-
2008-08-04
Googleبلوگىمنى ھەركۈنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/26978529.html
بلوگىمنى قۇرغىلىمۇ مانا 4 ئاي بولۇپ قاپتۇ.مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان Googleئىزدەش ماتورى بلوگىمنى ھەركۈنى زىيارەت قىلىپ كۈندە يازغان يازمىلىرىمنى شۇ كۈنىلا ئۆزىنىڭ ئىزدەش ماتورىغا قوشىۋېلىۋاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بلوگىمنىڭ زىيارەت قېتىم سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، alimama دىن ئېلىپ قويغان ئېلاننىڭ كىرىمىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بىر تۇرۇپ خوشال بولسام بىر تۇرۇپ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن، چۈنكى مەن ئىزدەش ماتورلىرى مەلۇم توربەتنىڭ يازمىلىرىنى ھەددىدىن جىق قوشۇۋالسا ئاخىرى شۇ توربەتنى ئىزدەش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ، دەپ كۆرگەن ئىدىم، مېنىڭكىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالارمۇ؟ دىگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. بىراق جوڭگودەك چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن زىيارەت قېتىم سانى 180مىليونغا يېتىدىغان شەخسى بلوگلار خېلى بار تۇرسا مېنىڭ بلوگۇم دىگەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئەمدى ئايىقى چىققان "بوۋاق"تەك تۇرسا دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ سەل خاتىرجەم بولۇپمۇ قالدىم.
بلوگۇم ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بلوگ، بىز ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاساسەن كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ،بىراق مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى google ئىزدەش ماتورى بلوگىمنى ھەدىسىلا زىيارەت قىلىپ ،ھە دىگەندىلا يازمىلىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىۋاتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە بلوگىمنى كۆرگۈچىلەر ھەممىلا جايدىن كىرىدىغان بولۇپ قالدى،
51yesتورىنىڭ ھەقسىز ئىستاتىسكا قىلىپ بېرىدىغان ئىقتىدارىغا تىزىملاتقىلى بۈگۈن دەل ئىككى ئاي بولدى، بۇ توربەتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى توغرىلىق مەن ئۆتكەنكى يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
مۇشۇ توربەتنىڭ ئىككى ئاي جەريانىدىكى بلوگىمنىڭ ئىستاتىسكا ئەھۋالىغا قارىغاندا بلوگىمنى زىيارەت قىلغانلار ھەممىلا جايدىن مەسىلەن مەملىكىتىمىزدىكى 20نەچچە ئۆلكىدىن، چەتئەللەردىكى 10نەچچە دۆلەتتىن كىرىدىغان بولۇپ قالدى.چەتئەللەردىن كىرگەنلەر بلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ مەزمونىنى ياكى بىلەلمىسە؟ قانداق قىلىپ ئۇلار كىرىپ قالىدۇ؟ بەلكىم googleئىزدەش ماتورىنىڭ تۆھپىسىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
تۆۋەندە ئىستاتىسكا تور بېتىدىن بلوگىمنىڭ زىيارەتچىلىرىگە ئائىت ئۇچۇر قىسمىنى رەسىم ھالىتىدە يوللاپ قويدۇم.
google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىزدەش ماتورىغا قوشۇۋالغان مەزمونلار:
بۈگۈن يېڭىدىن كىرىپ قوشۇۋالغان مەزمونلار:
تۆنۈگۈن يازغان بىر تال يازمىنى شۇ كۈنىلا قوشۇۋالغان
http://www.google.com/search?hl=en&q=site%3Adunyakara.blogbus.com+26764326
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
Dunyakaraبلوگىنىڭ PRقىممىتى 3كە چىقىپتۇ
Blog:Dunyakara2009-05-05 03:59:28
评论
مەن بىلوگىمنى ئۆزەم قۇشۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىم كەتتى ھەم شۇنداقلا بەزى تىملار ۋاقتىدا قېتىلمىدى .
بىراق ئاستىرتىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن ، زادى نىمە ئۈچۈن "مەن بىلەنلە" قالىدۇ دەپ.
ئۆزەم بىر تەرتىپنى ياكى"قائىدىنى" ئاڭقىرىپ ئالالىسام چوقۇم كەڭ بلوگگىرلارغا مۇشۇ ھەقتە بىر يازما يازىمەن.
menzil: izdinish.blogbus.com
#commentForm form {
}ئىنكاس قىسمى
#commentForm label {
display: block; }ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىسىم ئېلخەت بۆلەكلىرى
#commentForm textarea {
font-family: Uyghur Ekran,Verdana, Arial, Helvetica, sans-serif;
font-size: 100%;
width: 500px;
margin: 5px 0; }ئىنكاس يېزى كۆزنىكىنىڭ كەڭلىكى ،خەت شەكلى قاتارلىقلار....
مۇشۇ بۆلەكلەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ
مەنزىل: izdinix.blogbus.com
مۇشۇ ئادرىسقا ئۆزىڭىز بىر كىرىپ بېقىڭە، پەقەت كىرەلمىدىم.بۇنداق بلوگ يوق دەيدۇ.
ياكى سىز بلوگنى بىخەستەلىكتىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىڭىزمۇ-يە؟
بلوگىمنىڭ خەت شەكلى نورمال ئەمەس،ھەم ماۋۇ ئىنكاس يازىدىغان يەرمۇ ئاجايىپ بوپ قاپتۇ،شۇنىڭغا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟
ئىزدىنىش بلوگ
ئۆزەمچە http://izdinix.blogbus.com
http://ezdinix.blogbus.com
لارنى كىرگۈزۈپ باقتىم، بۇنداق بلوگ يوق دەيدۇ.
ئادرىسىڭىز زادى قايسى؟ دەپ بېرىڭ.