-
2008-08-05
تۇرپان-ئۈرۈمچى يولىدىكى چاقپەلەكلەر - [google earth خەرىتە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
ئۈرۈمچى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەرقى جەنوپ تەرىپىگە 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەنى داۋانچىڭ بازىرىنىڭ ئۇدۇلىدا داڭلىق يۈز چاقىرىملىق شامال كۈچى ئېلىكتىر ئىستانىسسى بار بولۇپ كۆلىمى :ئۇزۇنلىقى 80 كېلومېتىر، كەڭلىكى 20 كىلومېتىر ئەتراپىدا يۈزنەچچىدىن ئوشۇق ئاق رەڭدىكى شامالدۇرغۇچ رەتلىك قۇرۇلغان بولۇپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.شىنجاڭ داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلىكتىر ئىستانىسسى جوڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچى ئېلىكتىر ئىستانىسسى بولۇپ، ئاسىيا بويىچىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر 200نەچچە شامال ماشىنىسى بار،يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 18مىليون ۋاتقا يېتىدۇ.
logs/27141438.html
بۇنى 1989-يىلى ۋە 1992-يىلى دانىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرغان،1996-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيە ھۆكىمىتى مەبلەغ ۋە تېخنىكا تۈرىدە ياردەم بەرگەن . 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ شامال گېنراتورلىرى تورلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ھەم قاپلىنىش نىسبىتى %50 دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بىرخىل ئېكولۇگىيىلىك مۇھىتقا زىيىنى يوق، مۇھىت بۇلغىنىشى بولمىغان ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى بولغانلىقتىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
ئەمىلى كۆرۈنىش رەسىمى:
يەرشارى google earth خەرىتىسىدىكى كۆرىنىشى:
ئورنى:
43°36'8.00"N
87°47'15.05"E
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
<< Googleبلوگىمنى ھەركۈنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ | باش بەت | خوش خەۋەر! google ئۇيغۇرچە ئىزدەش كۆزنىكى چىقىرىپتۇ >>