• 2008-04-26

    بىز ئاشۇنداق ھاماقەت خەقمۇ؟ - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19813557.html

     بىز ئاشۇنداق ھاماقەت خەقمۇ؟

     

     

    كۆيدۈرىمىز زىللەتنى نېچۈن؟

    تۈزەتمەيمىز ئىللەتنى نېچۈن؟

     يوقاتمايمىز تازىلاپ پاكىز،

     چاڭ-توزاننى، ئەخلەتنى نېچۈن؟

    چۆرۈۋەتتۇق بىلمەستىن گۆھەر،

    ياخشى ئەخلاق-خىسلەتنى نېچۈن؟

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     كەچمىشلەردىن ئالمىدۇق ساۋاق،

    باراڭ قىلساق چۈشمىدى قاپاق.

    "شۈكۈر"دىدۇق قىلىپ قانائەت،

    كۈندە ئۈچ ۋاخ تويسىلا قورساق.

    ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىدۇق راسا،

    كۆزىمىزنى باسسىمۇ چاپاق.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟ 

     

    بىر نان تاپساق چالىمىز داپنى،

    تۆھپىمىزدىن ئاچىمىز بابنى.

    ئېغىزدىلا ئالىمىز شەھەر،

    كۆرەڭلەيمىز، ئاتىمىز لاپنى.

    ئۆزىمىزنى قىلىمىز كۆز-كۆز،

    يۈدۈپ يۈرۈپ شۇ قۇرۇق قاپنى.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟ 

     

    يۆگىسەكمۇ ئىللەتكە چاپان،

    ئىچىمىزدە قۇترايدۇ چايان.

    پەرۋايىمىز يوقتۇر زەررىچە،

    ئارىمىزغا ئۈنسىمۇ ئازغان.

    ناننى بەرسە قولنى چىشلەيمىز،

    ئاشنى يەپلا چاقىمىز قازان.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     پىتنە-پاسات توقۇيمىز قاۋاپ،

    ھەدەپ قۇرۇق سۆڭەكنى غاجاپ.

    ياخشىلارغا قۇرىمىز توزاق،

    ئىزىدىن توپا ئالىمىز ماراپ.

    نىمە تاپتۇق ھەسەتخورلۇقتىن،

    ئۆزىمىزنى قىلدۇققۇ خاراپ.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     ئاپتاپ چىقسا مۆكتۇق سايىغا،

    ئەزمىلىكنىڭ چۈشتۇق دامىغا.

    ھالال مېھنەت-تەرىمىز بىلەن،

    ئوت ياقمىدۇق ھايات شامىغا.

    بولۇپ تەييارغا ھەييار،

    يەتكۈزمىدۇق ئىشنى ۋايىغا.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     شاخ ئېگىلسە قويمىدۇق تىرەك،

    يېقىلغانغا بولمىدۇق يۆلەك.

    تۆكسە نامرات كۆزنىڭ يېشىنى،

    كۈلكىمىزنى قىلىشتۇق كۆرەك.

    ئىزدىمەيمىز ساۋاپ –ياخشىلىق،

    بىزدە تاشتىن پۈتكەنمۇ يۈرەك؟

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     غوۋغا قىلىپ چىقىرىپ قويۇن،

    كوچىلاردا قويىمىز ئويۇن.

    "ئاق"نى چېكىپ،مەي-شاراپ ئىچىپ،

    ئازگاللاردىن ئالىمىز ئورۇن.

    ياقا يىرتىپ ئاتىمىز پەشۋا،

    يېرىلسىمۇ قاش، قاپاق، بۇرۇن.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟ 

     

    بۇرچىمىزنى قىلالماي ئادا،

    باستى بىزنى جاراھەت –يارا.

    يەم بولمامدۇ بۆرىگە ئاخىر،

    سەركىسى يوق چېچىلغان پادا.

    نىمە دەيمىز ئەۋلاد ئالدىدا،

    يۈزىمىزنى قىلامدۇق قارا.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     ئىزدەنمەيمىز ئويلاپ نېمىشقا؟

    ياخشى يولنى بويلاپ نېمىشقا؟

    زەئىپلىشىپ بولىمىز چۈشكۈن،

    ئوغىلارنى ئوتلاپ نېمىشقا؟

    ياۋا شاخنى، ئەگرى پۇتاقنى،

    تۈگەتمەيمىز چوتلاپ نېمىشقا؟

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     سالدىم پەقەت ئىللەتكە تاياق،

    دېگىنىم يوق ئالتۇننى ماياق.

    ھەقنى دېدىم، راست گەپنى دېدىم،

    توقۇمىدىم تۆھمەتنى بىراق.

    بولماس ئىكەن يورۇقلۇق مەۋجۇت،

    قاراڭغۇغا ياقمىساق چىراغ.

    بىز ئاشۇنداق  ھاماقەت خەقمۇ؟

    بىز يارامسىز، ئەقىلسىز –دۆتمۇ؟

     

     _____ئابدۇللا ياقۇپ 


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن