بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باشقا كېسەللىكلەر >> ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگەن نېمە؟

ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگەن نېمە؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:29:15    كۆرۈلۈش سانى : 1415  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

       ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، سەگەك ھالەتتىكى ئادەمنىڭ سەزگۈ، ھېسسىياتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەرقانداق ھالەتتىكى ئادەمنىڭ سەزگۈ، ھېسسىياتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەرقانداق تەپەككۇر، ئەسلىمىلىرى ۋە بارلىق سىرتقى تەسىرلەرگە بولغان ئىنكاسى ۋە ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق، پىسخىكا - كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي پائالىەت جەريانىدا، مېڭىسى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە قايتۇرغان سۇبيېكتىپ، پائال ئىنكاسىدىن ئىبارەت. پسىخىك ھادىسىلەر مېڭە پائالىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ سەزگۈ، تۇيغۇ، خاتىرە، تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر، ھېسسىيات، ئىرادە قاتارلىق پىسخىكىلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ پسىخىكىسى پائالىيەت ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ، بۇ خىل قانۇنىيەت ھەممىلا ئادەمگە ئورتاق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.


        تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ماكان - زاماندىكى بىر جۈزئىي كۆرۈنۈشىنى مىسالغا ئېلىپ، ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىگە بولغان ئىنكاس پائالىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى. مەسىلەن: ئۇزۇن يىل سىرتتا خىزمەتتە بولۇپ يۇرتىغا پويىز بىلەن قايتىۋاتقان بىر ياش پويىز كارۋىتىدا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئالدى بىلەن «گۈلدۈر - گۈلدۈر» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، رېتىملىق تەۋرىنىشنى ھېس قىلىدۇ، كۆزنى چاقىدىغان نۇرنى كۆرىدۇ ۋە قولىغا تىۋىتلىق، يۇمشاق بىر نەرسىنىڭ تېگىۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ... مانا بۇلار سەزگۈ يەنى ئادەم تېنىدىكى بىر قاتار سەزگۈ ئەزالىرىغا كىرگەن سىرتقى تەسىردىن ئىبارەت.


       ئارقىدىنلا بۇ ياش يۇقىرىقى سېزىملار ئارقىلىق، «گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز» ۋە «تەۋرىنىش»نىڭ پويىز دېرىزىسىدىن چۈشكەن قۇياش نۇرى ئىكەنلىكىنى، «تىۋىتلىق ھەم يۇمشاق» نەرسىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە يېپىۋالغان يۇڭ ئەدىيال ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا بىلىۋالىدۇ، مانا بۇ تۇيغۇدىن ئىبارەت.


       پويىز بۇ ياشنىڭ يۇرتىدىكى ۋوگزالغا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ پويىز ئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان ھەممە نەرسىگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن دېرىزىدىن قاراپ، يۇرتىدىكى ۋوگزال سۇپىسىنى تېزراق كۆرۈشكە ئىنتىزار بولىدۇ، مانا بۇ دىققەت ئىنكاسىدىن ئىبارەت. دىققەت مەلۇم نىشانغا مەركەزلەشكەندە، دىققەت چەمبىرىكى سىرتىدىكى مۇھىم بولمىغان ئادەم ۋە شەيئىلەر كۆپىنچە ھاللاردا نەزەردىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. پويىز ۋوگزالغا كىرگەندە، ئۇ ئۆزىگە تونۇش بولغان ۋوگزال پلستفورمىسىنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۇزىتىپ چىققاندىكى كۆرۈنۈشنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇ چاغدىكى مەنزىرە، سېيمالار ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئەكس ئېتىدۇ. مانا بۇ خاتىرە ئىنكاسىدۇر.


       «بۈگۈن مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ۋوگزالغا كىملەر چىققاندۇ؟ ياشىنىپ قالغان ئاناممۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە چىققانمىدۇ؟» دەپ ئويلىشىغىلا، بۇ ياشنىڭ مېڭىسىدە ئانىسىنىڭ سىيماسى ئەكس ئېتىدۇ. مانا بۇ تەسەۋۋۇر... پويىز گۈدۈك بېرىپ، ۋوگزالغا كىرگەندە، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسىنى كۆرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ ياش ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ، مانا بۇ ھېسسىيات.


    يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ پسىخىك جەريانىدۇر. بۇ جەريان ھامان ئادەمنىڭ بىلىش پائالىيىتىدىن مەيدانغا كېلىپ، ھېسسىياتنى قوزغىتىدۇ ھەمدە ئىرادە شەكىللىنىدۇ. پسىخىك پائالىيەتنىڭ جەريانى ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ پسىخىك پائالىيەت جەريانى مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلەر ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ خاسلىق پسىخىكىسىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى بۇ خاسلىق پسخىكا پەرقىدىن ئىبارەت. ھەممىگە ئايانكى، دۇنيادا بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئىككى تال يوپۇرماق يوق، شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر - بىرىگە مۇتلەق ھالدا ئوخشايدىغان پسىخىكىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.


      مۇھىت، مەدەنىيەت، سەزگۈزەشتە قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مىجەز - خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ رىئاللىقتىكى (يەنى كۈندىلىك ھەرىكەت ئادىتى، كىشىلىك ئالاقە، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش، كونكرېت مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە باھاسى قاتارلىقلار) ھەرقانداق تەپەككۇر، ھېسسىيات ھالىتى ۋە تاللىشى پسىخىكىنىڭ رولى ۋە تەسىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.


    پسىخىكا كىشىلەرنىڭ تاللاش خاھىشىغا، ياخشى كۆرۈش، بىزار بولۇش، مۇھەببەت، نەپرەت قاتارلىق ھېسسىياتىغا قارىتا رول ئويناپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشىدىمۇ ئۆزىگە خاس تەسىر  ۋە رولغا ئىگە بولغان بولىدۇ.


     كۆپلىگەن پەن تەتقىقات دوكلاتلىرىدا، راك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ پسىخىك ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. شۇڭا، پسىخولوگىيە بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇپ قويسىڭىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زور پايدىسى بار.


«پسىخىكىلىق تەڭشەش» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخ...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  پسخىك سىناق دېگەن ن...
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قا...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگ...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگ...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەر...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...
●  ھاياتلىقنىڭ تۇنجى ئوزۇقى _ سۈت...
●  بۇرۇن قاناشنى يەرلىك ئۇسۇلدا...
●  كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغ...
●  ھېق تۇتۇش
●  يۈرەك قېپىغا سۇ چۈش...
●  ئاچلىقتىن ئايلىنىپ...
●  بىلىۋېلىڭ
●  ھەسەل بىلەن چىڭ سەي...
●  ھەسەل بىلەن پەمىدۇ...
●  چىراينى گۈزەللەشتۈ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسى...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگە...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دې...
●  پسخىك سىناق دېگەن نېمە؟
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق ...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگەن نې...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنى...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگەن نې...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ ي...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى