CNBC نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئەۋلاد iPad ئامېرىكا ۋاقتى 7-مارت چارشەنبە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىدىكىدەك رېتىنا ئېكران، 4 نېگىزلىك CPU ۋە 4G تورىنى قوللاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارمۇ يوق، بۇنى ئاللاھ نىسىپ قىلسا مەھەللىمىزدە 8-مارت كۈنى تەڭ كۆرىمىز.
جۇڭگۇ تېلېگرافىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇ تېلېگرافى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا iPhone 4S نى رەسمىي سېتىشقا باشلايدىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ كەڭ ئابونتلار ھەرقايسى جايلاردىكى جۇڭگۇ تېلېگرافىنىڭ بەلگىلەنگەن سېتىش دۇكانلىرىدىن ياكى مەخسۇس تور تىجارەت زالى www.189.cn دىن بەلگىلەنگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدىكەن. بەزى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كېلىشىملىرىدە ئايغا بۆلۈپ قايتۇرىدىغان پۇلنى ھېساپلىغاندا 16G,32G,64G لارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېتىۋالغان پۇلى 0 يۈەنگە توختايدىغانلىرى بار ئىكەن. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى(جۈمە)دىن باشلاپ تور ئارقىلىق ئالدىن زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن.
تاغتۇراچىلىق جۇڭگودا ئەۋج ئېلىپ، يۇقىرى دولقۇن بىلەن «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقتىن» دۇنيا سودا ساھەسىنى قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بۇ ساپاسىزلىقنى بەكلا نومۇس دەپ بىلسىمۇ، پۇل مال-دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تاغتۇراچىلار نومۇس بىلەن ئىشى يوق ھەر نەرسىنى قىلىشىىۋاتاتتى.
ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.
بۇ نېمە گەپكىن دەپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئۆتكەن يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 10 مىلياردىنجى ئەپ App Store دىن چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ سان تېز سۈرئەتتە ئارتىپ، ھازىر 25 مىليارد قېتىمغا يېتىشقا ئاز قاپتۇ.
ئالما شىركىتى بۇ ئىشقا مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللەپتۇ. چۈشۈرۈلۈش سانىغۇچىنىمۇ تور بېتىدە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپتۇ. چۈنكى بۇ سان، ئەلۋەتتە كىچىك سان ئەمەس. بۇ بەلكى ئالمىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى چوڭ غەلبە مىۋىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە 25 مىلياردىنجى قېتىم ئەپ چۈشۈرگەن ئاشۇ تەلەيلىك ئابونتقا، ئالما شىركىتى 10 مىڭ دوللارلىق App Store قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سوۋغا قىلىدىكەن.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى ۋە سانىغۇچ ئەھۋالىنى ئورگان تور بېتىدىن كۆرۈڭ.
iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.
iMessage نىڭ iOS 5 تىكى يېڭى ئالاقە قورالى سۈپىتىدە iPhone, iPad ۋە iPod touch لار ئارىسىدا كۆپ قولايلىقلارنى ياراتقىنىنى يېڭى سېستىما قاچىلىغانلار بىلىشىدۇ. ئابونتلار iMessage ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەقسىز ئۇچۇر ئېۋەتىشەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئەمدىلىكتە Mac ئائىلىسىدە روياپقا چىقىپتۇ.
ئالدىنقى يازمىمىزدا جېپنىڭ ۋەكىللىك نادىر ئوغلانى – چارۋىچى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. جېپنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مۇشۇ گەۋدىسى بىلەن پۈتكۈل دالا ماشىنىسى ئورتاق ھالدا «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىلىدۇ. تىپىك دالا ماشىنىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان جېپنىڭ تارىخىغا خېلى كۆپ ئەركەكلەر قىزىقسا كېرەك. قېنى، بىرلىكتە ئۇلارنىڭ شانلىق تارىخىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار