چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 13:33:22 كۆرۈلۈش سانى : 0
رېتسېپ:
تەركىبى :ياڭاق مېغىزى 100 ~ 015 گرام، پىلە قۇرتى 50 گرام.
ياساش ئۇسۇلى :پىلە قۇرتىنى سەل - پەل قورۇپ ئېلىپ، ياڭاق مېغىزى بىلەن بىللە دۈملەپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :تېرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىدۇ، قان تومۇرلارنى ئېچىپ، راۋانلاشتۇرىدۇ، قان تومۇرلارنى سىلىقلايدۇ، چاچنى قارايتىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا يېرىم ئاي ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :چوڭ چىلان 100 گرام، خاسىڭ مېغىزى 100 گرام، ھەسەل 020رام.
ياساش ئۇسۇلى :
چوڭ چىلان بىلەن خاسىڭ مېغىزىنى يۇيۇپ تازىلاپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ، سۇس ئوتتا يۇمشىغىچە پىشۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ، شىلىمشىق مەلھەم بولغۇچىلىك قاينىتىپ، ئوتنى تارتىۋېلىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :20 - 30 كۈن بىر داۋالاش كۇرسى قىلىنىدۇ، بىر قېتىمدا تەييارلانغان دورا كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :خام دولانا 500 گرام، ھەسەل 200 گرام.
ياساش ئۇسۇلى :خام دولانىنىڭ ساپىقى بىلەن ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازان ياكى كورىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن ئېزىپ پىشقۇچە قاينىتىلىدۇ،
ئاندىن قاينىتىلغان دولانا سۈيى تۈگەپ كېتەي دېگەندە ھەسەل قوشۇپ، سۇس ئوتتا قويۇق مەلھەم قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :قانلارنى جانلاندۇرۇپ، خىلىتلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، مايلارنى ئېرىتىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :كۈندە 50 گرامدىن، ئۇدا 15 - 20 كۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :چوڭ چىلان 30 دانە، ياڭيۇ 500 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :ياڭيۇ سۇدا پىشۇرۇلۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، چىلاننى سۇدا پىشۇرۇپ ئېزىلگەندە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئېزىلگەن ياڭيۇ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۇمىلاق زوۋۇلا قىلىپ، ئۈستىگە ھەسەل سېپىلگەندىن كېيىن، قازاندا 10 مىنۇت دۈملەپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :قان پەيدا قىلىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :
تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇدا 15 - 02 كۈن يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :لىمون بىر دانە، توخۇنىڭ تۆش گۆشى 200 گرام، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن تەم تەڭشىگۈچلەر مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى :لىموننى نېپىز ياپراقچە قىلىپ توغراپ، توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى توغراپ لىمون بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە تۇخۇم ئېقى بىلەن تەم تەڭشىگۈچلەرنى سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا قورۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :تېرىنى يۇمران قىلىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :تەييارلانغان دورىنىڭ ھەممىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن، كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇدا 10 - 15 كۈن يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :بۆلجۈرگەن 10 دانە، سۈت 100 مىللىلىتىر، ھەسەل بىر قوشۇق.
ياساش ئۇسۇلى :
بۆلجۈرگەننى سۇدا ئېقىتىپ يۇيۇپ، ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ، پىشۇرۇلغان سۈتكە سېلىپ، ئېزىپ، ئۇماچتەك قىلىپ ئاخىرىدا ھەسەل قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :
تېرىنى پارقىرىتىپ، سىلىقلاشتۇرىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :
مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :ئۆرۈك ئىككى دانە، سۈت 100 مىللىلىتىر، ھەسەل بىر قوشۇق.
ياساش ئۇسۇلى :
ئۆرۈكنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇرۇقچىسىنى ئېلىۋېتىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەسەل بىلەن پىشۇرۇلغان سۈتكە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :
تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ تېرىسى قۇرغاق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى :
مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رېتسېپ:
تەركىبى :ئاناناس بىر دانە، تۇز بىر گرام، ھەسەل بىر قوشۇق.
ياساش ئۇسۇلى :
ئاناناسنى يۇيۇپ، ئاقلاپ، ئۇششاق توغراپ، ئېزىپ، ئۈستىگە تۇز سېپىپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، پىسەپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى :
قورۇقنى يوقىتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى.
ئىشلىتىلىشى :
مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|