ئاچلىقتىن ئايلىنىپ كېتىش كىسىلى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-04 13:15:38 كۆرۈلۈش سانى : 0
بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان كىشى قورسىقى ئاچقانغا غىزا كېچىكىپ قالسىمۇ ھوشىدىن كېتىدۇ.
سەۋەبى: ئاشقازان ئېغىز قىسمىنىڭ زەئىپلىكىدىن ئىبارەت.
ئالامىتى: ئادەتتىكى چاغلاردا تەشنالىق زىيادە بولۇپ، دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ. ئاچ قالسا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
داۋاسى: ھوشسىز ھالەتتە بولسا ئايلىنىپ كېتىش بابىدا سۆزلەنگەن چارىلار قىلىنىدۇ. ئالما شەربىتى )تەركىبى: ئالمىنى سويۇپ، ئىچىدىكى ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇششاق توغرىلىدۇ ياكى قىرغۇچ بىلەن قىرىلىپ، ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان سۇدىن بىر ھەسسە، شېكەردىن تۆت ھەسسە ئېلىپ قىيام قىلىپ، ئالما سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ، ناھايىتى سۇس ئوتتا ئاستا قاينىتىپ، قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، 17 ~ 33 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئانار شەربىتى )تەركىبى: تاتلىق ئانار دانىسى بىر ھەسسە، ئاچچىق ئانار دانىسى يېرىم ھەسسە، شېكەردىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، ئانار دانىلىرىنى پاكىز نەرسە بىلەن سىقىپ، سۈزۈپ، شېكەرنى سېلىپ، ئوتنى سۇس قالاپ، ھوشيارلىق بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ( >ئوتنى كۈچلۈك قالاپ شەربەت كۆيۈپ قارىداپ كېتىشتىن ساقلىنىش شەرت< دىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تاماقنى ئۆز ۋاقتىدا يېيىش لازىم. ئەگەر بۇ كېسەل ئۇزۇن داۋام قىلسا سەرئىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بېرىلىدىغان دورىلار تەسىر جەھەتتە تېز بولۇشى كېرەك. |
|