-
2008-08-03
كۆچۈرمىكەشلىك باشلاندى!!! - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/26764326.html
قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا بلوگباس پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدى،مېنىڭ بۇ بلوگباس بىلەن تونۇشقان ۋاقتىم2008-يىلى3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، شۇ چاغدا ئارامگاھ، تەكلىماكان، ئەينەك، ئاينۇرى بلوگلىرىلا بار ئىكەن،(مېنىڭ كۆرگىنىم مۇشۇ)، مەن ئارامگاھ ۋە تەكلىماكان ئەپەندىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ بلوگنى قۇردۇم، مانا ھازىر نۇرغۇن يېڭى ھەۋەسكارلار بۇ بلوگگىرلار سېپىگە قوشۇلدى، بۇ ياخشى بىر يۈزلىنىش بولغۇسى.
ئەمدىكى مەقسەتكە كەلسەك، ئالدىنقى كۈنى بلوگلارنى ئارىلاۋېتىپ بەزى بلوگلاردا بلوگىمدىكى تېمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى مەنبەنى ئەسكەرتمىگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، بۈگۈن يەنە شۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ قالدىم......بلوگ دىگەننى ئۆزىمىز قۇرىمىز، ئەلۋەتتە مەلۇم بىر مەقسەت بىلەن قۇرىمىز، قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن بىلوگىمغا نىمىنى يازىمەن؟ قانداق مەزموندىكى بلوگ قۇرىمەن؟ دىگەنلەرنى ئەلۋەتتە ئويلايمىز. بۇ جەھەتتە تارىم بلوگى(ماتىماتىكا بىلىملىرى)، بىرزات شىپاخانىسى(تىبابەت بىلىملىرى)، ئاينۇر بلوگى(ئېنگىلىس تىلى ئۆگىنىش)، ئارامگاھ (بلوگ ئۇسلۇبى)، تەكلىماكان(ئېلان قويۇش) قاتارلىق بلوگلار ئۆزىنىڭ خاسلىقى، تېمىلىرىنىڭ ساپلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
بۇ نەچچە مىڭ ئەزاسى بار مۇنبەر ئەمەس ، بىر ھەقسىز شەخس بلوگى خالاس. شۇڭا بلوگگىرلارنىڭ يازمىلىرىغا(ئەسلى يازمىسى بولسۇن-بولمىسۇن، ئومومەن شۇ يازمىنى يوللاش جەريانىدا توپلاش، تەرجىمە قىلىش، رەتلەش قاتارلىق ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ) ھۆرمەت قىلساق.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم شۇكى: تېمىلار قالايمىقان ئۇ يەردىن- بۇ يەرگە كۆچۈرۈلۈپ بلوگلار پاخاللىشىپ كەتمىسە!!!
بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمدا مائوسنىڭ ئوڭ-سول ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ئىشلىتىلىشتىن چەكلەندى.
ھەر قايسى بلوگگىرلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
كۆچۈرمىكەشلەر يازمىڭزنى كۆچۈرەي دىسە كۆچۈرىۋېرىدۇ. مەنمۇ كۆچۈرۈپ باقايمۇيە بىرەر يازمىڭىزنى مىسال ئۈچۈن.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى ئويلۇشۇپ ئاخىرى يەنە بارلىق چەكلەشنى بىكار قىلىۋەتتىم.