پاسىبان بلوگى » فوتوگرافىيە | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Tue, 18 Feb 2014 11:36:59 +0000 ug-CN hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.4.2 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى /top-10-blog-in-2011.html /top-10-blog-in-2011.html#comments Tue, 13 Dec 2011 14:18:16 +0000 پاسىبان /?p=3492 [...]]]>

ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.

يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتساق، پائالىيەت يۈكسەل بلوگىدا باشلىنىپ شۇ يەردە ئاخىرلىنىش قارار قىلىنغان بولۇپ، نامزات كۆرسىتىشمۇ يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشمۇ شۇنداق ئىكەن.

تۆۋەندىكىلىرى «يۈكسەل بلوگى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار:

2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

 

گەپكە كەلسەك…

بلوگ ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇپ بۈگۈن ساق 1 يىل بولىشىغا يەنە 2 كۈن قاپتۇ. مۇشۇ 1 يىل جەريانىدا پېقىر مەزمۇننىڭ كۆچۈرۈلمە بولماسلىقىغا، ئىجادىي بولمىسىمۇ نەپ تېگىش تەگمەسلىكىگە ئالاھىدە نەزەر سالغان ئاساستا ئىزچىل بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. يازمىنىڭ ھەر بىر سۆز-جۈملىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۈچەك سۆز-جۈملىلەرنىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا، زېرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بەردىم. مۇشۇنىڭدەك بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈش تەسىرىدە، ھازىرقىدەك كۈندىلىك مۇقىم چېكىلىش قېتىم سانى 3,000 دىن ئارتۇق، 400 ئەتراپىدىكى مۇقىم، ئاكتىپ زىيارەتچىلەر قوشۇنىغا ئېگە بولدى. يېزىلغان ھەر بىر ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىلسەم بىلگىنىمچە، بىلمىسەم توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بولسىمۇ جاۋاب بەردىم. كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ھەر بىر سورالغان سۇئاللار جاۋابسىز قالمىدى. ھەر بىر زىيارەتچىنى ئېيتىۋاتقان سۆزۈمنى قايسى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرسەم ئېنىقراق بىلىۋالاركىن دەپ ئېلاجىمنىڭ بېرىشىچە تەپسىلىي، ئوچۇق جاۋاب بېرىشكە تېرىشتىم. بۇنى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبنى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇرادەرلەر چوقۇم ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.

بىر مىسال ئالسام، بلوگ قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تور بەت ساھەسىدىن پەقەتلا خەۋىرىم بولمىغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراشقا توغرا كەلدى. نەچچە سۇئالنى سورىسام جاۋاب بەرسىمۇ بىرەر تالغا شۇنداقلا جاۋاب بېرىپ يوقاپ كەتتى. يەنە قايتىلاپ سوراشتىن ئۆزۈم خىجىل بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ مېنىڭ ئىشىمنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىشىمنىڭ ئورنى يوق. لېكىن بۇنداق قىلغىنى ئۆزۈمگە ئازراق ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ماتىرىيال ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزلەشتۈردۈم، بەتنى مۇشۇ ھالەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنگىدەك بىر شەكىلگە ئەكەلدىم. يەنى، شۇ قېتىملىق ئىشنىڭ تەسىرىدە مەندىن سۇئال سورىغۇچىلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، شۇ كىشىگە مەن چوقۇم چۈشىنىشلىك، رازى بولغۇدەك بىر جاۋاب بېرىشىمنى مەجبۇرىيەت دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇم، تىجارىتىم بولغانلىقتىن ئارىلىقتا نەچچە كۈنلەپ بلوگ تاشلىنىپ قالغىنىمۇ راست. ئۇ چاغلاردا سۇئاللار بەلكى بىر ئىككى كۈن جاۋابسىز قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، مۇشۇلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر زىيارەتچىلىرىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زىيارەتچىلىرىمگە يۈز كېلەلىگۈدەك بەت مەسئۇلى بولالىدىم، دەپ قارايمەن. گەرچە مەن ئۆزۈم شۇنداق قارىساممۇ، زادى شۇنداقمۇ ئەمەس، بۇنىسى سىلەرگە بېرەلىگەن تەسىرىمنىڭ قانچىلەكلىكىدە. ئەڭ مۇھىمى بۇ، ئەلۋەتتە.

بىر يىلدىن بۇيان چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەسلىگىنىمىزدە مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىز، بەلكى ھاۋا ئىللىق بىر كۈنلەردە، ياكى خۇشخۇي، سىم-سىم يامغۇرلۇق بىر كۈنلەردە، ياكى بولمىسا كەيپىياتىڭىز ئوچۇق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر كۈنلەردە كۇلۇبقا كىرىپ سىزگە پايدا بېرەلەيدىغان بىرەر تېمىنى كۆرۈپ، «پاسىبان كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان شۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولغىنىدىنمۇ خۇشال بولغان، مەمنۇن بولغانمىدىڭىز؟ كۇلۇبىمىز گەرچە سىزنىڭ قولىڭىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرەر مەنپەئەت كۆرسىتىپ، بىر چاپىنىڭىزنى ئىككى قىلىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ بلوگنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىز ئاسانلاشقان، قولىڭىزدىكى ئايفونىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىگەن، شۇ ئارقىلىق سىزگە ئازغىنە مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەندىمىزمۇ؟

ئەگەر سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بلوگىمىزدىن مەنپەئەت كۆرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن «2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» گە «پاسىبان كۇلۇبى» مىزنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى، بىلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلانغاندا بىزگە بىلەت تاشلىشىڭىزنى سورايمەن.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!

PS: بۇ پائالىيەتتە مۇكاپات ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئەمەلىيرەك بولدى. ئىلگىرى قۇرۇق ناملا بولسا ئەمدىلىكتە نەخ پۇل شەكلىدە بولدى. گەرچە مۇكاپات سوممىسى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بۇ بىزدەك تور بەت ئېگىلىرىگە چوڭ ئىلھام بولىدىكەن. ئەگەر بىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئالدىنقى بەشىگە كىرەلىسەك، مۇنبەرنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ياخشىراق مۇلازىمېتىرغا ئالماشتۇرۇش ھاجىتى تۇغۇلسا ئالماشتۇرۇپ، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغا ئايرىم بىر بوشلۇق بېرىش، تېمىلارغا قىستۇرىدىغان رەسىمنى بىۋاستە مۇنبەر بوشلۇقىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

]]>
/top-10-blog-in-2011.html/feed 11
2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى /best-news-photos-in-2011.html /best-news-photos-in-2011.html#comments Fri, 09 Dec 2011 06:26:31 +0000 پاسىبان /?p=3470 [...]]]> 2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

مۇخبىرلار مەيلى جەڭ مەيدانى بولسۇن، مەيلى ناچار شارائىت، مەيلى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن جايلار بولسۇن، جاي ياكى ئورۇن تاللىماي كەسپىنى قىزغىن سۆيگەن ئاساستا بەلگىلىك قۇربانلىق بېرىدۇ. بۇ خىل روھ ئۇلارغا شۇ قەدەر مەدەت بېرىدۇكى، بەزى سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە بۇنى تارتقان فوتوگرافنىڭ قانداق بىر ھالدا تۇرغانلىقىنى بىلگىمىزمۇ كېلىدۇ.

«دەۋر» ژورنىلى يېقىندا «2011-يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى» باھالاپ چىقىپتۇ. بىز مۇشۇ كەسىپچان فوتوگرافلارنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنىڭ نادىر باھالانغانلىقنى كۆرۈپ چىقايلى.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، سومالى پايتەختى موگادىشۇ. بىر ئوغۇل بالا بانادىر دوختۇرخانىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. سومالى ئاپەت رايونىدا ھەر كۈنى 5 ياشتىن تۆۋەن 10 مىڭ كىچىك بالا ئىچىدە، تەخمىنەن 20 سى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋاتاتتى. سومالى شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ماددى-ئەشيا ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. چۈنكى كىچىك بالىلار ئەمدى داۋاملىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋەرمەسلىكى كېرەك ئىدى …

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۇنياغا مەشھۇر جەڭ مەيدانى فوتوگرافى Chris Hondros مىسۇراتادا زىيارەت قىلىۋاتقاندا راكىتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. يۇقارقىسى ئاشۇ نەخ مەيداندىن بىر كۆرۈنۈش.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ، بېيجىڭ ۋاقتى 13:46 دە، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ پۈتۈن ياپونىيە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئاسارىتىگە ئۇچرىدى. سۈرەتتىكىسى فوتوگراف James Nachtwey نىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كېسىنۇما شەھىرىدە تارتقان سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان كەپىنىڭ كۆرىنىشى.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ پاكتىكا ئۆلكىسى. سېرژانت Daniel Quintana كەسكىن جەڭدە يارىلاندى.

(PS: مۇشۇ رەسىمنىڭمۇ نادىر باھالانغىنىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. يا مەزمۇن ئارقا كۆرىنىشى، ياكى سۈرەتتىكى مەزمۇن ئىپادىسى ھېچ تەسىر قىلمىدى.)

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن، ئوباما ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى . كىلىنتون، دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى روبېرت . گەيتىس قاتارلىقلار ئاقساراي ۋەزىيەت دىجورنىلىك ئۆيىدە بىللە ئولتۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق تارقىتىۋاتقان لادىننى تۇتۇش نەق مەيدان كۆرىنىشىنى كۆرۈپ ئولتۇرماقتا.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

ئامېرىكا «ئالغا» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى فلورىدا شىتاتىنىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقىسى بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئىكەن.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

يۇقارقىسى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوگراف Yuri Kozyrev تارتقان لىۋىيەنىڭ لاس نۇفۇ پورتىدىكى جەڭ مەيدانى. شۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ مۇھىم بىر نىفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئىدى.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرىستىتى دەيۋىس تارماق مەكتىپىدە مەكتەپ ئامانلىق خىزمەتچى خادىملىرى مۇچ (لازا) پۈركىمىسى ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرگۈچى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەيدەۋاتىدۇ. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە 2 نەپەر نامايىشچى «يارىلانغان» (مۇچ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك) دىن كىيىن دوختۇرخانىدا كۆزىتىپ داۋالاشقا ئېلىپ كېتىلگەن. پروفىسسور براۋننىڭ ئېيتىشىچە بىر نەپەر ئوقۇغۇچى كۆپ مىقداردا مۇچ پۈركىمىسى سۈمۈرىۋالغانلىقتىن 45 مىنۇتتىن كىيىن قان ئارىلاش يۆتەلگەن ئىكەن.

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

شۇ يەر ۋاقتى 8-چىسلادىن باشلاپ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت ماكانى ئاكاپۇلكودا زەھەر ئەتكەسچىلىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بىر كۈن ئىچىدە 27 كىشىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى بايقالدى. رەسىمدىكىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى. ئۆلگۈچى ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كىيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ تۇققىنى يېنىدا يىغلاۋاتىدۇ …

2011 – يىللىق نادىر خەۋەر سۈرەتلىرى

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىسىردىكى نامايىشچىلار ئازاتلىق مەيدانىدا «ئۆزگىرىش» توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىدىن قاتتىق نارازى بولغان خەلق، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ توپلىشىپ يىغىلىپ نامايىش قىلىپ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشقان. بۇ قېتىمقى نامايىش مىسىر تارىخىدا 1977-يىلىدىن كىيىنكى ئەڭ چوڭ نامايىش بولغان.

]]>
/best-news-photos-in-2011.html/feed 1
يىلاننىڭ گۈزەللىكى /beauty-of-snake.html /beauty-of-snake.html#comments Thu, 01 Dec 2011 10:01:01 +0000 پاسىبان /?p=3447 [...]]]> يىلاننىڭ گۈزەللىكى

قىزلارنىڭ ئىچىدە يىلاندىن قورقمايدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە، ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇ مەخلۇقتىن قورقىدىغانلار ساماندەك بولسا كېرەك. مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. جۇغى چوڭ بولمىغىنى بىلەن سۈرى بەك ياماندەك بىلىنىدۇ. ئىشقىلىپ قارىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. ئوخشاش ھېسياتتىكىلەر كېلىڭلار!

فوتوگرافلار، ئوپېراتۇرلار يىلاننىڭ قورقۇنچلىقىدىن سىرت ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇستىلىق بىلەن فىلىم ۋە سۈرەت يۈزىگە چۈشۈرۈپ ئىشلىگەن فىلىملەر، فوتو-سۈرەتلەر «ھايۋاناتلار دۇنياسى» دا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۈگۈن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۈرەت ۋە سىنلارنى كۆرۈپ چىقايلى. ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىمىز ئاشامدۇ نېمە.

يىلاننىڭ گۈزەللىكى

يىلاننىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا مەخسۇس ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم

]]>
/beauty-of-snake.html/feed 8
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما /35-great-animal-photos.html /35-great-animal-photos.html#comments Sun, 06 Nov 2011 09:37:46 +0000 پاسىبان /?p=3283 [...]]]> ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى – فوتوگرافچىلىق ساھەسىدىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى تەلەپ قىلىدىغان، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان فوتوگرافچىلىق تۈرى. ھايۋاناتلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغىنىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددى ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىنتايىن توغرا بىر ئۇسۇلدا زاتۋورنى بېسىشىمىز شەرت. چۈنكى «سەل ياخشى چىقماي قالدى، يەنە بىر چىشلەپ بېرەمسەن؟» دېگىلى بولمايدۇ…

مۇشۇنداق پۇرسەتنى قاچۇرىۋەتمىگەن فوتوگرافلارنىڭ نادىر چىققان ئەسەرلىرىدىن بىر قانچىنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

«تۈلكە ئۇيقۇدا، تۈلكە ئۇيقۇدا … »

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بىر جۈپ ياش

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

مايمۇن شاش

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

 

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

كالا دېگەن، مۈڭگۈز باش ( قوشاق كەپقالدى ھە  :lol: )

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ ياۋايى ھايۋان بولمىسىمۇ، ئورۇقلىتىش چېيىنىڭ ئېلانىغا چىققۇدەك كەلگەن ئىتكەن ئۆزى

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

«مايمۇن ئاغا» سۇ ئۈزىۋېتىپتۇ

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھەئە، تاغىل ئات دېگەن شۇكەن.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ رەسىمنى كۆرۈپ Steve Jobs نىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئېسىمگە چۈشتى:

«قۇياشنى قولدىن بېرىپ قويغان بولساڭ، ئاينى بولسىمۇ چىڭ تۇتقىن»

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ كۈچۈكنىڭ سەبىيلىكىنى ئېنىق نامايەن قىلالىغان فوتوگرافقا قول قويدۇم.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

Wild دېگىنى شۇكەندە …

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

كىنولاردىكى سورتلۇق مۈشۈك …

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ئارقىدىكى قايسى تاغ چوققىسى؟ كىم بىلىدۇ؟

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ مۈشۈككە قارىسام بەكلا بىچارىدەك كۆرۈنىدۇ. ئاخشام ئويناپ يانغۇچە ئاۋۇ مايمۇن كۆزىگە ئېگىسدەك كۆرۈنۈپ قالغان بولسا «مىياۋ» دەپ كېلىشىگىلا موكلا تۇتۇلغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغىمۇ ئامال قانچە؟ تويىدىغان بولدى 夜猫 بولغانغا! ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھەقىقىي بۆرىلەر …

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ رەسىم ماڭا بەك ياقتى. خۇددى سىزىۋالغاندەكلا!

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ بىچارىلەر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ «كەيپىيات ناچار، چىشىمغا تەگمەي تۇرۇشە!» دەۋاتقاندەك… كونتا كېنتىدەك قار دېگەن نەرسىنى بىلمەس بولغىيتى ئافرىقىدا بولسا …

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇمۇ بىزنىڭ سەھرادىكى ئېشەكلەردەك ئىسقىرتىپ بەرسە ئېغىناپ قويامدۇ نېمە؟

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

كەپسىز تاغىللار. رەسىمگە چۈشكەندەك تۇرىشىنى!

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ماۋۇ رەسىمنى  بەك جايىدا تارتىپتۇ.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھە، قىستۇرما رەسىم شۇتى  :evil:

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

كىچىك تازكەن، ئىشتان كەيمەپتۇ  :o))):

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ئاغزىغا بېشىم كىرىپلا كېتەمدۇ نېمە؟

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ئېيىق راس ھورۇن نېمىكەن. شۇ تاپتا ھەسەل چۈشەۋاتقان بولسا كېرەك.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

Three Wolves

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

مۇشۇنداق ساسلىقتىن بەك قورقىمەن. تىمساق چىقىپ قالامدىكىن دەپ.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

گۈزەللىككە ھېرىسمەن ئىتكەن. پۈچەك بولسىمۇ گۈل پۇراپ يۈرۈپتۇ. رەسىم ماڭا بەك ياقتى.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بۇ قاپلاننىڭ بېشىغا مۈشۈكنى كەيدۈرۈپ قويغان PS ھاسىلاتى ئەمەس. 猞猁 Lynx دەپ ئاتىلىدىغان مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تاغ مۈشۈكى، سۈلەيسۈن دەپ ئاتايدىكەنمىز.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ئېيىق ئائىلىسى ئىچىدە مۈشۈكئېيىق بىلەن مۇشۇ ئېيىقنى بەك مۇلايىممىكىن دەيمەن.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

مۇشۇنىڭ ئۆزى بۇ نەرسىنىڭ ئىنسانلاردىن تولىمۇ يىراق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەمدىكىن دەيمەن.

زادى مېنىڭ ئانام دادام يا ئۇلارنىڭ ئانا-دادىسى مايمۇنتى، دەيدىغانلارغا خروموسوم سانىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسىمۇ كار قىلمايدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقلارغا «ھە ماقۇل، سېنىڭ ئاناڭ مۇشۇنىڭدەك پىتىنى تېرىپ يەيدىغان مايمۇنتى» دەپلا قۇتۇلغان ياخشى. :o))):

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

سەكرەش

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

بىر ئائىلە كىشىلىرى دەرقەمتى ھېيتلىق بېلىق تۇتۇپ يىگىلى تۇرۇپتۇ. بەختلىككەن …

ئۆز يۇرتىدا، ئاتا-ئانىسى ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلارغا مەندىن چوڭقۇر سالاملار بولسۇن!

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

مونۇ شىر جەرەن ئوۋلاۋاتامدۇ ياكى فوتوگرافنىمۇ؟

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

سەندىن بىر ئىنجا چىقمىدى دادا، ئۆزەملا بىر نېمە تېپىپ كېلەي!

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ماۋۇ رەسىمنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا تارتىلغىنى توغرىسىدا مەلۇمات يوقكەن. لېكىن بەك نوچى چىقىپتۇ. ئاستىدىكى تۇمان بۇ نېمە ئىشكىنە؟

]]>
/35-great-animal-photos.html/feed 6
مىنىمالىستچىلار سۈرەتلىرىدىن تاللانما /minimalist-simple-but-artistic.html /minimalist-simple-but-artistic.html#comments Sat, 08 Oct 2011 06:12:00 +0000 پاسىبان /%d9%85%d9%89%d9%86%d9%89%d9%85%d8%a7%d9%84%d9%89%d8%b3%d8%aa%da%86%d9%89%d9%84%d8%a7%d8%b1-%d8%b3%db%88%d8%b1%db%95%d8%aa%d9%84%d9%89%d8%b1%d9%89%d8%af%d9%89%d9%86-%d8%aa%d8%a7%d9%84%d9%84%d8%a7%d9%86.html [...]]]> simple-but-article

مىنىمالىستچىلار – ئاددىيلىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلار، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «ئاددىيزىمچىلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇنداق فوتوگرافلار رەڭ پەرقى ئاز، مەزمۇن ئاددىي بولغان مەنزىرە ياكى شەيئىنى تېما قىلىپ تاللاپ، ئۆزگىچە، راھەت ياكى پاكىز بىر تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

  

فوتوگراف ساھەسىدىمۇ مىنىمالىست فوتوگرافچىلىقى دەپ بىر تۈر، شۇ تۈرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىشتىراكچىلىرى ۋە قىزىققۇچىلىرى بار. ئۇلار تىنچ ۋە يېنىك ئېلېمېنتلاردىن پايدىلىنىپ «سەنئەت» ياسايدۇ. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قىيىن نوقتىسى بولۇپ، بىر ياكى ئىككى خىل شەيئىنى قويۇش ئارقىلىق بىر قاتار مەزمۇننى ئىپادە قىلىدىغان گەپ.

ئۆتكەندە خاڭجۇ ئايروپورتىغا كېتىۋاتقاندا يولدا بىر ئېلان تاختىسىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ تاختا ناھايىتىمۇ چوڭ بولۇپ، %95 يېرى بۇلۇتسىز كۆك ئاسمان، پەقەت ئاستى تەرەپ 4/1 قىسمىدا باشتىن بوياق كېسىپ ئۆتۈۋاتقان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كىچىك بىر يولوچىلار ئايروپىلانىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ ئېلان ماڭا بەكمۇ ياققان ئىدى. مەنمۇ مىنىمالىست فوتوگرافچىلىقىغا ئامراق بولسام كېرەك.

تۆۋەندە مۇشۇنداق فوتوگرافلار تارتقان ئۆزى ئاددىي، لېكىن سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك رەسىملەردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بىر يەرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان يوشۇرۇن كۈچلىرىمىزنى غىدىقلاپ ئويغۇتۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

]]>
/minimalist-simple-but-artistic.html/feed 4
پورترېت سۈرەتكە ئېلىشتىكى 10 تېخنىكا /ten-tips-of-portrait-photography.html /ten-tips-of-portrait-photography.html#comments Tue, 04 Oct 2011 02:05:41 +0000 پاسىبان /?p=2908 [...]]]> پورترېت ياساشتىكى 10 تېخنىكا

پورترېت (سىرتقى قىياپەت) سۈرەتكە تارتىش – فوتوگرافچىلىقنىڭ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئەڭ بىلىدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بۆلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. زاتۋورنى بېسىش تولىمۇ ئاسان. لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. خەلقئارا سەھنىلەردە پورترېت سۈرەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان كاتتا فوتوگرافلارنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟ نېمە شۇلارنى مۇشۇنداق مۇۋاپپىقىيەتكە ئېلىپ چىقالىدى؟ ئەمەلىيەتتە پورترېت ياساش سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس.

 

كەسىپتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ھەرقانداق بىر فوتوگراف ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۆز كەسپىدە ئىزدىنىپ، ئۇچۇر توپلاپ، تەتقىق قىلىپ كاللا قاتۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. شۇڭا قاراپ ئولتۇرۇپ قالغۇدەك بىرەر پارچە رەسىمگە ھەرقانداق كىشى ئېرىشىۋەرمەيدۇ. لېكىن، ئاددىي ساۋات، قولاي مەشغۇلات ئارقىلىق مۇشۇنداق نەتىجىگە يېقىنلىشىش – بۇ چۈش ئەمەس.

1. ئېنىق، يارقىن باش تېما تاللاش

تارتماقچى بولغان سۈرەتتە ئېنىق، ئوچۇق ۋە سۈزۈك باش تېما ئەكس ئەتسۇن. ئادەم، شەيئى ۋەياكى ھايۋانات-ئۇچارقۇشلارمۇ؟ ئاۋال بۇ كاللىڭىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك. بۇ ئېنىق بولغاندا سىز مۇشۇنى يارقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىسىز. سۈرەتتە مەزمۇن، ۋەقە بولىشىغا تېرىشىڭ. « مىكى-مىكى » لەرنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ. بىر قېتىم بولمىسا ئىككىنجى قېتىم قىلىشقا تېرىشىڭ.

2. دىققەت قىلىش نوقتىسىنى تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش

بىزنىڭ تارتقان سۈرەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەڭ دەسلەپتە بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسى تېمىغا قارامدۇ-يوق؟ بىز مۇشۇنى ئويلاشقان ئاساستا مەنزىرىنى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك. بۇ سۈرەتتىكى مودېلنىڭ قولىدىكى ئەتىرگۈل ئاساسى تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش تولىمۇ ياخشى ياردەمچى بولغان. سۈرەتتە بۇ قىزنىڭ گۈزەللىككە ئېنتىلگەنلىكىدەك روھى قىياپەت ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

3. سۈرەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش

ئاساسى تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياردەم قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۇنى بۇرمىلاپ باشقا مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈپ قويىدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەرنى سۈرەتتىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. سۈرەتتىكىدەك كىچىك بالىنىڭ ئوماق، سەبىي چىراي ئىپادىسىنىلا قالدۇرۇڭ.

4. ئېلاجنىڭ بېرىچە تېما ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالسۇن

سىرتتا پورترېت ياسىغاندا ئەڭ ياخشىسى مودېل بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇپ تارتقىنىمىز ئەۋزەل. لېنزا ئىشلەتكەندىمۇ كەڭ بۇلۇڭلۇق لېنزىنى تاللىمايمىز. ئەگەر سۈرەتكە بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغان ئۈنۈم قوشماقچى بولساق ئۇ باشقا گەپ. سىرتتا ئەڭ ياخشىسى 80-90 مىللىمېتىرلىق فوكۇس ئارىلىقىنى ئىشلىتىپ تارتسا ياخشى.

5. ھاياتلىق ئىپادىسى ئەكس ئەتسۇن

سۈرەتكە تارتماقچى بولغان ئادەمنىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەتتە بولسىمۇ ئۆزگىچە تۈس قوشىدۇ. مەسىلەن، پىشانىسىنى تۇتۇش، يۈزىنى سىلاش، بېلىنى تۇتۇش، تەرىنى سۈرتۈش، تۈگمىسىنى ئېتىش، چېچىنى تۈزەشتۈرۈش … ئىشقىلىپ بىرەر ھەرىكەت ئىپادىسى نامايەن بولسا رەسىم ئۆلۈك چىقىپ قالمايدۇ. ھەتتا قولىدا بىرەر قورال-ياراق ئېلىپ تۇرغان ھالەتمۇ سۈرەتكە ھاياتلىق تۈسى قوشالايدۇ.

6. ئوبيېكت تېخىمۇ تەبىئىي بولسۇن

 

كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتقاندا ئۇلارنىڭ تەبىئىي تۇرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزلەر سۈرەتكە چۈشسەك كۆپرەك «ھەربىيچە» تۇرۇپ قويىمىز 大笑 بۇ بەكلا كونىلىق بوپقالدى. سۈرەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنى قويىۋېتىپ ئەركىن-ئازادە تۇرغاندا ھېسسىيات يارقىن ئىپادىلىنىدۇ. بىز كونا شەكىلىدىكى «تاياقتەك تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش» ئىدىيىسىنى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز، ئۇلارغا «سۈرەتكە تارتىش» نى ئۇنتۇلدۇرىۋېتەيلى. ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ تۇرۇپ ئولتۇرۇش، تىك تۇرۇش، يۆلېنىش، بېلىنى ئېگىش، ئىشقىلىپ تەبىئىيلىكنى ساقلاشقا تېرىشساق، قانچە تەبىئىي قانچە راھەت بولسا سۈرەت شۇنچە جانلىق چىقىدۇ.

7. ئادەمنى مەنزىرىدىن ئايرىپ ئېلىۋېلىش

 

بۇ تېمىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بەكلا ئاددى. چوڭراق نۇر چەمبىرىكى ئىشلىتىش (4.0 ھەتتا 2.8)، ئۇزۇن فوكۇس ئارىلىقى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا ئادەمنى مەنزىرىدىن يىراقراق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش.

8. قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىش

 

يالغۇز كىشى سۈرەتكە ئالغاندا سۈرەتكە ئالغان شەيئى بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلىشى، بەدىئي تۈزۈلۈش تاللاشتا قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىشى ئەڭ ئاقىلانىلىك. بۇنىڭدا پورترېت شەكىل ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە ئازراق بوشلۇق ۋە يوچۇق قويۇپ قويۇپ، سۈرەتنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش ھالىتىگە كەلتۈرەلەيمىز.

9. مودېلنى ئۆزگىچە بىر شەكىلدە تۇرغۇزۇش

 

بىز تولا ئاڭلايدىغان POSE دېگەن شۇ. بۇ ئۇسۇل مۇشۇنداق مودېلنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىشلەيدۇ. بىز بىرەر شەكىلدە تۇرغان مودېلنى سۈرەتكە ئالغىنىمىزدا ئىلاج بار ئۇنىڭ باش ۋە مۈرىسىنى ئوخشاش بىر سىزىق ئۈستىدە، بەدىنىنى ئەگرى سىزىق ياكى باشقا تۈزسىزىق ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ ئالساق بولىدۇ.

10. يېرىم بەدەن ياكى باش سۈرەتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

ئەگەر پورترېت ياسىماقچى بولغان پىرسوناژنىڭ كىيىم-كېچەك، تەققى-تۇرقى، مەيداندىكى ھەرخىل ئېلىمېنتلار ئاساسى تېما ياسىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېھتىماللىق بولۇپ، مەزمۇن ئىپادە قىلالمىغان ۋاقتىمىزدا، يېرىم بەدەن ياكى باش قىسمىنى تاللاپ سۈرەتكە ئېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا پىرسوناژنىڭ كۆزى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇللار قىياپەت سۈرەتكە ئېلىشتىكى بىرقانچە كۆرسەتمە بولۇپ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە ئىستىمال قىلىشقا ياكى پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىڭىز، تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلاپ ھەزىم قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بۇ خاسلىقىڭىزنى باشقىلار ئېتىراپ قىلىپ باھا بەرگەن چاغدا سىز ھەقىقىي نەتىجە ياراتقان بولىسىز. ئۇ چاغقىچە بىز توختىماي ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىپ تۇرايلى. بۇ ئۇسۇللارنى پەقەت تەكلىپ ياكى كىچىككىنە كۆرسەتمە دەپ چۈشۈنۈڭ. چوقۇم ھەربىر پارچە رەسىمدە مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قوللىنىمىز دېگەن گەپ ئەمەس. ئۇنداقمۇ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

]]>
/ten-tips-of-portrait-photography.html/feed 7
ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەر (1) /photos-of-taken-by-myself-1.html /photos-of-taken-by-myself-1.html#comments Sat, 14 May 2011 14:09:56 +0000 پاسىبان /?p=1989 [...]]]>

خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ سۈرەتكە تارتمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقۇم كېلىپ قالدى. داۋاملىق زاتۋور بېسىلىپ تۇرمىسا ئادەمنىڭ قولىمۇ قېتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. تازا قاملاشمىسىمۇ يوللاۋەردىم. ھېس قىلغانلىرىڭلارنى كۆرسەتسەڭلار تەڭ ئۆگىنەرمىز!

چېچىكىنىڭ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىكەن. بىرى بىناسىنىڭ ئاستىدىكى كىچىككىنە جايغا تېرىۋالغان ئىكەن، شۇ ئەتراپنى پۈتۈنلەي مۇشۇ گۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلاپ كېتىپتۇ

ئۇنىڭ يېنىدىلا بۇ ئەتىرگۈللەر

گەرچە ھاۋا سەل تۇتۇق بولسىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇر يەنىلا كۈچلۈكتەك … ئاق بالانىسنى يەنە ئۆزگەرتىپ تارتىپ باقتىم

ئەتىرگۈلنى كۆرسەملا تارتقۇم كېلىدۇ… :rose:

بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ شۇنداق بىر ئىشتىياق تۇغۇلدى. دەرھال بىنادىن چۈشتۈميۇ، نېمىنى تارتىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمگە چېلىققان جاينى شۇنداقلا تارتىۋەردىم

ھاۋا تۇتۇق بولغانلىقتىن ئاق بالانىسنى قانداق قىلسام ئەڭ ياخشى تەڭشەك ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ ئۆزگەرتتىم

يول، مۇشۇ جايدىن ھەممە باشلىنىدۇ …

ئالدىغا يەنە بىر قەدەم

ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ مۇھىتى بولامدىكەن؟ :cute:

ئامانلىق خىزمەتلىرىمۇ خېلى ئەتراپلىق ئىكەن

بۇ يول بايىقىغا قارىغاندا سەل ياخشىراق چىقتىمۇ نېمە؟ 8-O

سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بۇ قىزچاق يۈگرەپ ئالدىمغا كېلىپ تۇنجى قىلغان سۆزى مېنى ھەيران قالدۇرى:

- سىز ئۇيغۇرما ؟

بۇ شەھەردە شۇ بىر-ئىككى تونۇش-بىلىشلەردىن باشقا كىشىلەردىن ئۇيغۇرچە سۆز ئاڭلىمىغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ ھەيران قالدىم

مەنمۇ ھەيران بولۇپ سورىدىم:

- سىزمۇ ئۇيغۇرما؟ چۈنكى بۇ قىز ئۇيغۇرغا تۈزۈك ئوخشىمايتتى

- ياق، مەن قىرغىز.

ئەسلى بۇ قىزنىڭ دادىسى بۇ جايدا خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ قىز مەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ كۆرگەن 2-شىنجاڭلىق ئىدى.

ئاپاراتىمغا سالغان لېنزىنىڭ نۇر چەمبىرىكى يار بەرمىگەنلىكتىن زاتۋور ۋاقتىنى ئۇزۇنراق قىلىپ نۇر بېرىش مەقسىتىگە يەتتىم

چۈنكى بۇ چاغ ھەم سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان، ھەم نامازشامغا ئاز قالغان ۋاقىت ئېدى.

بىزنىڭ قورونىڭ مەركىزىدىكى راۋاق. ئەسلى شۇ جايغا كۆپرەك سۈرەتكە تارتماقچى ئېدىم. بىراق يامغۇر ئەدەپ كېىتپ قالدى

ئەگەر 3 پۇتلۇق جازىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ نۇر بېرىش ۋاقتىنى ئۇزاقراق تەڭشىسەك، قاشقارايغانغا ئاز قالغان بولسىمۇ مانا مۇنداق يورۇق رەسىمگە ئېگە بولىمىز.

ئىشىك ئالدىدىكى يېشىللىق

يېشىللىق ئارىسىدىكى «قىزىللىق»

ماۋۇ رەسىمنى قانداق تارتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟

بۇ ھىچقانداق ئىش قوشۇش، كومپىيۇتېردا ئۈنۈم بېرىش باسقۇچلىرىدىن ئۆتمىگەن، بىۋاستە ئاپارات ئارقىلىق تارتىلغان رەسىم. بۈگۈنكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق.

بىر ئازدىن كىيىن بۇ بالا يۈگرەپ ئالدىمغا كېلىپ قالدى

مەن تېخى ئافرىقىدىكى بىرەر ئەرەپ ئەللىرىدىنمىكىن دەپتىمەن

بۇ ئىككەيلەن ئاكا-سىڭىل ئىكەن

بۇلار ئېفئوپىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسى بويىچە بۇ شەھەردە تۇرىدىكەن. دادىسى تىجارەت قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

باشتا بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقۇچە ئېنگلىزچە گەپ قىلسام چۈشىنەمدىغاندۇ دەپ خەنزۇچە-ئېنگلىزچە ئارىلاشتۇرۇپ ئەبجەش گەپ قىلىپ يۈرۈپتىمەن. كىيىن پاراڭلىشىپ نەدىن كەلگەنلىكىنى سوراپ قويغىنىمىغا ئېنگلىزچە شەمەردەك كالدىرلاپلا كەتتى. ئېنگلىزچە دېگەننى ئۆتتۈرىدىكەن ئەمەسمۇ! لېكىن سەت چاندىم! :oh,no:

سىڭلىسى مۇزقايماققا شۇنداق ئامراق ئىكەن. كىچىك بالىغا بۇ ئەيىپ ئەمەستە!

ئەمدى ئۆيگە كىرىپ كېتەي دەپ لىفىتكە بىللە چىقتۇق. سىلەرنىڭ ئۆي مۇشۇ بىنادىمۇ دېسەم، ياق، بىز ئۆگزىگە چىقىپ ئوينايمىز دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ بىر كۆرۈپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ «ئۇلارغا ئەگىشىپ» ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتۇق. چۈنكى مەن ئۆزۈم تۇرغان قەۋەتتىن بىرەر قەۋەتمۇ ئۈستىگە چىقىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ تازلار كۈندە مۇشۇنداق ئوينايمىش

سىڭلىسى ئېگىزگە چىقىپ شۇنداق خوش بوپكەتتى. خۇشاللىقىدىن توختىماي سەكرەيتتى

ئاكىسى بولسا توختىماي پو ئاتاتتى. تېخى مەندىن قانداقراق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى، قورققان-قورقمىغانلىقىمنى سوراپ قوياتتى. قارىسام يېشى بالامدىن ئازراقلا چوڭدەك تۇرىدۇ بولمىسا، مېنى بەكلا ئۇششاق بالا كۆرۈپ قالدىمۇ بۇياق؟

مەن ئۆزۈم بىلەن بولۇپ سۈرەتكە تارتقۇچە بۇ يىگىت پوچىلىق قىلىپ ھېلى ئۇيەر، ھېلى بۇيەرگە ياماشقىلى تۇردى.

بۇ قىزنىڭ قولىدىكى مۇزقايماق شۇنداق بەرىكەت قىلدىكى! يىگەنسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى

چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرى بەكلا چىقىشقاق كېلەمدۇ، ئۆزىنىڭ ئۈستى-بېشىنى بىر قىلىپ بولۇپ ئەمدى ماڭا سۈكەشكىلى تۇردى.

مەن بۇ تەرەپتە سۈرەتكە تارتسام بۇ ئىكىسى كۆزۈمنى ئىلەشتۈرۈپ بىرى ئۇيانغا بىرى بۇيانغا چېپىپ، ئۈستىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئاستا ئۇلارنى ئېلىپ يېنىپ چۈشتۈم. بۇ ئىككى شاكىچىكنى ئۆيگە تەكلىپ قىلسام ھېچ ئىككىلەنمەي OK لا دېدى. ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشىمغا ئاران رەتلىگەن ئۆينى ئېگىز-پەس قىلغىلى تۇردى. بۇلار شۇنداق ئەركىن، قەتئىي تارتىنىش ۋەياكى ھىيقىش دېگەندەك ئالامەتلەر يوقتە! يەنە قويىۋەتسەم ئۇكام ئىككىمىز يېرىم كۈن ئۆي رەتلىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «مېڭىڭلار پەسكە چۈشۈپ ئوينايمىز» دەپلا ئاستا ئېلىپ چۈشۈپ كەتتىم. پەسكە چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا ئاپىسى ئىزدەپ چىققانىكەن، ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم ۋە ئىسسىغىدا ماقالىنى يوللىۋەتتىم.

]]>
/photos-of-taken-by-myself-1.html/feed 25
دۇنيادىكى مەشھۇر شارقىراتمىلار /201104241593.html /201104241593.html#comments Sun, 24 Apr 2011 12:30:29 +0000 پاسىبان /?p=1593 [...]]]>

شارقىراتما ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئەتتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى. دۇنيادا بەلكى شاقىراتما مەنزىرىسىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن يۈرەكنى يايراتقۇدەك شارقىراتما كۆرۈپ باقماپتىمەن. تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شاقىراتمىلاردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئاللاھ ئۆز كۆزىمىز بىلەن بېرىپ كۆرۈشكە نىسىپ قىلغۇچە تونۇشقاچ تۇرايلى.

1. ۋېكتورىيە شارقىراتمىسى.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شارقىراتمىنىڭ بىرىنجىسى بولغان ۋېكتورىيە شارقىراتمىسى جەنۇبى ئافرىقىدا بولۇپ، بۇ شارقىراتما جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ساياھەتچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بىر گۆھەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەر بۇ بۈيۈك شارقىراتمىنى ساياھەت قىلىش بىلەن گۈزەل تەبىئەتنىڭ ھوزۇرۇنى سۈرۈشتىن باشقا يات ئەللەرنىڭ مىللى پۇراقتىكى مەدەنىيىتىدىنمۇ ھوزۇر ئالالايدۇ. بۇ شارقىراتما كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن «دۇنيادىكى 7 چوڭ غارايىبات» تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن. شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 1،200 مېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما.

مەنبە

2. ئىگۇازۇ شارقىراتمىسى.

دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەت شارقىراتما دەپ نام ئالغان. ئارگىنتىنا ۋە برازىلىيە چىگرىسىغا جايلاشقان. ئاستى ۋە ئۈستى 2 قەۋەت بولۇپ، ئومومى كەڭلىكى 900 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېگىزلىكى 60~82 مېتىر ئارىلىقىدا. چوڭ-كىچىك بولۇپ 275 بۆلەك شارقىراتمىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ جايدىن پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرەلەيسىز.

3. خۇاڭگوشۇ

خۇڭگوشۇ شارقىراتمىسى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما. گۈيجۇدىكى بەيخى دەرياسىدا. ئومومى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 101 مېتىر، كەڭلىكى 78 مېتىر.


4. نىل دەريا شارقىراتمىسى

كۆك نىل شارقىراتمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ شارقىراتما ئېفئوپىيەگە جايلاشقان. Tis Issat دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئاز بولمىغان ساياھەت كىرىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


5. ئەنجىل شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتما ۋېنىسۇئىلاغا جايلاشقان . رەسىمدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ شارقىراتما ئېگىزلىكى بىلەن مەشھۇر. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 978 مېتىر بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتمىلارنىڭ بىرى. بۇ تاغنى يەرلىك كىشىلەر ئالۋاستى تېغى (Auyantepuy) دەپ ئاتىشىۋالىدۇ.


6. نىئاگارا شارقىراتمىسى.

بۇ شارقىراتمىنىڭ نامىنى بەلكى بۇرۇن ئاڭلاپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئورنى كانادادا. يىللىق ساياھەت مىقدارى 140 مىڭ ئادەم قېتىم. ئات تاقىسى شەكلىدىكى بۇ بۈيۈك شارقىراتمىنىڭ سېھرىي كۈچى زور بولغانلىقتىن يەرلىكنىڭ ساياھەت كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى.


7. جوگ شارقىراتمىسى.

شاراۋاتى دەرياسىنىڭ شارقىراتمىسى بولمىش بۇ شارقىراتما ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما ھېساپلىنىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 253 مېتىر.


8. گالفۇس شارقىراتمىسى

ئىسلاندىيەگە جايلاشقان بۇ شارقىراتما ئالتۇن شارقىراتما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى ۋە تۆۋەن 2 قاتلام بولۇپ، ئېگىزلىكى 32 مېتىر. بۇ ياۋرۇپادىكى چوڭ شارقىراتمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گۈزەللىكىدىن ئىسلاندىيەدىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ.


9. دەتىفۇس شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 44 مېتىر. ھەيۋەتلىكىدىن ناھايىتى يىراقتىنمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ئىسلاندىيەگە جايلاشقان. بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكونتىغا 500 كۇب مېتىر.


10. سازىرلەند شارقىراتمىسى.

بۇ شارقىراتما يېڭى زىلاندىيەنىڭ Fiorland دۆلەت باغچىسىدا. نەچچە قەۋەتلەپ چۈشكەن شارقىراتما تولىمۇ ھەيۋەت كۆرىنىدۇ.


11. Kaieteur شارقىراتمىسى.

ئەگەر شارائىت بوپقالسا بىر بارىدىغان شارقىراتما. گىۋىئانادا. قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ساياھەت قىلىشقا تاللىمايدۇ. ئېگىزلىكى 221 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر.


12. Yosemite شارقىراتمىسى.

كالفورنىيە شىتاتىدىكى Yosemite دۆلەت باغچىسىغا جايلاشقان. ئېگىزلىكى جەمئىي 739 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما قاتارىدا سانىلىدۇ.


13. كېگون شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتما ياپونىيەدىكى 3 چوڭ شارقىراتمىنىڭ بىرى. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 97 مېتىر. شارقىراتمىنىڭ بىر تەرىپىدىن كوبالت تاغ جىنسىنى كۆرەلەيسىز.

مەنبە

]]>
/201104241593.html/feed 5
تۇتۇق ھاۋادا نېمىنى قانداق سۈرەتكە تارتىش كېرەك؟ /201103041244.html /201103041244.html#comments Fri, 04 Mar 2011 14:41:23 +0000 پاسىبان /?p=1244 [...]]]>

ھەممىمىزگە ئايان. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا رەڭ ئېلىمىنت پەرقى كىچىك ۋە روشەن كۆرۈنگەن سايە بولمايدۇ. كۈن نۇرى ئاستىدىكىدەك قاراڭغۇ يەرلىرى قاراڭغۇ، يورۇق جايلىرى زىيادە يورۇق بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولمايدۇ. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا تارتقان سۈرەت كىشىگە كۈچلۈك رەڭ تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان پارچە-پارچە ئاق بۇلۇتلىرى بار كۆك ئاسمان بولماستىن كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ. بۇ بەلكى كۆرگۈچىگە تازا ھوزۇر بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقاندا كۈلرەڭ ئاسماننىڭ سۈرەتتىكى ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئۇنىڭغا جاينى كۆپ بېرىۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاپاراتىڭىزنى ئېگىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ

رەسىمگە تارتقاندا ئىلاجنىڭ بېرىچە ئاپاراتنى سەل ئېگىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت مەركىزى ئىددىيەنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىغان شەيئىلەرنى كۈلرەڭ ئاسماندىن زىمىنغا يۆتكەپ ئەكىلىشتىن ئىبارەت. قوشۇمچە شەيئىلەرنى تاللىغاندا ئەتراپتىكى يېشىل ئوت-چۆپلەر، ئورۇندۇق ياكى كىچىك چىغىر يول دېگەندەك نەرسىلەرنى تاللاش ئوبىكتى قىلىش لازىم. گەرچە قۇياش نۇرى كەمچىللىكتىن روشەن رەڭ پەرقى بولمىسىمۇ، ئاپاراتنىڭ ئىچىدىكى 阴天 ياكى 生动 ، ۋەياكى 风光 دېگەندەك ھالەتلەرنى تاللاپ كەملىگەن رەڭ ئېلىمىنتلىرىنى قوشىۋالساق بولىدۇ.

ئالدى مەنزىرە ئارقىلىق بوشلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىڭ

تۇتۇق كۈندە نۇر كۈچلۈك بولمىغاچقا جىسىمدىن قايتقان نۇر مەلۇم ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاپاراتقا قايتقۇچە بولغان جەرياندا، نۇر مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئالدى ۋە كەينى مەنزىرىدە ئوچۇق ۋە خۇنۈك بولغان مەنزىرە يارقىن شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوشلۇق ياكى ئارىلىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ دېگەن گەپ. قىستۇرما رەسىمگە قارىساق بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز.بوشلۇق تۇيغۇسى مەنزىرە رەسىملىرىنى تارتقاندا ئەڭ تەلەپ قىلىنىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چوڭ نۇر چەمبىرىكى ئىشلىتىش كېرەك (ئاپاراتتىكى A ياكى Av دېگەن جايغا ئەكىلىپ =f نى ئەڭ كىچىك سانلىق قىممەتكە توغرىلاپ تارتىڭ. مەسىلەن 4.0 ياكى 3.6 دېگەندەك). چوڭ نۇر چەمبىرىكى نۇر كىرىش مىقدارىنى كۈچەيتىپ يورۇقلۇق قوشۇش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە ئېلىمىنتلارنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئارقىلىق سۈرەتكە ھەقىقىيلىق ۋە مەۋھۇملۇق تۇيغۇسىنى تەڭ بېرىش مەقسىتىگە يېتىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.

ئادەم ئوبرازى يارىتىشتىكى ياخشى پەيت

ھاۋا تۇتۇق كۈندە يورۇقلۇق ئاز بولغاچقا، كۆرۈش ئارىلىقى بىز ئاز تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىراقتىكى جىسىملار ياكى ئاسمان زىمىن بىرلىشىپ كەتكەن سۈرەتلەرنى تارتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. گەرچە كۈچلۈك قۇياش نۇرى بولمىغىنى بىلەن بۇ خىل يورۇقلۇقنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدىلىكى بار. مەسىلەن، ھاۋا تۇتۇق كۈنى يورۇقلۇق بىر قەدەر ئىللىق، يورۇق ۋە قاراڭغۇ جايلارنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. ئېنىق سايە يوق. بىز بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىر ئاز نازۇك نوقتىلارنى ئوچۇق يورىتىپ بېرىش لازىم بولغان، قەۋەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىشى كېرەك بولغان تېمىلارنى تاللىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن، يېقىندىن ئادەم ئوبرازى يارىتىش ئۈچۈن بۇ ياخشى پەيت بولسا كېرەك. ئەگەر ئاپاراتىڭىزدا ئادەم تارتىش ھالىتى بولسا شۇنىڭغا توغرىلاپ، چوڭ نۇر چەمبىرىكى بىلەن سۈرەتكە تارتىڭ. چۈنكى نۇر بىر ئاز تۇتۇق بولغاچ تېرە رەڭگى بىر ئاز ئاجىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك تەشتەكتىكى ياكى گۈللۈكتىكى گۈللەرنى تارتىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن يوپۇرماقتىكى سۇ تامچىسىنى تارتقىنىمىزدا سۈرەت كۆڭۈلدىكىدەك چىقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى سۇ تامچىسىدا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرسا تېخىمۇ جانلىق، ئاشۇنىڭدىمۇ بىر دۇنيا باردىكىدەك كۆرىنىدۇ، شۇنداققۇ؟

شاقىراتمىنى تېما قىلىپ تاللىساقمۇ بولىدۇ. نۇر تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇزاقراق زاتۋور ۋاقتىنى قوللىنىپ، ماي بوياق سىزمىدەك ئۇلىشىپ كەتكەن سۇ تامچىلىرىنى ھاسىل قىلساق ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن.

]]>
/201103041244.html/feed 8
رەسىمنىڭ بىر پۈتۈن تەڭپۇڭلىقىنى قانداق تەڭشەيمىز؟ /201102211143.html /201102211143.html#comments Mon, 21 Feb 2011 06:38:09 +0000 پاسىبان /?p=1143 [...]]]>

بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئېلىمېنتنىڭ پۈتۈن بىر مەزمۇننى ئىپادە قىلغاندىكى جەريانىدا، بىر پۈتۈن گەۋدىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئېتىۋار بېرىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ. بۇ بىۋاستە رەسىمنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، سۈرەتنىڭ تىپىك زوق بېرىش دەرىجىسىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەممىنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى، تولۇق بولىشى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن تۇرمۇشتىن بۇيان تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ئالاھېدىلىكى. شۇڭا كىشىلەر بىر پارچە سۈرەتتىن زوقلانغان ۋاقىتتا بۇ خىل پىسخىكا تەبىئىي ھالدا باھاغا كىرىشىپ كېتىدۇ.

تەڭپۇڭ بولمىغاندا ناھايىتى قولايسىز بولىدىغانلىقىغا مىساللار دېگەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتىمۇ جىق. بىز مۇشۇنداق كۆپلىگەن تەڭپۇڭ شەيئىلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقاچقا بۇ خىل تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ھالىتى بىزنىڭ سۈرەتتىن ھوزۇرلىنىشىمىزدا مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. بىر پارچە سۈرەت قانداق بولغاندا ئادەمگە مۇكەممەل، مۇقىم، تەڭپۇڭلىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھېسياتنى بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن «پىسخىك ھالەت» تىن ئوبدان پايدىلىنىش كېرەك.

ئۇنداق بولسا، ھەرقانداق تېمىدىكى سۈرەتتە پۈتۈن شەيئىلەرنى تەپمۇ-تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاقىلانىلىك بولامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس.

  • ئەگەر سۈرەت سالماق، تەمكىن، ئېغىر بېسىق، جىمجىتلىق تېمىسىدىكى سۈرەت بولسا ئۇ چاغدا شەيئىلەر مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھەتتا سىممېتىرىك ماس ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، تەكشى مۇقىم تۈسىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدا جىمجىتلىق، خىلۋەت ۋە ئېغىر بېسىقلىق، سالماقلىق ئىپادە قىلىدۇ.
  • ئەگەر سۈرەت نازۇك، ئىللىقلىق ۋە لىرىك تېمىدىكى مەنزىرە سۈرەتلىرى بولسا سىممېتىرىك بولمىسىمۇ، زىچلىق ۋە شالاڭلىق، ھەقىقىيلىق ۋە مەۋھۇملۇق ئارىلىشىپ كەلسە بولىدۇ. لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن يەنە تەڭپۇڭ بولىشى كېرەك. خۇددى ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمدىكىدەك.

بۇ خىل تەڭپۇڭلۇققا ۋاقتى كەلسە مەلۇم مۇددىئا بويىچە يەنە ئازراق خىلاپلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ. سۈرەتتە بىر خىل تەڭپۇڭسىز ھالەت ياساپ ئۇلار ئىچىدە بىر خىل ئەنسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، خۇددى مەلۇم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھالەتكە ئەكىلىش. بۇ ئارقىلىق ئاساسى تېمىنى يەنە يورۇتۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكىلىرى ئۈستىدىكى دېيىلگەن سۈرەتتىن نوقۇل پەرق قىلىدىغان باشقا تېمىدىكى سۈرەت. لېكىن بۇ تەڭپۇڭسىزلىق خالىغانچە قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن گەپ ئەمەس.

سۈرەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتە مونو 5 نوقتا بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  • ئاساسى تېمىنىڭ سۈرەتتىكى ئورنى
  • قوشۇمچە شەيئىلەرنىڭ سۈرەتتىكى ئورنى
  • مەنزىرىنىڭ ئاساسى تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى رولى
  • سۈرەتكە يەنە ئازراق بىكار بوشلۇق قوشۇپ قويۇش
  • ئاخىرىدا ئومومى گەۋدىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش

بۇ 5 نوقتىغا ئۈستىگە قىستۇرۇلغان قىستۇرما رەسىم ناھايىتى ئوبدان مىسال بولالايدۇ. ھەۋەسكار دوسلارنىڭ كىيىنكى ئەسەرلىرىدە ئوبدان پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

]]>
/201102211143.html/feed 2