• 2008-05-05

    ئىككى شېئىر - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/20296374.html

    بۇ دۇنيا__مۇھەممەتجان راشىدىن

     

     تالاشماڭلار ، تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا،

    بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    مەيلى گاداي، مەيلى شاھ، بىر قىيامەت بىر جانغا،

    بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالار ئىكەن بۇ دۇنيا. 

     

    ۋاپاسىز دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر،

    ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈن چىقماس،

    پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا. 

     

    كېلىپ كېتەر مېھمانسەن، ياخشى قونۇپ ياخشى كەت،

    سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ،

    توۋا دەڭلار ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

      رىقابەتلىك بۇ دۇنيا__ئابلەت ئابدۇللا

     

     تالىشىڭلار،تالايغا رىقابەتلىك بۇ دۇنيا،

    تالاشمىغان ئادەمگە نادامەتلىك بۇ دۇنيا.

    ھېچ قىزىقى بولمايدۇ تالاشمىغان ئويۇننىڭ،

    پومزەك توپقا ئوخشايدۇ كارامەتلىك بۇ دۇنيا.

     

     تالشسۇن دەپ دۇنيانى ئادەمىزات يارالغان،

    ھابىل بىلەن قابىلدىن بۇ تالىشىش تارالغان.

    خىرىس قىلىپ كۈچۈكمۇ تالىشىدۇ سۆڭەكنى،

    ئاي بىلەن كۈن قاراڭلار بۇ پەلەكنى تالاشقان.

     

    مۇتالىئە قىلساڭلار ئىلىم-ھېكمەت سىرىنى،

    پەقەت بىرلا يەكۈنى تالاش، يەنە چىڭ تالاش.

    شەيئىلەرنىڭ قىرىققا يارساڭ ئەگەر قىلىنى،

    زەررىلىرى تالىشىپ پەيدا بولۇر ئۇيۇلتاش.

     

     شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2008يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بلوگنى چىرايلىق بېزىۋاپسىز، تىرىشىڭ
    dunyakara回复ئارامگاھ说:
    رەھمەت ،ئارامگاھ ئەپەندىم،ئۆزئارا ياردەمدە بولغاندىلا ھەممىمىز بىللە روناق تاپىمىز.
    2008-05-06 10:37:05
  • پاھ بىلوگىڭىزنى بەك چىرايلىق قىلىۋاپسىزغۇ.تىرىشچانلىغىڭىزغا بارىكاللا.يوللىغان تېمىلىرىڭىزمۇ بەك ياخشى ئىكەن،مەن 3 پارچە شېئىرىڭىزنى كۆچۈرىۋالدىم.
    dunyakara回复زوھرە说:
    غېرىبانە كۆلبەمنى تاشلاپ قويمىغانلىقىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم.رەھمەت
    2008-05-06 01:20:54