• 2008-04-26

    سەن مەندەك بولالامسەن - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19792902.html

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    دۆڭگە سۇ قويالامسەن.

    ئاناڭغا سويمىغان قوينى،

    باشلىققا سويالامسەن،

     

    قويغا ئۆزگىرەلەمسەن،

    ئىتقا ئايلىنالامسەن؟

    مەندەك ئەركىلەپ يۈرۈپ،

    ئىلغار سايلىنالامسەن.

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    كۆككە غادىيالامسەن؟

    -بۇ ئىشىڭ خاتا دىسە،

    شۇئان جايلىيالامسەن؟

     

    ئاغزىڭدا شەھەر ئېلىپ،

    بىر كۆتەك يارالامسەن؟

    بېلىڭنى سىيلاپ يۈرۈپ،

    مۇكاپات ئالالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    غەيۋەتمۇ قىلالامسەن؟

    ياخشىلارغا دارت كەلسە،

    چاۋاكمۇ چالالامسەن؟

     

    قانچىلىك ھۈنەرۋەنسەن.

    قاپقانمۇ قۇرالامسەن؟

    ھەر دوستۇڭغا بەش ئورا،

    مېنىڭدەك كولىيالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    قىزلارنى تورالامسەن؟

    دادىسى كېلىپ قالسا،

    قورقماستىن ئۇرالامسەن؟

     

    پايپاسلاپ سەتەڭلەرنىڭ،

    كەينىدىن ماڭالامسەن؟

    ئەر يەتكەن بالاڭ تۇرۇپ،

    ئاشنا ئوينىيالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    قاۋاقتا قونالامسەن؟

    ساقچىلار كېلىپ قالسا،

    مەندەك تېز تونالامسەن؟

     

    يېتىمنى بوزەك قىلىپ،

    يالغۇزنى ئۇرالامسەن؟

    نوچىسى كېلىپ قالسا،

    ئون تەزىم قىلالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن؟

    بازار باشقۇرالامسەن؟

    ئون تىيىن چىقىم قىلماي،

    گىلەممۇ ئالالامسەن؟

     

    سودىگەر بولالامسەن،

    خەقنى كوملىيالامسەن؟

    داداڭ پۇل سوراپ قويسا،

    شىردەك ھومىيالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    سۈتكە سۇ قوشالامسەن؟

    خەقنىڭ بېغىدىن ئاستا،

    ئۆيۈڭگە توشالامسەن؟

     

    ئالدىدا ئايالىڭنىڭ،

    مەندەك تىك تۇرالامسەن؟

    كۈندۈزى تاماق ئېتىپ،

    كەچتە كىر يۇيالامسەن؟

     

    سەن مەندەك بولالامسەن،

    شۇنچە ئىش قىلالامسەن؟

    بوران چىقسىمۇ ئون بال،

    يىقىلماي تۇرالامسەن؟

                                 ___مۇھەممەتجان راشىدىن


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن