقا يول بويىچە ماڭىدىكەن . دەسلەپكى مېڭىش يولىدا 5 قەدەم بار ئىكەن . بۇ مۈشۈكنى تۇتۇشنىڭ ئېنىق چارىسىنى تاپىمەن دەپ ئۆزەم تىرىكپ قالدىم . سەل ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپراق ئويناي . رەخمەت سىزگە .
    dunyakara回复ئىلىم-پەن说:
    ھا ھا ھا بۇ شۇنداق قىززىق ئويۇن ئىكەن دەڭا، مەنمۇ كىرىشىپلا قالغان دەسلەپتە.
    2009-05-13 00:30:38
  • چەۋەندازلار بلوگىدا سېھرىگەرلىك ئويۇنىنى يوللاپ قويغان ئىدىم. تورداشلار كۆرگەنمىكىن. ئۇ ئويۇنمۇ ياھايتى قىزىقارلىق.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن كەچۈرۈڭ،
    چوقۇم سىز يوللىغان يازمىنى كۆرۈپ چىقىمەن.
    2009-05-14 00:19:37
  • ھاھا ، بۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى قارا مۈشۈك ئەمەستۇ؟
    dunyakara回复namsiz518说:
    بلوگىمدىكى قارا مۈشۈك ئەمەس، قارا يىلپىز ئەپەندىم، ھا ھا ھا
    2009-05-07 18:38:40
  • ناھايتى ياخشى ئويۇنكەن، مەنمۇ ئۇ مۈشۈكنى نەچچە قىتىم تۇتۇۋالدىم.[cusFace:11]
    كۆپ رەھمەت!
    dunyakara回复ۋارىس说:
    ھا ھا ھا راستتىنلا بىر ياخشى ئويۇن.
    2009-05-03 09:57:19
  • ناھايىتى ئوبدان ئويۇنكەن. ياخشى ئويۇنلارنى داۋاملىق تەۋسىيە قىلىپ تۇرغايسىز!
    [cusFace:8][cusFace:8][cusFace:8]
    dunyakara回复م.ئە.سەبورى说:
    دىگىنىڭىز بولسۇن سەبورى ئەپەندىم.
    2009-04-29 22:18:53
  • راستىنلا قىزىق ئۇيۇنكەن .
    سىزدىن بىر نەرسە سۇرۋالاي : بىز يۇق چاغلاردا باشقىلار قالدۇرۇپ قۇيغان ئىنكاسنى قانداق قىلغاندا ئۈزلۈكىدىن كۆرۈندىغان قىلغىلى بۇلدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بۇلسىڭىز .
    dunyakara回复sitniyaz说:
    سىز قارىغاندا ئىنكاسنى تەھرىرلەش ھالىتىدە بەلگۈلەپ قويۇپسىز،تۆۋەندىكى ئورۇنغا كىرىپ ئۆزگەرتىڭ:
    博客设置->习惯设置->评论审核->停用
    توختۇتۇش دىگەنگە بەلگە ئۇرۇپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
    2009-04-29 22:18:18
  • ھاھاھا .... قىزىقارلىق ئويۇنكەن ، بىچارە مۈشۈكنى نەچچە قىتىم قورشىۋالدىم .....
    مۈشۈكنىڭ مىڭىش يولى قالمىغاندا ئاندىن ئويۇن ئاخىرلىشىدىكەن ، ئاۋال مۈشۈكنى قورىشىۋىلىپلا ، بىردىن-بىردىن يولىنى ئىتىۋەتسەك مۈشۈك ئۇياققا سەكرەپبىقىپ ، بۇياققا سەكرەپ بىقىپ ئاخىرى مىڭىش يولى قالمىغاندا تۈگەيدىكەن .رەھمەت !{gra:}
    dunyakara回复Xadlik说:
    شۇنداق خېلى قىززىقارلىق، بىرنەچچە قېتىم ئويناپ قويسىڭىزمۇ خېلى يېنىكلەپ قالىسىز.
    2009-04-27 17:01:55