• 2008-04-25

    پەزىلەت دىگەن نىمە؟ - [پىسخىكا]

    Tag:真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19770678.html

    پەزىلەت پۈتكۈل گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىنساندىكى جۇغلانمىسىدۇر. پەزىلەت شەپقەتلىك بىر يولداشتۇركى،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەمنىڭ يېنىدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلماس، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك دوست ۋە ياردەمچى بولماس.بىر دانىشمەن ئىنسانىي پەزىلەتنى ئون ئۈچ قىسىمغا ئاجراتقاندۇر:1.    سۈكۈت. ئۆزۇڭگە ۋە ئۆزگىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە، بولمىسا سۈكۈت قىل؛2.    ئىنتىزام.ھەربىر ئىشقا بەلگىلىك ۋاقىت، ھەربىر نەرسىگە مۇئەييەن ئورۇن بەلگىلە، تەرتىپلىك، ئىنتىزاملىق بول؛3.    رىيازەت. لايىقىدا يەپ-ئىچ، نەپسى شەيتانىڭدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن غەيرەت قىل؛4.    چىدام. قولۇڭدىن كېلىدىغانلىقىغا كۆزۈڭ يەتكەن ئىشقا كىرىش، باشلىغان ئىشىڭىنى پۈتكۈزۈشكە بەل باغلا؛5.    ئىدارە. تاپقان پۇلۇڭنى ئۆزۈڭ ۋە ئائىلەڭگە، خەلققە پايدىسى تېگىدىغان يەرلەرگە سەرپ قىل، ئۇنى ياخشى باشقۇر، ئىسراپچىلىقتىن ساقلان؛6.    تىرىشچانلىق. ئەڭ بۈيۈك غەزىنىلەرنىڭ ئاچقۇچى ۋاقىت-دەقىقە ئىكەنلىكىنى چۈشەن. ۋاقتىڭنى زايە قىلما، تىرىش-تىرماش؛7.    توغرىلىق. ھەربىر سۆزۈڭنى توغرا قىل، توغرا سۆزلە، ھەربىر ئىشىڭدا توغرا بول، توغرا قىل، يالغانچىلىق ۋە ئەگرىلىكنىڭ تۇتقۇنى بولما؛8.    ھەققانىيەت. ئىنساپ ۋە ئادالەت بىلەن ئىش قىل، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمە؛9.    پاكلىق. قول ئىلكىڭدىكى ھەربىر نەرسىنىڭ پاك، تازا بولىشىغا دىققەت قىل، ئىپلاسلىق،چىرىكلىكتىن ساقلان؛10.       سەبر. مۇبادا بېشىڭغا ئېغىر كۈنلەر چۈشسە چىدا، سەبرىسىزلىك قىلما، ئېغىرچىلىقلارنى يوقاتماق ئۈچۈن غەيرەت قىل؛11.       ئىپپەت. نومۇسۇڭنى جېنىڭدىن ئارتۇق ۋە مۇقەددەس بىل، ئۇنى دائىم مۇھاپىزەت قىلىشقا، قورۇقلاشقا تىرىش؛12.       ئوتتۇراھاللىق. ھەرقانداق ئىشتا ئوتتۇرىچە يول تۇتۇشقا ھەرىكەت قىل، "ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر"، دىگەن ھېكمەتنى ئۇنۇتما؛13.       تەۋازۇ. ئۆز ئىززىتىڭنى ساقلا، كەمتەرلىكنى ئىختىيار قىل، تەۋازۇلۇق، يۇمشاق كۆڭۈللۈك بول، لېكىن جايىدا ئىشلەت، تاتلىق سۆزلۈك، ئوچۇق يۈزلۈك، خۇش مۇئامىلىلىك بول.ئىنساننىڭ ھايات سەپىرىدە ئېرىشىدىغان زەق ۋە ھەمجىنىسلىرىدىن كۆرىدىغان ھۆرمىتى ۋە رىئايەتلىرى يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەن ئۈگۈتلەرنى قوبۇل قىلىپ، پەزىلەت ئىگىسى بولۇش يولىدا بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق تېپىلۇر.

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن