بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باشقا كېسەللىكلەر >> تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك

تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:30:18    كۆرۈلۈش سانى : 6750  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تۇنجى مۇھەببەت مۇھەببەتلىشىشنىڭ باشلىنىشى، مۇھەببەت سىمفونىيسىىنىڭ بىرىنچى بابى.
       ياخشى تەسىر بىلىپ - بىلمەيلا مۇھەببەتكە ئايلىندۇ. بۇ تۇنجى مۇھەببەت باسقۇچىنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر. نۇرغۇن ياشلاردا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، تونۇشۇش ۋە دوستلۇقتىن مۇھەببەت ئۇرۇقى بىخلايدۇ. ئەمما كۆپ كىشىلەر ھەممە ئىش شۇنداق تەبىئىيلا بولغاچقا، ئۆزىنى مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن دەپ قارىمايدۇ.
        ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە بولغان غۇۋا تۇيغۇ - تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر. «پەقەت ئۆزى ياخشى دەپ قارىسا، ئارىلىشىشقا بولىدۇ» مانا بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى. ئەمما ئۇلار قانداق بولسا «ياخشى» بولىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي جۆرىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يەنىلا بىلمەيدۇ. شۇڭا، يۈرىكىنىڭ سوقۇش يۆنىلىشى ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ، سۆيگۈ ئوبيېكتىمۇ ئاسانلا ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
       ئۇزۇنغىچە ئايرىلماي بىللە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىش، بىردىن ئايرىلماسلىق - تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر. بەزى ياشلار سۆيگۈ دەرياسىغا بىر چۈشكەن پېتى پەقەت ئۈزۈشنىلا بىلىدۇ، قىرغاققا چىقىپ «ئارام ئېلىش»نى بىلمەيدۇ. تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىكى ھېسسىياتنىڭ ئۇرغۇشى ئۇلارنى، قارشى تەرەپنى كۆرسە - كۆرسە زېرىكمەيدىغان، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلارغا ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
         تۇنجى مۇھەبەتنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئالاھىدىلىكى تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلاردا ئاسانلا مۇنداق تۆت خىل پسىخىك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
        1. سىرلىقلىق تۇيغۇسى
        قىز - ئوغۇللار تۇنجى مۇھەببەتلەشكەندە، مۇھەببەتلىشىشنىڭ نېمىلىكىنى تازا دېگەندەك بىلمەيدۇ. بىۋاسىتە كۈزىتىش تۇيغۇسى سىرلىق بولىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇھەببەتلەشسىمۇ، لېكىن جورا مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش ۋاقتى بەك بالدۇر بولغاچقا مۇناسىۋىتى دېگەندەك تۇراقلىق بولمايدۇ. ئاقىۋىتىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى سىر تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىغىمۇ ئاشكارىلىمايدۇ. بۇ يالغۇز تۇنجى مۇھەببەت ئاساسىنىڭ مۇقىم بولمىغانلىقىدىنلا ئەمەس، تۇغما خىجىللىق تۇيغۇسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
       2. روھلىنىش تۇيغۇسى
        تۇنجى مۇھەببەت سىرلىق بولىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى كۈچىنى قوزغىتىدۇ. بەزى جىمغۇر ياشلار تۇنجى قېتىم مۇھەببەتلەشكەندە، شوخلىشىپ كېتىدۇ، چىرايىدىن كۈلكە - تەبەسسۈم نېرى بولمايدۇ. بۇ چاغدا «كۆڭۈل دېگەن پادىشا، كۆيۈپ قالسا تارتىشا» دېگەندەك پسىخىك تەسىرنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ. بەزىلەر مۇھەببەتكە بەك مەسخۇش بولۇپ كېتىپ، ھاياجاندىن كاللىسى گاڭگىراپ ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ئالدىراپ - سالدىراپلا كېلىشىپ، مۇھەببەتنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەر پەردە يېپىپ قويىدۇ.
          3. ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى
         تۇنجى مۇھەببەتلەشكەندە، «ئىككى كىشىلىك دۇنيا»دا تۇيۇقسىز ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر خوشاللىق ۋە ھاياجانلىنىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. بىللە تۇرغان ۋە بەدەنلىرى بىر - بىرىگە تېگىشىپ كەتكەن چاغدا ۋۇجۇدىدا قىزىق بىر ئېقىم پەيدا بولىدۇ. قوللىرى تىترەپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىتىشىدۇ، سۆيگۈنىنى ئويلىسىلا، ۋۇجۇدىدىكى قېنى ئۇرغۇيدۇ. بۇ چاغدا، گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت ئويلانمايلا قىلىنىدۇ، ھېسسىياتى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىلىدۇ. نەتىجىدە زىيادە ھاياجان تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالىدۇ.
       4. تەقەززالىق تۇيغۇ
        ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ مىجەز - خۇلقىنىڭ قانداقلىقىنى، نېمىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، خاراكتېرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىر دەمدىلا بىلىپ بولغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسى، كۆز قارىشىنى ناھايىتى بىلگۈسى كېلىدۇ.
         تۇنجى مۇھەببەتلىشىش پسىخىكىسىنى چۈشىنىش مۇھەببەت يولىنى توغرا بېسىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق.
        ئەگەر سىز تۇنجى مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، بىر - بىرىڭلارنىڭ تۇنجى مۇھەببەتكە بولغان روھىي ھالىتىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەببەتكە ئاقىلانە پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.
       تۇنجى مۇھەببەت - سۆيگۈنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. شۇڭا سۆيگۈ ئوتى لاۋۇلدىغان چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك. مۇھەببەت ئۈچۈن ئوت - كاۋاپ بولۇپ يېنىپ، ھېسسىياتنى ئىسراپ قىلىۋېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۆزىمۇ نابۇت بولىدۇ، باشقىلارمۇ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. كونىلاردا: «ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇدى» دەيدىغان گەپ بار. ئاستا - ئاستا، تەبىئىي داۋاملاشقان مۇھەببەتلا ئاندىن ھەقىقىي نەتىجە بېرىدۇ.
        ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىكى زىيادە ھېسسىيات تۈسى ۋە مەجنۇنلۇقنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. «بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش»قا بەك مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىك، مۇھەببەت تەسىرىگە تۇنجى بولۇپ كىرگەن كىشىنى كەم - كۈتسىز جورا ئورنىدا كۆرمەسلىك، كەلگۈسىنىڭ ئۇلىنى ئويلانمايلا بېسىپ قويماسلىق كېرەك.
        ئىككى تەرەپنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۈزەكى خوشاللىقنى تېخىمۇ يۈكسەك قەلب قەسىرىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئۇچرىشىش جەريانىدىكى كىچىككىنە ئېھتىياجنى ئىنچىكە كۈزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويماسلىق كېرەك. مۇھەببەتلىشىش - قەلىبلەرنىڭ قوشۇلىشىدۇر. قەلىبلەر ئۆزئارا تۇتاشقاندىلا ئاندىن مۇھەببەت مەڭگۈ سولىشىپ قالمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخ...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  پسخىك سىناق دېگەن ن...
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قا...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگ...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگ...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەر...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...
●  ھاياتلىقنىڭ تۇنجى ئوزۇقى _ سۈت...
●  بۇرۇن قاناشنى يەرلىك ئۇسۇلدا...
●  كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغ...
●  ھېق تۇتۇش
●  يۈرەك قېپىغا سۇ چۈش...
●  ئاچلىقتىن ئايلىنىپ...
●  بىلىۋېلىڭ
●  ھەسەل بىلەن چىڭ سەي...
●  ھەسەل بىلەن پەمىدۇ...
●  چىراينى گۈزەللەشتۈ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسى...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگە...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دې...
●  پسخىك سىناق دېگەن نېمە؟
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق ...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگەن نې...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنى...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگەن نې...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ ي...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى