-
2009-04-20
بلوگ يۈزىدە رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇش - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38168921.html
مەيلى توربەت يۈزى بولسۇن مەيلى بلوگ يۈزى بولسۇن ئوخشاشلا ھەممىسىدە رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئۆزئارا كىرىشتۈرۈش ھەم شۇنداقلا ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. چۈنكى رەڭلەر كىرىشمىگەن ، ماسلاشمىغان توربەت يۈزىنى كۆرگەن كىشىدە بىر بولسا كۆزنى چېقىپ قويۇۋاتقاندەك، بىر بولسا كۆزنى تالدۇرۇپ قويۇۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇسلۇپ قۇرۇلمىسى قانچىلىك ياخشى بولغان بىلەن رەڭ ماسلاشمىسا ئوخشاشلا ياخشى بولغان كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
بلوگبۇستا بلوگ يېزىۋاتقان دوستلار، ياكى ئۇسلۇپ ياساۋاتقان، توربەت ياساۋاتقان دوستلار بولسۇن، ھەممىسىدە ئاز-تولا بولسىمۇ رەڭلەرنى تاللاش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىشىغا دۇچ كېلىمىز، بەت يۈزىدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى خىل رەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئەڭ ئاددى بولسىمۇ ئاق بىلەن قارا رەڭ ئىشلىتىلىدۇ، خۇددى كونىلار "ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ" دىگەندەك، بىراق ھازىرقى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدا بىزنىڭ بىۋاستە ئۈچرىشىدىغىنىمىز توربەت يۈزى، شۇڭا ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توربەت يۈزىنىڭ قۇرۇلمىسى، قاتلام چۈشەنچىسى ۋە رەڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاشلا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا رەڭنى تاللاش، ماسلاشتۇرۇش بىر قەدەر مۇھىم بولغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى،
دوستلارغا رەڭ تاللاشتا نوقۇل ھالدا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەرگىلا ئېسىلىۋالماي ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك بۇ ئارقىلىق توربەتلىرىمىز، بلوگلىرىمىز تېخىمۇ كۆركەم بولسا، نەپىس بولسا دىگەن ئۈمىدتە رەڭلەرنى تاللاش ، كىرىشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھازىرقى بىرقەدەر ئېتىراپ قىلىنغان رەڭ ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يوللاپ قويدۇم.
历史上的今天:
ئەپچىل ئۇسۇل(1) 2008-04-20كومپىيوتېرنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش 2008-04-20خالىغاننى چۈشۈرىۋېلىڭ!! 2008-04-20يوپۇرماقتىكى ھۈنەر-سەنئەت 2008-04-20ئافرىقىدىكى جەڭ (3) 2008-04-20
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
《بلوگ يۈزىدە رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇش》的转发
Blog:ئۇيغۇرقۇت بلوگى2009-04-20 16:49:59
评论
سىزدىن بىر مەسلىنى سوراپ بىلىۋالماقچى ئىدىم. يەنى بلوگباستا بۇرۇن ئۇسلۇپ قاچىلاشتا Header، CSS،Index قاتارلىق 6 ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى كودلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇسلۇپنىڭ ماس ھۆججىت ئىچىدىكى كودلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئىئوت ئادرىسىمىزنى توغۇرلاپ قويساقلا بولاتتى. ئەمما يېقىندىن بۇ يان بىلوگباسنىڭ يۇقارقى ھۆججەت شەكلى ئۆزگۈرۈپ يېڭىدىن Comment،Comment.Form غا ئوخشاش ھۆججەت پەيدا بوپتۇ. مەن بۇلارنى ئىلگىرىكى Detail ۋە Detail-post ھۆججىتى شۇ ئوخشايدۇ دەپ بۇلارنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈۋىرىپتىمەن. نەتىجىدە بلۇگ بۇزۇلۇپ كەتتى. مۇشۇ ھەقتە ماڭا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتتى. ھۆرمەت بىلەن ئوۋچى.{gra:21032425257e1af2e8d16188ce9588da}
بىزنىڭ كۆپىنچە ئىشلىتىۋاتقىنىمىز كېيىنكىسى بولۇپ بۇنىڭدا پەقەت
head
css
index
index-post
detail
detail-post
config
قاتارلىق 7 بۆلەكلا بار.