پسخىك سىناق دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:28:00 كۆرۈلۈش سانى : 1022
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
پسىخىكىلىق سىناق دېگىنىمىز مۇئەييەن پسىخولوگىيە نەزەرىيىلىرىگە ئاساسەن، بەلگىلىك مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە، ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا بىر خىل مىقدارلاشقان قىممەت بېكىتىشتىن ئىبارەت. پسىخىكىلىق سىناقنى تەجرىبە قىلىش، كۆزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ پسىخىك ئالاھىدىكىنى بىۋاسىتە كۈزەتكىلى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىدە يەنە روشەن خاسلىق پەرقى بولمايدۇ، بىراق ھەرقانداق بىر خىل پسىخىك ئالاھىدىلىك ھامان مۇئەييەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. پسىخىكىلىق سىناقنىڭ مەقسىتى، سىناق جەريانىدا كىشىلەرنىڭ مەلۇم ھەرىكەتلىرىنى يەنى سىناق سۇئاللىرىغا بولغان ئىنكاسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەم مۇشۇ ھەرىكەت، ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا مۇۋاپىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىلىق پسىخولوگ بران «پسىخىكىلىق سىناق - بىر ھەرىكەت ئەۋرىشكىسىنىڭ سىستېما تەرتىپىنى ئۆلچەش يەنى ئادەمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ئاز ساندىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ بارلىق ھەرىكەت - پائالىيەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئۇنى سانلىق مىقدار ئارقىلىق ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ قارىغان. ھەرىكەت ئەۋرىشكىسى دېگىنىمىز سىناق جەريانىدا ئىشلىتىلگەن، مۇئەييەن پسىخىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان بىر گۇرۇپپا ھەرىكەت بىلەن پسىخىك ئالاھىدىلىك ئارىسىدا بىر قەدەر كۈچلۈك باغلىنىش بولغان بولىدۇ. پسىخىكىلىق سىناق مۇئەييەن دەرىجىدە ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ. ئىشەنچىلىك بولۇش - سىناق نەتىجىسىنىڭ قايىل قىلارلىق ياكى تۇراقلىق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈنۈملۈك بولۇش - مەلۇم پسىخىك ئالاھىدىلىكنى سىناقنىڭ ھەقىقىي، توغرا ھالدا ئۆلچەپ چىقىش - چىقالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر سىناق ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسى ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. ئىشەنچلىك بولغان بىر سىناقنى چوقۇم ئۈنۈملۈك بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن سىناقنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى چوقۇم يۇقىرى بولىدۇ. سىناقنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش ۋە ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پسىخىك سىناقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ناھايىتى زۆرۈر. ئۆلچەملەشتۈرۈش - سىناقنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىرتقى ئامىلنىڭ سىناق نەتىجىسىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سىناقتا بىر گۇرۇپپا سىناق سۇئاللىرى بولغاندىن سىرت يەنە بېكىتىلگەن ھۆكۈم قىلىش جەدىۋىلىدىن بىر ياكى بىرقانچىسى بولۇشى كېرەك بولۇپ، ئۆلچەشتە ئېرىشكەن پسىخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ «مىقدارى» شۇ جەدۋەل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. ئاددىيراق بولغان ھۆكۈم قىلىش جەدۋىلى بىۋاسىتە ھالدا سىناق نومۇرىدىن تەركىب تاپقان تەرتىپلىك مىقدار جەدۋىلى بولۇپ، «مىقدار»نىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ، شۇ ئارقىلىق شەخسنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ پەرق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كۆپ ساندىكى پسىخولوگلار ستاتىستىكا ئىلمىدىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، سىناق نومۇرى ئۆلچەملىك نومۇرغا ئايلاندۇرغان دەرىجە پەرقى بىرلىك قىلىنغان ھۆكۈم جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ شەخسنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىك دەرىجىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىچىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. پسىخىكىلىق سىناق نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل جەھەتتە، ھازىرچە تېخى تولۇق مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىگەچكە، سىناق نەتىجىسىنىمۇ نوقۇل ھالدا زېھنىي قابىلىيەت ۋە مىجەز - خاراكتېرنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىراق، پسىخىكىلىق سىناق ئىنسانلارنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنى چۈشىنىپ، پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىمىزگە قارىتا مۇئەييەن دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا، پسىخىكىلىق سىناقنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ. مەسىلەن: ئەقلىي ئىقتىدار ئاجىزلىق، روھىي كېسەللىك ۋە نېرۋا فۇنكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ۋە نېرۋا فۇنكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە كېلىنكىلىق دىئاگنوز قويۇشتا پسخىكىلىق زېھنى - قابىلىيەت سەۋىيىسىگە باھا بېرىش ۋە مىجەز - خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ؛ پسىخىكىلىق سىناق ئالاھىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ پسىخىكىلىق سىناق پسىخىك مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئاسارىتىدىن ۋە مىجەز - خاراكتېردىكى توسالغۇدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
«پسىخىكىلىق تەڭشەش» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
|
|