• 2008-04-26

    مەن نىمە بولدۇم - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19795524.html

    مەن نىمە بولدۇم

    قىلمىغان ھۈنىرىم قالمىدى مېنىڭ،

    ئاچمىغان دۇكىنىم خېلىدىن بېرى.

    ئۆزۈمدىن سورايمەن،مەن نىمە بولدۇم،

    يۈرمىدىم نېمىشقا پېشكەلدىن نېرى.

     

     سۈت ساتسام سۇ قوشقۇم كېلىدۇ شۇئان،

    قوشمىسام، بۇ ئىشىم ئاقمايدىغاندەك.

    ئاشپەزمەن، توغرايمەن مانتىغا جىگەر،

    گۆشمانتا مېھمانغا ياقمايدىغاندەك. 

     

    ئالمىدىن چوڭ ئەمەس تۇتقان زۇۋۇلام،

    تاڭ قالدى ئادەملەر ناۋايلىقىمغا،

    تەكتىدە كاززاپلىق بولمىغان ئوقەت،

    ئۆزۈممۇ ھەيرانمەن، ياقماس دىتىمغا.

     

     شەيتاننىڭ كەينىدە زەرگەرمۇ بولدۇم،

    تالاينى ئەپلىدىم مىسنى ئالتۇن دەپ.

    سەزگەنلەر تىللاپتۇ، ئاڭلىدىم، ئۇقتۇم،

    ھارامغا ئۈگەنگەن ئەھلى مەلئۇن!دەپ.

     

     نەپرەتلەر نەپسىمنى توختىتالمىدى،

    چۈنكى پۇل__ئىنساننىڭ كۆڭۈل خۇشى،دەپ.

    قاسساپمەن، سويغۇنۇم بىر قېرى كالا،

    ۋارقىراپ تۇرىمەن، موزاي گۆشى! دەپ.

     

     قوي ئېلىپ، قوي ساتتىم، قىلغىنىم ھايان،

    يەل بېرىپ بەزىدە پاچاقلىرىدىن.

    بىر شەيتان، ئۆلسەڭمۇ قوپمىغىن دەيدۇ،

    ئۆگەنگەن كاززاپلىق ئوچاقلىرىدىن. 

     

    قۇسۇرلار سېزىلدى تارازامدىنمۇ،

    تاس قالدىم، "ئۇر-ئۇر"غا قالغىلى تېخى.

    جابدۇنۇپ يۈرىمەن يول تۇتۇپ شۇنداق،

    پۇل يىغىپ ھەرەمگە بارغىلى تېخى.

     

     قىلغىنىم ئۆزۈمچە جاھاندارچىلىق،

    بارىمەن تۈز يولغا كۆنمەي گوياكى.

    ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، مەن نىمە بولدۇم،

    شەيتانغا ئايلىنىپ كەتتىممۇ ياكى؟!

    ____ مۇھەممەتجان راشىدىن 


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن