ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باشقا كېسەللىكلەر >> ھېق تۇتۇش

ھېق تۇتۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-04 10:51:16    كۆرۈلۈش سانى : 1  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
 ھېق تۇتۇش ئاشقازان گۆشلىرىنىڭ تارتىشىشى ۋە قېتىپ قېلىشى نەتىجىسىدىكى مۇرەككەپ ھەرىكەتتىن ئىبارەت. بۇ ئاشقازان ئېغىزىدا ۋە پۈتۈن ئاشقازان قىسمىدا يۈز بېرىدۇ. بەزىدە قىزىلئۆڭگەچتىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.  ئالامىتى ۋە داۋاسى:  1. ئاشقازان كۆپ مىقداردىكى غەلىز تاماقلارنى كۆتۈرەلمەي، ھەرىكىتى مۇرەككەپلىشىپ، ئاشقازان ساھەسىدە ئېغىرلىق سېزىلىدۇ. ئاشقازان بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ھېق كېلىپ چىقىدۇ. مۇنداق ھاللاردا ئالدى بىلەن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، تۇز ۋە سىركەنجىۋىل ئىچكۈزۈپ قۇستۇرۇپ، ئاشقازاننى بوشىتىش كېرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورىلارنى بېرىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بۇيرۇش لازىم. 2. ئاشقازان زەئىپلىكى تۈپەيلىدىن، يەللىك تاماقلارنى يېيىش بىلەن ئاشقازان ۋە قىزىلئۆڭگەچتە قويۇق يەل پەيدا بولىدۇ. بۇ يەلنىڭ چىقىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتىدە مەغلۇپ بولۇشى ھېق بولۇپ چىقىدۇ. مۇنداق ئاغرىقلاردا ئىلگىرى ئاشقازان ئاجىزلىق ئالامەتلىرى بار بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە بوۋاقلاردا ئۇچرايدۇ. زىرە، مەستىكى ۋە پىننىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، ئېغىز ئىچىدە ئوبدان چايناپ تۇرۇپ ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇق يۇتۇلىدۇ. زەنجىۋىلنى شۈمۈش كېكەرتىپ، ھېقنى ساقايتىدۇ. 3.ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلار )مەسىلەن: مەجۈنى پىلپىل( ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە، ئاشقازاندا ئۆتكۈر غىدىقلىنىش يۈز بېرىپ، ئاق، سېرىق ياكى قارامتۇل كۆك رەڭدە قۇسىدۇ. سىركەنجىۋىل بىلەن كۆپ مىقداردا ئىلمان سۇ ئىچكۈزۈپ قۇستۇرۇش لازىم. ئاشقازاندىكى ئېچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىسپىغۇل لوئابى، بېھى لوئابى بېرىلدۇ. ئۇسسۇزلۇقىغا سۈت ۋە بادام يېغى قوشۇلغان قايناق سۇ بېرىش لازىم. 4. ئاشقازان ئېغىزىنى بەلغەم ماددىلارنىڭ توسۇۋېلىشى تۈپەيلىدىن ھەزىم بۇزۇلۇپ، چۈچۈمەل كېكىرىش ۋە ئېغىزدىن سۇ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەردىن كېيىن ھېق تۇتىدۇ. بەلغەمنى تازىلاش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا بېرىش كېرەك. بۇ خىلدىكى ئاغرىقلارغا چۈشكۈرتكۈچى دورىلار ياخشى تەسىر قىلىدۇ. 5. ئاشقازان مىزاجىنىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن ھېق تۇتۇشى مۇمكىن. بۇنداقتا ئۇسسۇزلۇقنىڭ كەملىكى، ئىسسىق نەرسىلەرنى خالاش، ئاشقازاننىڭ زەئىپلىكى بولىدۇ. ئاشقازاننى قىزىتىش ئۈچۈن كەرەپشە ئۇرۇقى، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، زىرە، رۇم بەدىيان، زەنجىۋىل، پىننە، قۇندۇز قەھرى، ياۋا پىياز قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ھېق تۇتۇش
يۈرەك قېپىغا سۇ چۈش...
ئاچلىقتىن ئايلىنىپ...
بىلىۋېلىڭ
ھەسەل بىلەن چىڭ سەي...
ھەسەل بىلەن پەمىدۇ...
چىراينى گۈزەللەشتۈ...
يەپ تويماسلىق كېسى...
كېكەچلىك كېسىلى با...
جىنسى ئاجىزلىقنى د...
ياشانغانلار سۇنى ك...
ئاتا-ئانا بىلەن بىۋ...
دورا يېمەي قان بېسى...
كۆز ئىچىدىكى قىزىل ...
بۇرۇنىڭىز قانامدۇ؟...
بانان پوستى بىلەن ك...
تېپىشماق3
تاڭلاي ياللۇغى
بىر تېۋىپنىڭ نەسىھ...
ئىختىلاج (بەدەن بۇل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ھېق تۇتۇش
يۈرەك قېپىغا سۇ چۈشۈش
ئاچلىقتىن ئايلىنىپ كېتى...
بىلىۋېلىڭ
ھەسەل بىلەن چىڭ سەي سۇين...
ھەسەل بىلەن پەمىدۇر سۇي...
چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش
يەپ تويماسلىق كېسىلى(شە...
كېكەچلىك كېسىلى بارلار ...
جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالا...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316