پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئادەمنىڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:05:42 كۆرۈلۈش سانى : 547
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى ۋە زىيىنى
پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا پايدىسىمۇ بار، زىيىنىمۇ بار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ پايدىلىق يېرى شۇكى، ئادەم پسىخىك بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئازابنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئۆز - ئۆزىڭىزگە "بۇنداق ناچار ئادەملەر بىلەن تەڭ بولماي" دېسىڭىز، ئۆزىڭىزدە غەزەبلىنىش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنالايسىز. ۋاھالەنكى، بىر قىسىم كىشىلەر تۇيۇقسىز قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندا، دەماللىققا پسىخىك مۇداپىئەلىنىشكە ئامال قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. پسخىك مۇداپىئەلىنىش مېخانىزملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى پاسسىپ كەپىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ۋاسىتە بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار رېئاللىقنى بۇرمىلاپ، يوشۇرۇن ياكى ئىنكار قىلىپ، پسىخىك تەرەققىياتقا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بىراق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا پسىخىك مۇداپىئىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ھەر بىر ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئادەتلەنگەن پسىخىك مۇداپىئە ۋاسىتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىشى بىلەن ئۇ مۇقىم كۆز قاراش، پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز - خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: «ئىنكار قىلىش» ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر باشقىلارغا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان تەسىر بېرىپ قويىدۇ؛ «مۇۋاپىقلاشتۇرۇۋېلىش» ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر دائىم دېگۈدەك ئىشنى كېيىنگە سۆرەيدۇ ياكى ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويىدۇ؛ «كۆز قارىشىنى سىرتقا تېڭىش» ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز كەمچىلىكىنى كۆرۈۋالالماي، ئۆز كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىك دەپ قارايدۇ، ۋاھاكازالار. مىجەزى - خاراكتېر جەھەتتىكى بۇ نۇقسانلار تەرەققىي قىلىپ، ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىدۇ، ئەمما مەزكۇر كىشى بۇنى بىلمەستىن، ئۆزىنىڭ «كېسىلى بارلىقى»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا، مىجەز - خاراكتېرىدە توسالغۇ بولغان بىمارلارنى داۋالاش دائىم دېگۈدەك تەسكە توختايدۇ. پسىخىك مۇداپىئە ئاڭسىز ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، «ئۆزىگە قاراڭغۇ، كىشىگە ئايان» بولۇشتەك ئەھۋال مەۋجۇت بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىشلاردا باھانە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى باشقىلار ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن شۇ كىشىلەر بۇنى ئېتراپ قىلمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەر بىر نورمال ئادەمنىڭ پسىخىكىسىدا «قارىغۇ نۇقتا» ياكى ئادەمنى كېسەللىككە گىرىپتار قىلىدىغان «خەۋپ» پەيدا قىلىدۇ. بىر بىمارنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقۇزىمىز دېسەك تازا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پسىخىكا دوختۇرىنىڭ ئىشى، بىراق ھەر بىر نورمال ئادەمنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «قارىغۇ نۇقتىسىنى» بايقاپ، ئىدراكىي ۋاسىتە ئارقىلىق كەپىياتنى تەڭشەپ، باتۇرلۇق بىلەن رېئالىققا يۈزلىنىدىغان، ھەقىقىي تاكامۇللاشقان ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
«پسىخىكىلىق تەڭشەش» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
|
|