پسىخىك توقۇنۇش دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:24:48 كۆرۈلۈش سانى : 598
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تۇرمۇش ناھايىتى مۇرەككەپ، كىشىلەر تۇرمۇشتا بەزىدە يەتمەكچى بولغان نىشانى، قاندۇرماقچى بولغان ئېھتىياجى بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغان، ئۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرنىلا تاللاش ئىمكانىيىتى بولغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پسىخىك توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شۇنداقلا ھەل قىلىش قىيىن بولغان پسىخىك توقۇنۇش - مۇددىئا جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: مۇستەقىللىق ياكى باشقىلارغا تايىنىۋېلىش، كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش ياكى يىراقلىشىش، كۆڭلىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاش ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىغا رىئايە قىلىش، ھەمكارلىشىش ياكى رىقابەتلىشىش قاتارلىقلار. بەزىدە مەقسەت - مۇددىئا بىرلا بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان بىر قانچە ئۇسۇل ياكى يول ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكىلى بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە، پسىخىك توقۇنۇشنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئاساسىي تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. 1. ئىنتىلىش ئارىسىدىكى توقۇنۇش: يەنى بۇ جەلب قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىككى نىشان بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، بۇۇ ئادەم بۇ نىشاننىڭ بىرىنى تاللىسا يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدىغان پسىخىك توقۇنۇش بولغاچقا، يەنە قوش ئىنتىلىشلىك توقۇنۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت بۇنىڭ مىسالىدۇر. 2. ساقلىنىش ئارىسىدىكى توقۇنۇش: يەنى بۇ ئۆزىگە پايدىسىز بولغان ياكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىككى ئىش بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا تەڭلا كۆرۈلۈپ، بۇ ئادەم بۇ ئىشلارنىڭ بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، مۇقەررەر ھالدا يەنە بىرسىگە دۇچ كېلىدىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدىغان پسىخىك توقۇنۇش، ئۇ قوش ساقلىنىشلىق توقۇنۇش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: راك كېسىلىگە گىرىىپتار بولغان بىمار ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا، خەتىرى چوڭ بولىدۇ، بىراق دورا بىلەن داۋالانسا ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ ھەمدە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا، ساقلىنىش ئارىسىدىكى توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. 3. ئىنتىلىش بىلەن ساقلىنىش ئارىسىدىكى توقۇنۇش: بۇ جەلب قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان، لېكىن ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغان نىشان پەيدا قىلىدىغان پسىخىك توقۇنۇشتۇر. مەسىلەن: بەزىلەر باي بولۇشنى ئويلايدىيۇ، ئىشلەشنى خالىمايدۇ؛ بەزىلەرنىڭ تاماكا چەككۈسى كېلىدۇ لېكىن سالامەتلىككە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەم باشتىن - ئاخىر ئىككى خىل مۇددىئا ئارىسىدا ئىككىلىنىپ خاتىرجەمسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل پسىخىك توقۇنۇشقا دۇچ كېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىكى بۇ خىل پسىخىك توقۇنۇشنىڭ قايسى تىپقا كىرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىپ، ئاندىن كېسەلگە ئاساسەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.
«پسىخىكىلىق تەڭشەش» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
|
|