-
2009-05-05
Dunyakaraبلوگىنىڭ PRقىممىتى 3كە چىقىپتۇ - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38937180.html
Dunyakara بلوگىنىڭ PageRank قىممىتى 3كە چىقىپتۇ، بۇنى مەن ئالدىنقى ئايدا تەساددىپى بايقاپ قالغان ئىدىم، چۈنكى مەن بۇرۇن قويغان prقىممىتىنى كۆرسۈتۈش كودى بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن تەڭلا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى،ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى دىسەم مەلۇم بىر تورداشنىڭ بلوگىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئوڭشاپ بېرىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۆزەمنىڭ بلوگىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ساپتىمەن، شۇنداق قىلىپ ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۇسلۇبىمنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىكى كودى ساقلاقلىق ئىدى، شۇنى قايتا تەڭشەپ ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن مەنمۇ قايتا قويمىغان ئىدىم بۇ كودنى،
شۇ بايقىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۇ توغرىسىدا يازما يېزىشنى ئويلىغان بىراق ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىرلا بلوگنىڭ كونكىرت مەسلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن يازمىغان ئىدىم، مانا ئەمدى يەنىلا يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم، چۈنكى دوستلارنىڭ بلوگىغا ئاز-تولا ئىزدىنىش ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمىدتە.
كۆرگەن دوستلار ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا كېرەك، مېنىڭ بۇرۇنقى "googleبلوگىمنى ھەركۈنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ" دىگەن يازمامدا ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بلوگنى قوشۇۋېلىش توغرىسىدا ئازراق توختالغان ئىدىم.
ئۇ يازما ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىكى يازما ئىدى، ئەمدى بولسا بلوگىمنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ قوشۇۋېلىش مىقدارىمۇ كۆپىيىپتۇ، ھازىرغىچە ھەممە ئۆلكىدىن ۋە 46دۆلەتتىن بلوگىمنى كىرىپ كۆرىۋاتقانلار بار. بلوگىمنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىكى دەرىجە ئورنىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى ئۆستى.baidu بىلەن googleغا ئايرىم -ئايرىم ھالدا dunyakara دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىڭىز دۇنياقارا بلوگى بىرىنچى نەتىچە ئورنىغا چىقتى.
تۆۋەندىكىسى pageRank قىممىتىنىڭ 3كە چىققانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈش رەسىمى:
تۆۋەندىكىسى google ئېنگىلىسچە ئىزدەش ماتورىنىڭ قوشۇۋېلىش ئەھۋالى بولۇپ جەمئى20800پارچە ئۇچۇرنى قوشۇۋالغان:
تۆۋەندىكىسى google خەنزۇچە ئىزدەش ماتورىنىڭ قوشۇۋېلىش ئەھۋالى بولۇپ جەمئى15600پارچە ئۇچۇرنى قوشۇۋالغان:
تۆۋەندىكىسى baiduئىزدەش ماتورىنىڭ قوشۇۋېلىش ئەھۋالى بولۇپ جەمئى 1080پارچە ئۇچۇرنى قوشۇۋالغان:
تۆۋەندىكىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زىيارەت قىلغان ئىزى:
بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە تەكشۈرۈپ باقسام تەكلىماكان بلوگسپوتى بىلەن جېك بلوگىنىڭ PageRank قىممىتىمۇ 3 كە چىقىپتۇ، بۇ يەردە ئۇ دوستلارنىمۇ تەبرىكلەيمەن!
ئەمدى قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئۆتسەم: بلوگنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا، ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ قوشۇۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1.بلوگىڭىز تۇراقلىققا ئىگە بولىشى كېرەك.بۇنداق دىگەنلىك بىرئىزدا توختاپ قالسۇن دىگەنلىك ئەمەس زىيارەتچىلىرىڭىز كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارسا ئەلۋەتتە ياخشى ھېچ بولمىغاندىمۇ ھازىرقى بار بولغان زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىڭ، چۈنكى بلوگ يېزىش دىگەن بىر-ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس شۇڭا ئالدىراپلا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن زىيارەتچىلىرىڭىز كۆپىيىشكە باشلايدۇ،زىيارەتچىلەر كۆپەيسە ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ قوشۇۋېلىش مىقدارىمۇ تەبىئى كۆپىيىدۇ.
2.بلوگنى يېڭىلاپ تۇرۇش يەنى يازمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىز مۇقىم دەۋرىيلىككە ئىگە بولىشى كېرەك.ھەپتىدە بىرپارچىدىن يازما يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز ئىككى ھەپتىدە بىر پارچە يازما يوللاشقا چۈشۈپ قالماڭ، ئىككى ھەپتىدە بىر پارچە يازما يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز بىر ئايدا بىر پارچە يازما يوللاشقا چۈشۈپ قالماڭ، ياكى تۇرۇپلا خوشىڭىز تۇتۇپ كەتسە بىر كۈندە 3~4پارچە يازمىنىڭ يوللىۋېتىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتمەڭ، مۇشۇنداق تەرتىپسىز بولسا بلوگىڭىزنى كۆرگۈچىلەرمۇ ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ، مۇقىم يوللاش دىگەندە ئەلۋەتتە كۈندە بىر پارچە يوللىغان بولسىڭىز ھەركۈنى شۇنداق ۋاقىتتا يوللاپ تۇرۇڭ دىگەنلىكمۇ ئەمەس، بىر خىل تەرىقىدە يوللاپ ماڭسىڭىزلا بولىدۇ، يازما يوللاش ۋاقتىڭىزنىڭ ئارلىقى تۇرۇپلا كۈنلەپ تۇرۇپلا ھەپتىلەپ تۇرۇپلا ئايلاپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك دىمەكچىمەن. ھازىر يالغۇر blogbusتىن بلوگ ئىتلىماس قىلىپ يازما يوللاپ ئېلان قىلغانلار نەچچە يۈزگە يەتكەن بىلەن كۆپىنچىلىرىنىڭ ئاخىرقى يازمىسى ئۆتكەن يىلىدىكى ھالىتىدە ياكى نەچچە ئاي بۇرۇنقى ھالىتىدە تۇرۇپتۇ، مۇشۇنداق بولسا سىز قايتىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ يېڭىۋاشتىن باشلىشىڭىزغا توغرا كەلگۈدەك زېھنىڭىزنى سەرپ قىلمىسىڭىز نۇرغۇن زىيارەتچىلىرڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز ياڭى ئايرىلىپ قالدىڭىز دىگەن گەپ. بەزى بلوگلار ئالدى بىلەن بلوگىنى قۇرۇۋېلىپ 10~20پارچە يازمىنى يوللاپ بولۇپ ئاندىن تەشۋىق قىلىدۇ-دە شۇ يازمىلارنى كۆرۈپ بولغۇچە يېڭى يازما يوللاپ ئۈلگۈرۈپ ماڭىدۇ، بەزى بلوگلار بولسا بىر پارچىمۇ يازما يازمىغان بلوگنى راسا تەشۋىق قىلىپ جىممىدىلا يوقاپ كېتىدۇ، بۇ بلوگىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىل.
3.بلوگلار ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىش ، خوشنىدارچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ.بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز.
4.ئارلاشما يېزىقتىكى يازمىلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ. بىر پارچە يازمىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سۆزلۈكلەرنى تەرجىمە قىلغان چۈشەندۈرگەن ئاساستا يوللىسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق تۇرۇپلا ساپ خەنزۇچە يازما ياكى تۇرۇپلا ساپ ئېنگىلىسچە يازمىلارنى ئارلاشتۇرۇپ يوللاشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بلوگىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بلوگ بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ماتېريال بولسا تەرجىمىسىنى يوللاپ ئەسلى تېكىستنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە، نەق ئۆزىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويسىڭىز سىز چۈشەنگەن بىلەن باشقىلار چۈشىنەلمەيدۇ، نەتىچىدە يازما يوللىغان بىلەن يوللىمىغاننىڭ پەرقى بولمايدۇ. تىل ئۆگۈنۈش تىپىدىكى بلوگلار بولسا ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا.
5.بلوگ يازمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بلوگ-باشقىچە مەنىدىن ئېيتقاندا شەخسى خاتىرە شۇنىڭ ئۈچۈن بلوگىڭىز يازمىلىرىدا يېڭىلىق بولۇش كېرەك.يېڭىلىق بولۇش كېرەك دىگەندە ھەر قېتىم بىر پارچە ئىجادى ئەسىرىڭىزنى ياكى ئىلمىي ماقالىڭىزنى يوللايسىز دىگەنلىك ئەمەس، بلوگنى ئۇنچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ بېسىم پەيدا قىلىۋالىسىز. دىمەكچى بولغۇنۇم ۋاقتى-قەرەلى قىسقا بولغان ئاممىباپ خەۋەرلەرنى يوللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆرگۈچىلەر ئالدى بىلەن نۇرغۇنلىغان تۇربەت ۋە مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن كىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بلوگىڭىزدا ئاممىباپ خەۋەرلەرنىڭ بولغىنىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىنىڭ ئىشلىرى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۈششاق-چۈششەك ئىشلىرىڭىزنى يازسىڭىز ئۈنۈمى يوقۇرى بولىدۇ. مەسىلەن ئېيتايلۇق: مەھەللىڭىزدىكى ئۆزگۈرۈشنى، تونۇشلىرىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ، يۇرتىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى بىرنەچچە پارچە سۆرەتكە تارتىپ يوللاپ قويسىڭىز ھەممىدىن ياخشى ، زىيارەتچىلەرمۇ ھەم مۇشۇنىڭغا قىززىقىدۇ. چۈنكى ھەممىسى يېڭى ئىش، يېڭى شەيئىلەر ئەمەسمۇ.
6.بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.دىمەكچىمەنكى بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى نورمال سىگنال شارائىتدا نورمال ئېچىلسىلا بولدى، بۇنىڭغا ھەرخىل ئۈنۈم كودلىرىنى ، ناخشا قويغۇچلارنى ، ۋە تۈرلۈك ئېلان كودلىرىنى قويۇپ ئېچىلىشىنى ئاستىلىتىۋالماڭ. بۇ يەردە ئېلان كودىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ئۆزۈمنىڭ ئېلان كودىنى ئېلىۋەتكەنلىكىم ئۈستىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتۈپ كېتەي: ئالىماما ئېلانىنى قويغاندىكى بلوگىمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بىر مىنۇت بولسا ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى ئېچىلىش سۈرئىتى 1 سىكونت بولدى، مەن مۇشۇ چوڭ پەرقىنى ھەمدە بۇ ئېلاندىن كىرگەن كىرىمنىڭ ئازلىقىنى كۆرۈپ چىقىرىۋەتتىم، ھازىرغا قەدەر ھىساۋاتتىكى پۇلنىمۇ ئالمىدىم.ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى شۇ بولدىكى ئالدى بىلەن بلوگنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇش، مەلۇم ئىناۋەتتىكى چەككە يەتكەندە مەسىلەن PageRank قىممىتى 5كە ياكى 6غا چىققاندا ئاندىن ئېلان قويۇش. بۇ مېنىڭ شەخشى كۆز قارىشىم خالاس. چۈنكى مېنىڭ چۈشىنىشىمدە ئۇ يەردىن بلوگ قۇرۇپ بۇ يەردىن ئېلان قىستۇرىۋېلىشمۇ تازا دىگەندەك ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدىكەن.
ئەمدى مۇشۇنچە يېزىپ بولدى قىلاي، ئاخىرىنى يەنە كېيىنچە ئورتاقلىشارمىز، يوقارقى مەسىلىلەر پەقەت پېقىرنىڭ شەخسى كۆزقارىشى، بەلكىم خاتا كەتكەن جايلىرى بولىشى ئېھتىمال، چۈنكى پېقىرمۇ ئادەتتىكى بىر بلوگ يازغۇچى شۇڭا ئوخشىمىغان چۈشەنچە ، ئوي-پىكىرلەرنى مۇشۇ سورۇندا ئورتاقلىشىپ بىللە تەرەققى قىلارمىز.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
بوغلان بلوگىنىڭ PR قىممىتى 3 كە چىقىپتۇ
Blog:Boghlan2009-05-29 09:01:37
评论
مۇشۇ بەتكە كىرىپ بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى ۋە ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى تولدۇرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كودنى ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا ئېۋەتىپ بېرىدۇ.
پ ر دىگەن كودنى قەيەرگە قۇيىمىز
PRقىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش كودىنى ئارقا سەھنىگە ئۆتۈپ 自定义HTMLنىڭ ئىچىگە قويسىڭىز بولىدۇ.
يۈكسەل بلوگى بلوگباس سۇپىسىدىكى چاغدا PageRank قىممىتى 3 ئىدى. يىل بېشىدىن باشلاپ مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن بىراقلا 0 گە چۈشۈپ قالغان. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە ھەر ئىككىلا ئادرېسنىڭ قىممىتى 3 كە چىقتى.
يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشرىنىڭ prقىممىتىنىڭمۇ 3كە چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.ئورتاق يۈكسىلىش ھەممىمىزگە نېسىپ بولغاي!
زىيارەتچىلەرنىڭ سانى كۈندە يېڭىلىنىدۇ، سان كۆپەيگەنسېرى قىزىل چېكىتمۇ كۆپىيىدۇ، كۆپىيىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا قىزىل چېكىتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن جۇغراپىيىلىك ئورنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
قارىغاندا ئىلان ئارقىلىق پۇل تىپىشقا ئالدىرىمىسام بولغۇدەك.[cusFace:2]
ئەلى ماما نىڭ ئېلانىنى قويسىڭىز سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتىما؟ ئاناتىلىم تۇرتۇراسىدا ئىنتايىن نورمالغۇ؟ سىزنىڭ تەجىربىللىرىڭىزنى بلوگگىرلاردىن ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىڭىزغا تەشەككۈر. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
مېنىڭ بلوگىمنىڭ سۈرئىتىنى ئالىماما ئېلانى ئاستىلىتىۋېتىپتىكەن، باشقا بلوگلاردا قانداق تەسىر بولغانلىقىنى تازا ئۇقۇپ كەتمىدىم.ئازراق تەجرىبىلىرمنى بولسىمۇ مۇشۇ يەردە ئورتاقلىشىش ئارقىلىق بىرلىكتە يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرسەك بۇ ھەممىمىزگە ياخشى.
سىزمۇ ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
ئەگەر يۇلغۇندىن ئېلخەت ساندۇقىڭىز بولسا تېخى ياخشى ، بۇنىڭدا ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ كېتەتتى .
tawlan@yulghun.com
مەنمۇ بارلىق بىلوگگېرلار نامىدىن بىلوگىڭىزنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىنى، بىلوگگېرلارغا پايدىلىق ماتىرىياللار بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
قارىغاندا زىياپەتكە سەل كېچىكىپ قالغاندەك تۇرىمەن .بوپتۇ ، پەگادا بولسىمۇ ئورۇن بادۇ ؟
شۇنداقتىمۇ ئوتلۇق سالىمىمنى قوبۇل قىلغايسىلەر . [cusFace:6]
دۇنياقارا ئەپەندىم ، بلوگىڭىزدىكى " چىراي ئىپادىلىرى" نى ماڭا كىلونلاپ بېرەلەسىزمۇ ؟ بلوگنىڭ قەيەرىگە ئورۇنلاشتۇرىمەن ، مالال كۆرمەي ئىزاھات بېرىپ قويغايسىز .[cusFace:0]
زىياپەتكە كېچىكىپ قالمىدىڭىز ، غېرىبانە كۆلبىمىز خېلى كەڭتاشا قېنى تۆرىگە مەرھەممەت تاۋلان ئەپەندىم.
بلوگىمدىكى چىراي ئىپادىلىرى سىزگە لازىم بولسا ئەلۋەتتە ئېۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ، كونكىرت مەشغۇلاتىنى قوشۇپ يوللاپ بېرەي.
مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشم،
بلوگىڭىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە تېخمىۇ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە يازمىلىرىڭىنڭ مەزمۇنىڭ تېخىمۇ موللىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تەبرىكنامىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم.
ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بىرلىكتە تەرەققى قىلايلى، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئۈمۈدى.
بايام بىلوگ ئارقا سەھنىسىگە كېرەي دىسەم، تور بەت ھۇجۇمغا ئۇچىغاچ تەڭشەۋاتىمىز. دىگەن ئۇچۇر چىققان، ھازىر ئاچسام ئىچىلدى، كىرىپ كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام، 2- چىسلادىن تارتىپ بىلوگنىڭ زىيارەت مىقدارى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپتۇ(ئادەتتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 60 دىن چۈشمىگەن). ھەتتا تۈنۈگۈن 6 گە چۈشۈپ قاپتۇ. ئويلاپ باقسام مەن ئۆزۈممۇ تۈنۈگۈن بىلوگىمنى قېتىم ئېچىپ بېقىپتىمەن. ئۇندىن باشقا توردىكى ئۈچ - تۆت دوسلىرىمغا يىڭى قويغان ئىلاننى چىكىپ سىناپ بىقىشنى ئېيىتقان ، ئۇلارمۇ بەتنى ئېچىپ چەكتۇق دىگەن. شۇنىڭغا قارىغاندا ھۇجۇم قىلغۇچى بۇلارنىڭ سىتاتىكا سىستىمىسىنى بۇزمىغاندۇ؟ سىلەرنىڭكىدە ئۆزگۈرۈش بارمۇ؟ بىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم.
بىزنىڭكىدە ئۆزگۈرۈش يوق ، نورمالغۇ، بلوگىڭىزغا كىرىپ كۆرۈپ باقتىم بولمىسا كونكىرت مەسىلىنى تاپالمىدىم، قارىغاندا بلوگبۇستىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك.
ئىزچىل سەردارلىق رولىڭىزنى جاردى قىلدۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
بلوگىڭىزنى تەكشۈرسەم ھەقىقەتەن PRقىممىتى 2 ئىكەن، بولمىسا كودىنى قايتىدىن قويۇپ سىناپ باقامسىز-يە؟